دوكتۇرانت فىرقەت يۇنۇس: مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىم بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەس!

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2021.10.07
دوكتۇرانت فىرقەت يۇنۇس: مېنىڭ بۇ نەتىجىلىرىم بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمە ئەمەس! گوللاندىيە دىلفىت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان فىرقەت يۇنۇس. 2011-يىلى 29-ئىيۇن.
RFA/Uyghur'ay

گوللاندىيە دىلفىت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان فىرقەت يۇنۇسنىڭ ئايروپىلان شاۋقۇنى ھەققىدىكى ماقالىسى2021-يىلى 8-ئايدا ئامېرىكا ئاكۇستىكا ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

Firket-Yunus.jpg

ئۇنىڭ مەزكۇر ئىلمىي ماقالىسى ئاۋىئاتسىيە كەسپى ساھەسى بويىچە ئۆزىگە خاس يېڭى ئىلمىي پىكىرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

فىرقەت يۇنۇس 2018-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيە دىلفىت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە ئىنژېنېرلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان ۋە ئوقۇشىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

گوللاندىيە دىلفىت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان فىرقەت يۇنۇس(ئوڭدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن.
گوللاندىيە دىلفىت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان فىرقەت يۇنۇس(ئوڭدا) ساۋاقداشلىرى بىلەن.

ئۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2007-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.

ئۇ 2010-يىلىدىن باشلاپ چەتئەلدىكى ئوقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن، 2011-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپى بويىچە ئوقۇشقا كىرگەن.

2016-يىلى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكترون مېخانىك ئىنژېنېرلىقى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇغان ھەم 2018-يىلى گوللاندىيە دىلفىت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە كەسپىگە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەنىدى.

فىرقەت يۇنۇس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ئىلمىي ماقالىسىدە نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، بۇ ماقالىسىنىڭ ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق پەن-تېخنىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.