«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرى فىرقەت جەۋدەتنىڭ ئانىسىنى غۇلجىدىكى ئۆيىدە زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.12.10
firqet-jewdet-anisi.jpg ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەت ئەپەندى ئاقساراي ئالدىدا (2019-يىلى 28-مارت، ۋاشىنگتون) ۋە ئىلگىرى ئىككى قېتىم لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن ئېغىر ئاغرىق تۈپەيلى ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان ئانىسى مىنەۋەر تۇرسۇن خانىم. (2018-يىلنىڭ باشلىرى)
REUTERS

9-دېكابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان ئاپىسى مىنەۋەر تۇرسۇن بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان ئاۋاز پروگراممىسى تارقىتىلدى.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پائول موزۇر ئامېرىكا پۇقراسى فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئاپىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۈزۈلۈشى، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ چەتئەلدە تۇغقىنى بار، دېگەن سەۋەب بىلەن لاگېرغا تۇتۇلغانلىقى ۋە فىرقەتنىڭ دۇنيانى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتتىن خەۋەردار قىلىش يولىدا داۋا باشلىغانلىقى ھەققىدە ئىلگىرى پروگرامما ئىشلەپ تارقاتقانىدى. پائول موزۇر يۇقىرىدىكى ئاۋازلىق پروگراممىدا فىرقەت ئۆيىدە نازارەتكە ئېلىنغان ئاپىسى بىلەن گەرچە ھەر كۈنى كۆرۈشسىمۇ، ئەمما ئاپىسىنىڭ تېلېفوندا ھەقىقەتنى سۆزلەش ئىمكانى يوق بولغاچقا، فىرقەتنىڭ ئۆزىدىن ئاپىسى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ۋە فىرقەتنىڭ بۇ ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئاخىرى ئۆزىنىڭ غۇلجىغا بېرىشتىن ئىبارەت بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. فىرقەت بولسا ئاپىسىغا بىر ئاماللار ئارقىلىق ئۇنى بىرىنىڭ زىيارەت قىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

پائول موزۇر بۇ قېتىملىق سەپىرىنى خىتاي دائىرىلىرى بايقاپ قېلىشتىن ئاۋۋال فىرقەتنىڭ ئاپىسى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن خىتايدا مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ تەقىبىدىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىگە بولغان بارلىق تەجرىبىلىرىنى ئىشقا سالغان. ئۇ سۆزىدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئامال بار ئەڭ بالدۇر ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى تاللىغانلىقىنى، ئايرودرومدا كەينىدە ئادەم بار يوقلۇقىنى داۋاملىق كونترول قىلىپ تۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ غۇلجا ئايرودرومىغا ئەتىگەن سائەت 7 دە قونغاندىن كېيىن غەلىبىلىك ھالدا فىرقەتنىڭ چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەن.

مۇخبىر پائول موزۇر بۇنىڭ بىلەن دەرھال فىرقەتكە تېلېفون قىلغان ۋە فىرقەت بۇ ئۇچرىشىشقا تەرجىمانلىق قىلغان. فىرقەتنىڭ ئاپىسى مىنەۋەر خانىمنىڭ ئاۋازىدىنلا ئۇنىڭ لاگېردا قانچىلىك دەرىجىدە زۇلۇم كۆرگەنلىكى، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم 2017-يىلى ئۆكتەبىردە لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى، 2018-يىلى يەنە قايتىدىن ئەپ كىرىلگەنلىكى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى فىرقەت جەۋدەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ يەنىمۇ قاتتىق شارائىتلاردا باشقۇرۇلىدىغان لاگېرغا يۆتكەپ، ئۇنى قېيىن-قىستاققا ئالغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ يەنە لاگېر ئىچىدىكى قېيىن-قىستاق، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىق، جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرىنى ئېيتىپ بەرگەن.

مۇخبىر پائول موزور فىرقەتنىڭ ئاپىسى مىنەۋەر خانىمنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بولسىمۇ، دورا بېرىلمىگەنلىكتىن پۇت-قوللىرى ئىششىپ، تىلى ئىششىپ گەپ قىلىشىنىڭمۇ ئىنتايىن قېيىن ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ بۇ كىشىلەرنى جازالاش، قىيناش ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

پائول موزۇر بايانىدا، فىرقەتنىڭ ئاپىسىنىڭ بېلى قاتتىق ئاغرىغانلىقتىن ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقى ۋە باشقا سالامەتلىك ئەھۋاللىرىنى سۆزلەپ بەرگەندە بۇنى فىرقەتنىڭمۇ تۇنجى قېتىم ئاڭلىغانلىقىنى، فىرقەتنىڭمۇ ھەقىقىي ئەھۋالدىن شۇ چاغدا خەۋىرى بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ.

پائول موزۇر سۆزىدە «فىرقەتمۇ ئۆتكەن 3 يىل جەريانىدا ئاپىسىغا زادى نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى شۇ چاغدا ئۇقتى. شۇ چاغدا مەن بىر تەرەپتىن قاتتىق ھاياجانلانساممۇ، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن فىرقەتنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولۇشى مېنى قاتتىق چۆچۈتۈشكە باشلىغان ئىدى».

رىياسەتچى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ «دېمەك ئۇنىڭ بايانلىرىدىكى قورقۇنچلۇق دېتاللار ئوتتۇرىغا چىققانسېرى سىز بۇ سۆھبەتكە شاھىت بولۇۋاتقان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئەنسىرەشكە باشلاپسىز-دە» دەيدۇ. پائول موزۇر بۇنىڭغا «دەل شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

پائول موزۇر ئاخىرىدا فىرقەتنىڭ ئاپىسى مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئوغلىغا مەدەت بېرىپ: «بىر ئوغۇلبالىنىڭ ئانىسى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلدىڭىز، مەن سىزنى مۇشۇنداق يېتىشتۈرگەن» دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ سۆھبىتى داۋام قىلىۋاتقاندا ئۆيدە بىر ئادەم پەيدا بولۇپ قالغان ۋە ئارقىدىن ئىككى نەپەر كادىر ئۆيگە كىرگەن. دائىرىلەرنىڭ بۇ زىيارەتتىن خەۋەردار بولغانلىقى ئاشكارىلىنىشى بىلەن پائول موزۇر ئۆيدىكىلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ساقچى كېلىشتىن بۇرۇن دەرھال ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بولغان خىتاي قاتتىق خاپا بولۇپ، فىرقەتكە تەھدىت سالغان. ئەگەر بۇ سۆھبەتنى ئاشكارىلىغان تەقدىردە ئاپىسىنى ئۆلتۈرۈدىغانلىقىنى جار سالغان. پائولنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلار بۇ تەھدىتتىن كېيىن سۆھبەتنى ۋاقىتلىق ئاشكارىلىماي تۇرغان. بىراق، فىرقەت ئاپىسى بىلەن سۆزلىشىپ، ئۆزىگە مۇشۇنداق تەھدىت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، فىرقەتنىڭ ئاپىسى مۇنەۋۋەر خانىم «مەن كۆرۈدىغاننى كۆرۈپ بولدۇم بالام. مېنىڭ ئەمدى قورقۇشۇم قالمىدى» دېگەندىن كېيىن فىرقەت ئاخىرى بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى ئاشكارىلاش قارارى ئالغان.

فىرقەت «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاۋازلىق پروگراممىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق تەھدىتلىرىنىڭ ئۆزىنى قورقۇتالمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھازىر ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتنى ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغانلىقىنى، لاگېرلاردا بولۇۋاتقان شۇنچە زۇلۇم ئالدىدا سۈكۈت قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇ جاسارەتنى، بۇ مەدەتنى ئاپىسىدىن ئالغانلىقى تەكىتلەپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلىدۇ: «پائول ئاپامنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، ‹فىرقەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى ئائىلىمىزنىڭ يۈز قارىسى، دېدى› دەپ بىر ماقالە ئېلان قىلىپتۇ. مەن ئاپامغا بۇنى دەپ بەرسەم ئاپام بەك ئاچچىقلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئۇ ئۆيگە كىرگەن كادىرلارغا ئاچچىقلىنىپ «سىلەر نېمىشقا مېنىڭ ئوغلۇمنى بۇنداق دەپ تىللايسىلەر. ئۇ دېگەن ئانا ئۈچۈن بىر ئوغۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى، دەپ تىللاپتۇ. مەن ئاپامنىڭ بۇ جاسارىتىدىن ھەيران قالدىم. دېمەك مەن بۇ جاسارىتىمنى ئاپامدىن ئۆرنەك ئالغانكەنمەن.»

فىرقەت جەۋدەتنىڭ ئاپىسىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇپ «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بارلىق كىشىلەر مىنەۋەر ئانىنىڭ بۇ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ مەزكۇر ئاۋازلىق پروگراممىسى پەقەت تىۋىتتىردىلا مىڭ قېتىمدىن ئوشۇق ھەمبەھىرلەندى. بىز كېيىنكى ئاڭلىتىشلىرىمىزدا بۇ ھەقتە داۋاملىق ئاڭلىتىش بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.