فىرقەت جەۋدەت: «ئاپامنىڭ دېگەنلىرى پۈتۈن ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزى» (1)
2019.12.12
9-دېكابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجادىكى ئۆيىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان ئاپىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇن بىلەن يۈز تۇرانە سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان ئاۋاز پروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ 2017-يىلى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغاندىن بېرى بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر، لاگېردا كۆرگەنلىرى، ئۇچرىغان قېيىن-قىستاقلىرى ۋە شۇ زۇلۇم سەۋەبىدىن ئورنىدىن قوپالمايدىغان بولۇپ قالغاندا ئۆيىدە نەزەربەندكە ئېلىنغان بۇ جاپاكەش ئانىنىڭ ئەھۋالى مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار باشقا كىشىلەر بولسۇن، بارلىق تىڭشىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. بىراق ئۆزىنى يەنىمۇ جىق كۈلپەتلەر كۈتۈپ تۇرغان بولۇش ئېھتىمالىغا قارىماي، ئوغلى فىرقەتكە بۇ سۆھبەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەن بۇ ئانىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس روھى ھەممە كىشىنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. بىز بۈگۈن فىرقەت جەۋدەتنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ شۇ مىنۇتلاردىكى تۇيغۇلىرىنى سورىدۇق.
زىيارىتىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە پروگرامما ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتىن كەلگەن ئىنكاسلار، ئاپىسىنىڭ بۇ ھەقتە دېگەنلىرى ئۈستىدە فىرقەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
(داۋامى بار)