دىلنۇر رەيھان: «فىرانسىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئاتاشنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولماقتا»

0:00 / 0:00

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەن يىۋېس لېدرىئان يېقىندا فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فىرانسىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ئۈچۈن ئويلىشىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە فىنفو رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەن يىۋېس ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر رادىيوغا قىلغان سۆزىدە، «بۇ ئاتالغۇ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئاتالغۇ. ئۇ سوراشقا ئەرزىيدۇ، بىز بۇ تېمىدا ئويلىشىشقا تەييارمىز» دېگەن.

1-ئاپرېل كۈنى فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» نىڭ باشلىقى دىلنۇر رەيھان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلنۇر رەيھان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەن يىۋېس لېدرىئاننىڭ فىرانسىيەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ۋەھشىي قىلمىشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ئۈچۈن ئويلىشىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى تاراتقۇلاردا ئاشكارا ئىپادىلىشىگە، كۆپ خىل ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا-ياۋروپا دۆلەتلىرىدە، «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان» لىقى ئېتىراپ قىلىنغان، فرانسىيەسنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن.

فىرانسىيە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە بولسا، ئۇيغۇرلارنى قوللاش سادالىرى بارغانچە كۈچەيگەن.

دىلنۇر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى» دىكى تەتقىقاتچىلار تەييارلاپ ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر-دوكلاتلار، فىرانسىيە پارلامېنتىدىكى 55 پارلامېنت ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان «ئۇيغۇر سەپداشلىق گۇرۇپپىسى»، 250 شەھەردە قۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش ياشلار گۇرۇپپىسى» قاتارلىقلارنىڭ تەشەببۇسى قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا شارائىت ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.