فرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى چاقىرغان يىغىنىغا قاتناشقانلار، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2021-11-10
Share
فرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى چاقىرغان يىغىنىغا قاتناشقانلار، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى فىرانسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى فىرانسىيەدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن تور يىغىنىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2021-يىلى 3-نويابىر.
Photo: RFA

فرانسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى فرانسىيەدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىن توغرىسىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، بۇ يىغىنغا فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىدىن بولۇپ، 10 كىشى قاتناشقان. ئۇلار يىغىندا «ئۇيغۇرلارنىڭ خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» ھەققىدە لاپ ئۇرۇشقان، غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دېيىلىۋاتقانلارنىڭ پۈتۈنلەي «يالغان» ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا، گوللاندىيە، لاتۋىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر، خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ۋە مۇھاجىرلارنى چاقىرىپ تور يىغىنى ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەپ زادى نېمە؟

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ 3 سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى 2018-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىنىڭ بەكلا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ چۈشۈپ كەتكەن بۇ «ئابرويى» نى قايتا تىكلىشىنىڭ قىيىنغا توختاۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ياسالما پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاينىڭ تۆكۈلۈپ كەتكەن «ئابرويى» نى يۇقۇرى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتنىڭ فرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي بىر پائالىيەت ئەمەسلىكىنى، خىتاي ئەلچىخانىسى تور ئارقىلىق خىتاي تىلىدا ئۆتكۈگەنلىكىنى، شۇڭا بۇنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭغا قاتناشقان 3 ئۇيغۇرنى جامائەت پىكرى ئارقىلىق تەنقىد قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى خىل تىپقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

دىلنۇر رەيھان خانىم خىتاينىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىدىكى مەقسىتىنىڭ خىتاي ئىچىگە قارىتا تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەكبەر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ داۋاملىق تۈردە بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فرانسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ يىل 9-ئىيۇل كۈنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىنغا خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خادىملىرى قاتناشقان ئىدى. ئۇلار يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن خوشال-خورام ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت مەلۇماتلارنىڭ پۈتۈنلەي «يالغان ئىكەنلىكى» نى ئېيتىشقان. مەزكۇر يىغىنغا يەنە پارىژ چوڭ مەسچىتىنىڭ مۇدىرى شەمسىدىن ھافىز قاتناشقان بولۇپ، مەزكۇر مەسىلە فرانسىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت