فرانسىيە پارلامېنتىدا يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن

0:00 / 0:00

1-ئاينىڭ 26-كۈنى فىرانسىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى فېردىكۇس دامىس خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەسھەل ھەمرايېۋا خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

20-يانۋار كۈنى فرانسىيە پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرى فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

بۈگۈن، يەنى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنغا فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىدى قەلبنۇر سىدىق خانىم، شۇنداقلا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىر ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى فېردىكۇس دامىس خانىم ۋە د ئۇ ق نىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەسھەل ھەمرايېۋا خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 26-يانۋار، فىرانسىيە.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى» قوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنىر ئەپەندى، لوندوندىكى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ رەئىسى جېففىرىي نايس ئەپەندىمۇ تور ئارقىلىق قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» پىكىر بايان قىلغان.

بۈگۈنكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنغا فرانسىيەدىكى ھەرقايسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ، 40 قا يېقىن كىشى قاتناشقان.

يىغىندا فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى يانلوس بورلانگىن ئەپەندى ۋە پارلامېنت ئەزاسى فېردىكۇس دامىس خانىم ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان.

فرانسىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسلىھەتچىسى ژېنىۋېر كارىگوس خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

فىرانسىيە پارلامېنتىدا پارلامېنت ئەزاسى فېردىكۇس دامىس خانىم ۋە د ئۇ ق نىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئەسھەل ھەمرايېۋا خانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 26-يانۋار، فىرانسىيە.

رادىئويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئەپەندىم بۈگۈنكى بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.

لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۈگۈنكى بۇ گۇۋاھلىق ئاڭلىتىش يىغىنىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇمكى، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا،

بېلگىيە، چېخىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىدى.