ئىستانبۇل ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى فرانسۇز ناۋاي لېئو مايلېت بىلەن سۆھبەت

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.11.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
fransuz-naway-leo-1 فرانسۇز يىگىت لېئو مايلېت تونۇردىن نان قومۇرماقتا، 2022-يىلى 11-ئاي، ئىستانبۇل.
Léo Maillet teminligen.

«ئىستانبولدىكى ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدا بىر فرانسۇز ناۋاي ئىشلەيدىكەن» دېگەن ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، دىققىتىمىزنى تارتتى. بىز ئۆزىگە «شىرئەلى» دەپ ياراشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇۋالغان بۇ فرانسوز يىگىتنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپتۇق. ئۇنىڭ ئەسلى فرانسۇزچە ئىسمى لېئو مايلېت (Léo Maillet) ئىكەن. سوئاللىرىمىزغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب بەرگەن بۇ يىگىت، شىۋىتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتسۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى پارىژ ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆگىنىۋاتقىنىغا 4 يىلدەك بوپتۇ. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ: «مەن -2014يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ئاخىرىقى قېتىم باردىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نېنىغا ھەممىدىن بەكرەك ئىشتىياق باغلىدىم» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

لېئو مايلېت تۆت يىلدىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلماقتىكەن. ئۇنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق تەتقىقات نۇقتىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە نان مەدەنىيىتىنى ساقلاش تىرىشچانلىقلىرى، شۇنداقلا  ناننىڭ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنىغا مەركەزلەشكەن ئىكەن.

فرانسۇز يىگىت لېئو مايلېت تونۇرغا نان ياقماقتا، 2022-يىلى 11-ئاي، ئىستانبۇل.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ شىرئەلى، يەنى ئىستانبۇل ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى فرانسۇز ناۋاي لېئو مايلېت بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.