«G20 ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنى» توغرىسىدا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 تۈرلۈك مۇھىم ئۇچۇرلار
دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەتنىڭ باش قوشۇشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «G20 يىغىنى»، يەنى سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە چاقىرىلدى.
مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىدىن: خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش مەسىلىسى، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى مەسىلىسى ۋە يەر شارىنىڭ ھاۋا كىلىماتى مەسىلىسى قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايرىم سۆھبەت بولۇپ ئۆتكەن. بۇ سۆھبەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئايلارچە داۋام قىلغان سودا ئۇرۇشىنىڭ ھەل بولۇشىغا نىسبەتەن قانچىلىك پايدا-زىيىنى بولغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەر پەرەز قىلغاندىكىدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر يوق.
يىغىن خاتىمىسىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان. كېلەر يىللىق G20 يىغىنىنىڭ ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى G20 يىغىنى «ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىن» بولغان.
ئۇنداقتا، دۇنيا زور ئېتىبار بىلەن قارايدىغان G20 دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ رولى نېمە؟
تۆۋەندە G20 ھەققىدە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بەزى مۇھىم مەزمۇنلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
1. يەر شارىدىكى سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نامى قىسقارتىلىپ «G20» دەپ ئاتالغان. بۇ 20 دۆلەت گۇرۇھى 1999-يىلى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىغا شۇ يىلى ئاسىيا قىتئەسىدە باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەب بولغان. ئەمما G20 نىڭ دەسلەپكى ئىشتىراكچىلىرى پەقەت 20 دۆلەتنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى بىلەنلا چەكلەنگەن. ئاساسلىق تېمىسى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بولغان.
2. G20 گە ئەزا دۆلەتلەر: ئامېرىكا، كانادا، ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، مېكسىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئاۋىسترالىيە، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، رۇسىيە، خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت.
3. G20 نىڭ نوپۇسى، يەرشارى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 85 پىرسەنتىنى، دۇنيا سودىسىنىڭ 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.
4. 2008-يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كرىزىس يۈز بەرگەندىن كېيىن، G20 يىغىنىغا تۇنجى قېتىم 20 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى ۋە ئورتاق كېلىشىملەر تۈزۈپ، G20 يىغىنىنى 20 دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىغا ئايلاندۇرغان.
5. G20 ئەسلىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى مەركەز قىلغان مۇنبەر بولسىمۇ، ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ خاراكتېرى ھەم ۋەزىپىسى تۈپتىن ئۆزگىرىپ، مۇزاكىرە ۋە ھەمكارلىق تېمىسى يەر شارىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك ھەممە ساھەگە باغلانغان.
6. G20 ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكىدىن كېڭەيگەن. ھەر يىلقى G20 يىغىنىغا ساھىپخان بولغان دۆلەت خەلقئارادىكى مۇھىم ئورگانلار ۋە تەشكىلاتلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇشقا باشلىدى. مەسىلەن: ب د ت، «دۇنيا پۇل-مۇئامىلە فوندى»، «دۇنيا سودا تەشكىلاتى»، «دۇنيا ئەمگەكچىلەر بىرلىكى» قاتارلىقلار.
7. G20 يىغىنىغا يەنە خەلقئارادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان ھۆكۈمەتسىز ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ تەكلىپ قىلىنىدىغان بولغان. بۇ ئاممىۋى تەشكىلاتلار «سىۋىل20» دەپ ئاتالغان. ئۇلار G20 يىغىنىغا ھەر تۈرلۈك تەكلىپ-لايىھەلىرىنى سۇنالايدىكەن. مەسىلەن، يەر شارىدىكى زوراۋانلىقلارنى تۈگىتىش، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى كۆپەيتىش دېگەندەك.
8. G20 ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى G7 نىڭ تەرەققىياتىدۇر. G7، يەنى تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەت گۇرۇھى 1975-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە، كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق 7 دۆلەت ئەزا بولغان.
9. G7 يىغىنى 2002-يىلى رۇسىيەنى ئۆزىگە قوشۇپ گ8 ئاتالغان ئىدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تەۋە بولغان قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشى بىلەن 2013-يىلى بۇ گۇرۇھقا ئەزا دۆلەتلەر رۇسىيەنى چەتتە قالدۇرۇپ، G7 يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە شۇندىن ئېتىبارەن بۇ يىغىننى رۇسىيەنىڭ ئىشتىراكىسىز ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
10. ھەر قېتىملىق G20 يىغىنى ئاخىرلاشقاندا 20 دۆلەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئورتاق بىر بايانات ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما بۇ باياناتنىڭ چوقۇم ئىجرا قىلمىسا بولمايدىغان قارار تۈسى ياكى چەكلىمىسى يوق. G20 ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىنىڭ قىممىتى، يىغىن سىرتىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ غەيرىي-رەسمىي سۆھبەتلىرىدە گەۋدىلىنىدۇ.
G20 يىغىنى يەر شارىدىكى جىددىي سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەلەرگە ئائىت مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلسىمۇ ھەمدە ئۆزئارا ياخشى پىلان، لايىھەلەرنى تەۋسىيە قىلىشسىمۇ، ئۇنىڭدا قارار مېخانىزمىنىڭ بولماسلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا قىستايدىغان پرىنسىپ ھەم نىزامنىڭ بولماسلىقى بۇ 20 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى يىغىنىڭ بىر ئاجىزلىقى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلمەكتە.
ھەر يىلى G20 يىغىنى چاقىرىلغاندا نۇرغۇنلىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار يىغىن ئورنى ئەتراپىدا ئۆز ئىرادىلىرىنى، تەلەپلىرىنى ئىپادە قىلىش يۈزىسىدىن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يىغىنىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
0:00 / 0:00