«ئىستانبولدىكى ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدا بىر فرانسۇز ناۋاي ئىشلەيدىكەن» دېگەن ئۇچۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ، دىققىتىمىزنى تارتتى. بىز ئۆزىگە «شىرئەلى» دەپ ياراشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇۋالغان بۇ فرانسوز يىگىتنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپتۇق. ئۇنىڭ ئەسلى فرانسۇزچە ئىسمى لېئو مايلېت (Léo Maillet) ئىكەن. سوئاللىرىمىزغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا جاۋاب بەرگەن بۇ يىگىت، شىۋىتسارىيە جەنۋە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتسۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى پارىژ ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆگىنىۋاتقىنىغا 4 يىلدەك بوپتۇ. زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ: «مەن -2014يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ئاخىرىقى قېتىم باردىم ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نېنىغا ھەممىدىن بەكرەك ئىشتىياق باغلىدىم» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
لېئو مايلېت تۆت يىلدىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلماقتىكەن. ئۇنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق تەتقىقات نۇقتىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە نان مەدەنىيىتىنى ساقلاش تىرىشچانلىقلىرى، شۇنداقلا ناننىڭ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا تۇتقان ئورنىغا مەركەزلەشكەن ئىكەن.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ شىرئەلى، يەنى ئىستانبۇل ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى فرانسۇز ناۋاي لېئو مايلېت بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىلەر.