2022-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن فرانسىيە پايتەختى پارىژدىن بىر خۇشخەۋەر تارقالدى. فرانسىيە پارلامېنتى بۈگۈن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئىتىراپ قىلىش-قىلماسلىقنى ئاۋازغا قويغان ئىدى. ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان 175 پارلامېنت ئەزاسىدىن 170 كىشى ئاۋاز قاتناشتۇرغان بولۇپ، 5 كىشى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. نەتىجىدە، بىرگە قارشى 169 پارلامېنت ئەزاسى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىپ ئاۋاز بەرگەن. مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بىلەن ئېلىنغان بۇ قارار مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى چەكسىز سۆيۈندۈرگەن. فرانسىيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا بۈگۈن ئەتتىگەندىن بېرى نامايىش قىلىپ خەۋەر كۈتۈپ تۇرغان ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ شاتلاندۇرغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، فرانسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان باشلىق بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان يەرلىك فرانسۇز ئاكتىپلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان ۋە فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن پائال تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ بۇ ئەجرى ئاخىرى مېۋە بەرگەن.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» فرانسىيە پارلامېنتىدا بۈگۈن ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، يەنى 17-يانۋار كۈنى پارلامېنتتا خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. بۇ يىغىنغا ياۋروپادىكى بىر قىسىم لاگېر شاھىدلىرى بىلەن بىرگە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ قاتناشقان. 3 كۈندىن بۇيان پارىژدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، فرانسىيە پارلامېنتى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىنىڭ بىر بۆسۈش بولغانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقى تەكىتلىدى.
فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ قارارىدىن مەمنۇن بولغۇچىلار ئارىسىدا لاگېر شاھىدلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى، قەلبىنۇر سىدىق ۋە ئۆمەر بېكئالى قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ كۆپ ھاياجانلانغانلىقىنى ۋە خۇشال بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. قەلبىنۇر سىدىق خانىم 17-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈنكى فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىغا بولغان سۆيۈنۈشلىرىنى ئىپادە قىلدى. ئۆمەر بېكئالى بولسا بۇ خىلدىكى قارارلارنىڭ پۈتۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بۈگۈن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىنى قوبۇل قىلىشى، دەل فرانسىيە پرىزدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېڭىلا رەئىس بولغان بىر مەزگىلىگە، شۇنداقلا خىتايدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش ھارپىسىغا توغرا كەلگەن ئىدى.