شى جىنپىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىش ئۈچۈن «G-20» يىغىنىغا قاتناشمىدىمۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.11.03
شى جىنپىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىش ئۈچۈن «G-20» يىغىنىغا قاتناشمىدىمۇ؟ ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئېچىلغان 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى(گ-20) غا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قاتناشمىغان.
RFA/Rebel Pepper

رىمدا ئېچىلغان «G-20» يىغىنىدىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر.

ئىتالىيە پايتەختى رىمدا ئېچىلغان «G-20» دۆلەت باشلىقلار يىغىنى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدىن بۇيان بۇ دۆلەت رەھبەرلىرى بىر ئارىغا كېلىپ يۈزمۇ-يۈز ئۆتكۈزگەن تۇنجى يىغىن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقايسىي ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى كېلىمات ئۆزگىرىشى، ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق دۇنيا كۈن تەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھىم قارارلارنى ئالغان.

«G-20» دۆلەت باشلىقلىرى بىۋاستە كېلىپ قاتناشقان بۇ يىغىندا خىتاي ۋە رۇسىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتناشماسلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر، رىم، ئىتالىيە.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2021-يىلى 31-ئۆكتەبىر، رىم، ئىتالىيە.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيەلا ئەمەس، خىتايمۇ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇ يىغىنغا قاتناشمىدى. كىشىلەرنىڭ بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىشى ھەقلىق. شەخسەن مەن ئۆزۈممۇ ئۈمىدسىزلەندىم».

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاستە قاتناشمىغان بۇ يىغىنغا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يىنى ئەۋەتكەن. خىتاي تەرەپ گەرچە شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا بىۋاستە كېلىپ قاتناشماسلىقىغا ۋىرۇس يۇقۇمىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغان.

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور سىكات ھېرولدىنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئەيىبلەشكە ئۇچراشتىن قورقۇپ ئىتالىيەگە سەپەر قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغانلىقى بىر پاكىت. مەنچە بولغاندا، شى جىنپىڭ ياۋرۇپاغا سەپەر قىلىپ قالسا، مەلۇم بىر كىشى ياكى گۇرۇپپىنىڭ ئۆزىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن سوتقا ئەرز قىلىشىدىن قورققان بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. يەنە بىر ياقتىن، شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا. شۇڭا ئۇ بۇنداق مەزگىلدە دۆلەتنى تاشلاپ چىقىپ كېـتىشنى خەتەرلىك، دەپ قارىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، چەت ئەلدە تەنقىدلىنىشتىن قورقۇش، دۆلەت ئىچىدە خەتەردىن قورقۇش، ئۇنىڭ ئىتالىيەگە بىۋاستە كەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىسى گوردون چاڭ ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە شى جىنپىڭنىڭ سوئال-سوراقتىن قاچقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇنىڭ ئىچكىي سەۋەبلىرى بولۇش بىلەن بىرگە، مەن شى جىنپىڭنىڭ ‹G-20› يىغىنىغا ياۋروپادا سوئال-سوراققا قېلىشتىن، بۇلۇڭغا قىستىلىشتىن قورقۇپ، بارمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى كۈنلۈك يىغىن ئاخىرىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر 2050-يىلى ئەتراپىدا ھاۋادىكى كاربون مىقدارىنى ئازايتىش ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان توك ئىشلەپچىقىرىشىغا مەبلەغ سالماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ «G-20» باشلىقلار يىغىنىدا سىن ئارقىلىق ئەۋەتكەن نۇتۇقىدا كېلىمات ئۆزگىرىشىنى ئوڭشاش توغرىسىدا ھېچقانداق كونكىرېت ھەرىكەت پىلانى كۆرسەتمىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىدە خىتاينىڭ كېلىمات مەسىلىسىدە بەرگەن ۋەدىسىگە قارىتا گۇمان پەيدا قىلغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كېلىمات مەسىلىسىدە دۇنيا بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە دۇنيا بىلەن ھەقىقىي يوسۇندا ھەمكارلىشىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەن. خىتاي ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بۇ نۆۋەت ئېنىق نامايەن قىلدى.»

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن «G-20» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «خىتاي ئاتموسفېرانى ئەڭ ئېغىر بۇلغاۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەممە ئادەم ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىش-قىلماسلىققا قارار قىلىشى كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان ئۆز خەلقىگە بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئويلىشىشى كېرەك،» دېگەن.

دوكتور سىكوت ھېرولد خىتاينىڭ كېلىمات مەسىلىسىدە ئامېرىكا ياكى دۇنيا تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز دۆلىتىدە ئېغىر مۇھىت مەسىلىلىرى كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىنكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي كېلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچراۋاتقان دۆلەت. قۇرغاق رايونلاردا ياشاۋاتقان مىليونلارچە كىشى ئالىقاچان ئېغىر بوران-چاپقۇن، قۇرغاقچىلىق، ئېغىر ھۆل-يېغىننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى. شۇڭا خىتاي تەدبىر قوللانغان تەقدىردە ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى دەپ تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن، بىراق ھەرگىز ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتايدىن تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس. شى جىنپىڭنىڭ يىغىندىكى نۇتۇقىمۇ ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، كېلىمات مەسىلىسىدە ھېچقانداق يېڭى ۋەدە ۋە پىلان كۆرسىتىلمىگەن. ئۇ نۇتۇقىدا خىتاينى يەر شارىۋى مەسىلىلەردە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان كۈچلۈك دۆلەت ئەمەس، يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان ئاجىز دۆلەتتەك كۆرسەتكەن. شۇڭا ئۇنىڭ نۇتۇقى ئامېرىكا قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قايىل قىلالمايدۇ، ھەتتا خىتاينىڭ كۆمۈر ئىسسىقلىق ئېلېكتر ئىستانسىسىنى داۋاملىق قۇرۇش پىلانى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز سۈيىنىڭ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئاجىز ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ قايىل قىلالمايدۇ.»

بۇ قېتىملىق «G-20» يىغىنى پەقەت كېلىمات مەسىلىسىدىلا ئەمەس، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ قارمۇ-قارشى كېلىشىگە سەۋەب بولغان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 31-ئۆكتەبىر ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق تېمىلىرىدا كەسكىن سۆز ئۇرۇشى بولغان ئىكەن.

بىلىنكىن يىغىندا ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق، شىنجاڭ، تىبەت، خوڭكوڭ، شەرقىي-جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك» ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغا زىت ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ يى بولسا ئامېرىكانى «بىر خىتاي سىياسىتىدە ھەقىقىي چىڭ تۇرمىدى، خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلاشتى،» دەپ ئەيىبلىگەن.

بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە كېلىمات ئەلچىسى جون كەررىي خىتاينىڭ كېلىمات مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسدىكى سوغۇقچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدەك نازۇك مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا. ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىلىنكىن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.

سىكوت ھېرولد ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

«مەنچە، بۇ بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئىشەنمەيدىغانلىقى ۋە ئۈمىدىنىڭمۇ ناھايىتى ئازلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىراق ئۇلار خىتايغا مەيلى سەن نېمە قىلىشىڭدىن قەتئىينەزەر، بىز ساڭا دۈشمەن بولماقچى دېگەن سېگنالنى ئەمەس، بەلكى بىز سەن بىلەن ھەمكارلىشىدىغان يەردە ھەمكارلىشىمىز ۋە لازىم بولسا توقۇنىشىدىغان يەردە توقۇنىشىمىز دېگەن سىگنالنى بەرمەكچى. بىلىنكىن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق خىتاي سەۋەب بولۇۋاتقان كىرىزىسلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ مەقسىتى خىتايغا ‹بىز سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، ئەمما سەن بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش بەدىلىگە ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنىمۇ قۇربان قىلىۋەتمەيمىز، دىگەننى ئىپادىلەشتۇر.»

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «G-20» يىغىنىدا رەھبەرلەر ئارىسىدا خىتاي ھەققىدە نۇرغۇن رەسمىي ۋە غەيرى رەسمىي مۇنازىرىلەر بولغان. گەرچە رەھبەرلەر بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ قانداق قىلىپ خىتاي بىلەن سوغۇق ئۇرۇش باشلاش كېرەك، دېگەننى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىغا ۋە بازار ئىقتىسادىغا پەيدا قىلىۋاتقان خىرىسلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.