ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلانغىنىغا خېلى بولدى. شۇ قاتاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مىسال، دېيىش مۇمكىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار پەيدا قىلىۋاتقان «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇربانى» بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمەت «قىلچىلىكمۇ كەڭ قورساقلىق قىلالمايدىغان» قىلمىش ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2023-يىلىنىڭ بېشىدا ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىلىپ پوتتېر (Philip Potter) ۋە ئايداخو (Idaho) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى چېن ۋاڭنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا يېزىلغان «كەڭ قورساقلىققا قىلچىمۇ ئورۇن يوق: خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› دىكى زۇلۇملار ۋە سىياسىي زوراۋانلىق» ناملىق ئەسەر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەر كىتابخانلار ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
«يادرولۇق مەنپەئەت»: «مۇتلەق رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق» تىن «قىلچىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق» قىچە
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە 2010-يىللىرىدىن كېيىن كۆرۈلگەن تۈپلۈك ئۆزگىرىشكە «پىلتا» بولغان ۋەقەلەر قاتارىدا ئاپتورلار 2013-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن مەيدانىغا ماشىنىلىق ھۇجۇم قىلىش» ۋەقەسى ۋە 2014-يىلىدىكى «كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم» ۋەقەلىرىنى تىلغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىدا ئۇلار «دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەر» دېيىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئاساسلىق قورال پىچاق بولغان. بولۇپمۇ 2014-يىلى 30-ئاپرېلدا شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىگە جاۋابەن ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا پارتلىغان بومبا شى جىنپىڭنىڭ كۆپ قېتىملىق نۇتۇقلىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەمدە بۇ خىلدىكى «تېررورلۇق» قىلمىشلىرىغا قارىتا «قىلچىمۇ رەھىم-شەپقەت قىلماسلىق» لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭغا ئۇلاپلا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە قانات يايغان.
ھالبۇكى، ئاشۇ زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىق جاۋابكارلىرى ئۆلۈم جازاسى ياكى ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ئىزچىل تىك سىزىق شەكلىدە ئۆرلەشكە باشلىغان. نەتىجىدە ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى باستۇرۇشلىرى داۋاملىق كۈچىيىپ ماڭغان. ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم ياۋروپا پارلامېنتلىرى بۇ ھالنى «قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور خامچوت ۋە ئادەم كۈچى بەدىلىگە ماڭدۇرۇۋاتقان لاگېر سىستېمىسىنى توختىتىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە قىلچىلىكمۇ بېشارەت كۆرۈلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاداققىي مەقسىتى قانداقتۇر «دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن زەھەرلەنگەن» كىشىلەرنى «داۋالاش» ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىش ياكى ئۇلارنى «ئىسمى بار، جىسمى يوق» ئۇيغۇرلارغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما پروفېسسور فىلىپنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل باستۇرۇشلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مەقسەدلىرىمۇ بار. بۇنىڭدا تېخىمۇ مۇھىم بولغان «يادرولۇق مەنپەئەت» ئامىلى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغان زور تېما ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدەك «يادرولۇق مەنپەئەتى» بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر پارتىيەلىك ھۆكۈمرانلىق نوپۇزى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلغان بولسىمۇ، بۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى «يىراق چېگرا رايون» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقلەرنى «يىپتەك باشقۇرۇش» قا تېخى قادىر بولالمىغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ رايوندىكى بەزى «كۆزگە سىغمىغان» ھادىسىلەرگە «كەڭ قورساقلىق قىلىشقا» مەجبۇر بولغان. دېڭ شياۋپىڭ ھەمدە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جياڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە بولسا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىدېئولوگىيە رامكىلىرى بىكار قىلىنىشقا باشلىغان. شۇ قاتاردا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنى باي قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسى بەدىلىگە ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا ھېچقانداق سوئال قويۇلماسلىق لازىملىقىنى شەرت قىلغان. ئەمما بۇ جەرياندا خىتاي باي بولغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئاپتونومىيەنىڭ بارغانسېرى تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان ھەمدە خىتايغا قارشى نارازىلىقلار بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. خىتاينىڭ بىر ئەسىردىن ئارتۇق «جاھانگىرلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى» نى، شۇنىڭدەك «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى» نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان شى جىنپىڭ دەۋرىگە كەلگەندە بولسا خىتاي كومپارتىيەسى مىللەتچىلىككە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىغان ھەمدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ بىردىن-بىر «ھېمايىچى» ئىكەنلىكىنى، «خىتاي كومپارتىيەسى بولمىسا خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقتىن قالىدىغانلىقى» نى تەكىتلەشكە ئۆتكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىتاي دۆلىتىگە روبرو بولۇشى ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر تەستەككە باراۋەر بولۇپ قالغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور فىلىپ مۇنداق دېدى.
«مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سوئال يەنىلا ھازىرقى تۈزۈمنىڭ مەۋجۇت بولۇش مەسىلىسىدۇر. بۇ يەردىكى مەسىلە چېگرا بويىغا جايلاشقان ئاشۇ ماكاندىكى سانى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر قىسىم كىشىلەردىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى بىلەن قانداق ئالاقىسى بارلىقىنى قانداق شەرھلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى خىتاي كومپارتىيىسى يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ خىتاي جەمئىيىتى ئۈچۈن بىردىن-بىر قانۇنلۇق باشپاناھ ۋە نىجات يۇلتۇزى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي خەلقى ماھىيەتتە دېڭ شياۋپىڭ باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت بىلەن ‹دۆلەت ھاكىمىيىتى خەلقنى باي قىلىدۇ، خەلق بولسا ھاكىمىيەتنى شەرتسىز ئېتىراپ قىلىدۇ› دېگەن مەزمۇندا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئەمما شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بۇ خىل ‹قانۇنىي ھامىيلىق› مەسىلىسىدە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىكى ئۆزگىرىش شۇ بولدىكى، بۇ خىل ‹قانۇنىي ھامىيلىق› ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇقىملىق بەرپا قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدىغان بولدى. بۇنىڭدىكى يېتەكچى ئىدىيە شۇ بولدىكى، ‹كومپارتىيە خىتاي ئۈچۈن مۇقىملىق بەرپا قىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارادىكى قۇدرەتلىك رولچى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ› دەيدىغان قاراش ھازىر مۇستەھكەم ئورۇن ئالدى. شۇڭا بۇ نۇقتىنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەمدە مۇقىملىققا خىرىس پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق ھادىسە، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىغا سوئال قويىدىغان ھەرقانداق سىياسىي ھەرىكەت شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىدە كۆرۈلسە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى دەرھاللا تۈپ يىلتىزىدىن قىرقىپ تاشلايدۇ. ھازىر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جۆر بولغان ھالدا خىتاي مىللەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن بازارغا سېلىۋاتىدۇ.»
پروفېسسور فىلىپنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملىرىدا ئەكس ئەتكەن ۋەھشىيلىك بىر تۈرلۈك سىياسەت بولۇپ، ئۇ قانداقتۇر بىرەر شەخس ئۇقۇشماستىن سادىر قىلغان خاتالىق ئەمەس. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىكى نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلىدىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى-دۆلەتنىڭ تۈپكى مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ» دەيدىغان باش ئىدىيە يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇ قېتىملىق نۇتۇق تېكىستىدە ئۇچرايدىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ماھىيەتتە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپكى مەنپەئەتىگە، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا، شۇنىڭدەك مۇقىملىققا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شىنجاڭدىكى كادىرلىرىمىز ئىجرا قىلىۋاتقان چارىلەر بەكمۇ ئىپتىدائىي شەكىلدە قېلىپ قالغان. بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز شۇنداق شەكىل ئېلىشى لازىمكى، ئەڭ ئاخىرىدا تېررورچىلارنى كوچىدىكى چاشقاننىڭ ئۇر-ئۇرغا قالغىنىدەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى لازىم» دېگەن قۇرلار بۇنى تولۇق نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە بولغان ھەرقانداق قارشىلىقىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق نوپۇزىغا قىلىنغان خىرىس، دەپ چۈشەنگەن شى جىنپىڭ بۇ خىل قارشىلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىگە «قىلچىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى قوش مەنىدە»
ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملار ھەققىدە سۆز بولغان ھامان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنى مىسال قىلىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ھەرقاچان مۇشۇ ئارقىلىق «يوللۇق» قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن. ئەمما ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى ۋەقەلەر تارىختا دەرۋەقە بەزى دۇنياۋى زور ھادىسىلەرگە پىلتا بولغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس. ئاپتورلار بۇ خىلدىكى مىساللار تەرىقىسىدە 1914-يىلى سېربىيە مىللەتچىلىرىنىڭ ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ شاھزادىسى ئارچديۇك فېردىناند (Archduke Ferdinand)نى سارايېۋو شەھىرىدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈشى تۈپەيلىدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ياكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى پىلتا قىلغان ھالدا تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىپ كېتىشىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئەمما ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشلىرى ئاللىقاچان زۆرۈر بولغان قارشىلىقنى ۋە «تېررورلۇق تۇپرىقى» نى «تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش» سەۋىيىسىگە يەتكەن بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا ئىزچىل داۋام قىلغان. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ ئامىل غەرب دۇنياسى ئىزچىل سەل قاراپ كەلگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىققا ۋە قارشىلىققا «قىلچىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق» ئىغا دەستەك بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارنى جان-دىلى بىلەن ھىمايە قىلىدىغان خىتاي خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن. گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ناھايىتى كىچىك كۆلەمدە ھەمدە خىتاي ساقچى قوشۇنى ياكى ئارمىيەسى ھېچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا بىر ياقلىق قىلىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدە بولسىمۇ بۇ خىل قارشىلىقنى باستۇرۇشقا ئاجرىتىلغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ سالمىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدا خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق قارشىلىقىنى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر قەتئىي باستۇرۇپ تاشلاش ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىدىغان تەھدىتنى نۆلگە چۈشۈرۈش ئارزۇسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك تەھدىت ۋە ئاجىزلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى دۆلەت بىلەن خەلق ئاممىسىغا ئورتاق بولغان قاراشقا ئايلاندۇرۇپ بولغان. شۇڭا شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «بىز تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئاشقۇنلۇققا قىلچىلىكمۇ كەڭ قورساقلىق قىلساق بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇرشۇناس ئالىملاردىن ئىندىيا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون ۋە باشقا بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆزقارىشى بويىچە سان جەھەتتە پۈتكۈل خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدىغان، يەنە كېلىپ بىرقەدەر نامى چىققان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئاللىقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلات ئىسىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈن ھېچقانداق تەھدىت ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ. پروفېسسور فىلىپ بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر تەھدىتى» ھەققىدىكى قارىشىدا بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىغان جايلاردا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ قويىدىغان زەنجىرسىمان رېئاكسىيەلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ساقلىنىش ئۇرۇنۇشى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى ھازىر خىتاينىڭ دېڭىز زومىگەرلىكى دۇنيا ئاخباراتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي دىققىتى يەنىلا «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دا بولۇپ، بۇنىڭدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ھەل قىلغۇچ ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىكى دەسلەپكى بىخنىڭ نوتىلىرى بالۇچىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2018-يىلى كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىشى، 2022-يىلى ئاپرېلدا كاراچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كوڭزى ئىنستىتۇتىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پارتلىتىشتا ئۆلگەنلىكى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغان.
پروفېسسور فىلىپ سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلاردا خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن ھەربىي تەھدىتكە ئايلىنىش ياكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىشىگە كىچىككىنە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇشنىڭ قىلچىلىكمۇ ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. خۇددى سىز تىلغا ئالغاندەك ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ. بىز كىتابتا كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىمۇ نۇرغۇن يىللار ئالدىدا، جۈملىدىن بەھەيۋەت شەكىلدە بىزگە مەلۇم بولغان مەزگىللەردىمۇ بەكلا چۇۋالچاق ۋە ئاجىز بىر تەشكىلات بولغان. يەنە كېلىپ ئۇنىڭ سانى تولىمۇ چەكلىك بولغان ئەزالىرى پەقەت خىتاي چېگرىسى تېشىدىكى قوراللىق كۈچلەرگە قوشۇلۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەنلا چەكلەنگەن. شۇڭا ئۇلاردىن خىتايغا ھېچقانداق ئەمەلىي ۋە ھەربىي تەھدىت كېلىپ باقمىغان. ئەمما بىزنىڭ بۇ كىتابتا ئۇلارنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىشىمىزدىكى بىر سەۋەب ئۇلارنىڭ خىتاي ئۈچۈن قانداق تەھدىت ئىكەنلىكى ئەمەس. ئەكسىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ‹ئۇيغۇر تېررورچىلىرى› نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەستەك قىلغان ھالدا بۇ ‹تېررورچىلار› نىڭ قانچىلىقك ‹رەزىل كۈچلەر› ئىكەنلىكى ھەققىدە دۇنيا مىقياسىدا ۋەزخانلىق قىلىشى، مۇشۇ خىل ‹تەھدىت نەزەرىيەسى› نى باھانە قىلىپ ‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى› غا ئوخشاش دۇنياۋى تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ دۇنياۋى رەھبەرلىك نوپۇزىغا سورۇن ھازىرلىشىدۇر. خۇددى پروفېسسور شان روبېرتس ئۆز كىتاۋىدا تىلغا ئالغاندەك خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن خىتاي خەلقى ئۇيغۇر تېرورچىلىقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھاماقەتلەرچە ئىشىنىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشۇ يېتەكچى ئىدېئولوگىيە ئاساسىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوخشاشلا باستۇرۇۋاتىدۇ.»
خىتاي دۆلىتى ۋە خەلقى ئورتاق ئىشىنىپ كېلىۋاتقان ئەنە شۇ خىل «تەھدىت نەزەرىيەسى» تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى شەرق تەرەپتە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق بىخەتەرلىك سېلىنمىلىرى غەرپ تەرەپكە سېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى باستۇرۇشنىڭ يېڭى ئايلانما شەكلى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان.