G7 يىغىنىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلامدۇ؟

0:00 / 0:00

ئاخبارات ۋاستىلىرى G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا پىرىزدېنتى جوۋ بايدېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى ئەنگىلىيەدىن باشلىدى. ئۇ 9-ئىيۇن لوندۇنغا يېتىپ كەلدى. 8 كۈن داۋاملىشىدىغان ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا بايدېن ئەڭنگىلىيەدە G7 (سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت) رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش، ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېلىزابېت Ⅱ بىلەن كۆرۈشۈش، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا بېرىپ NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى) نىڭ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئاخىرىدا جەنۋەگە بېرىپ، رۇسىيە پىرىزدېنتى پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.

ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە، كانادا، ياپونىيەدىن ئىبارەت G7 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىغا ئاۋىسترالىيە قاتارلىق بىرقىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.

«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 10-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ياپونىيە ۋە ئاۋىسترالىيە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، G7 يىغىنى ھارپىسىدا ئاۋىسترالىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى پاينە، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى پېتېر دۇتتون بىلەن ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى توشىمىتسۇ ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستېرى نوبۇئو كىشى 9-ئىيۇن تور ئارقىلىق 2+2 يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئازسانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە بىز ھەر ئىككى تەرەپ قاتتىق كۆڭۈل بۆلىمىز» دېگەن ھەمدە G7 يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. باياناتتا يەنە خىتايدىن ب د ت خادىملىرىنىڭ شىنجاڭدا چەكلىمىسىز، شەرتسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا دەرھال يول قويۇشى تەلەپ قىلىنغان.

«يەر شارى سىياسەت ژۇرنىلى» دا 9-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان «G7 يىغىنى بايدېننىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى ئەخلاقىي رەھبەرلىكىنى سىنايدۇ» ناملىق ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زۇلۇم يۈرگۈزگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، كانادا ۋە ئامېرىكاغا رەھبەرلىك قىلغان بايدېن، بۇ قېتىمقى G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى تېخى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونىمىغان گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەلەرنى سەگىتىپ، خىتايغا قارشى ئورتاق ئاۋاز چىقىرىدىغان يەرگە ئەكىلىدىكەن.

ماقالىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقىي سىياسىتىنىڭ نىشانىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ماياك، دەپ قارىدى. خىتايدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەسئۇل بولۇشنى تەلەب قىلىپ، ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. پەقەت مۇشۇ خىل تونۇش ئاساسىغا ئىگە بولغان پىرىزدېنتلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنياۋىي مەسىلە دەرىجىسىگە كۆتۈرەلەيدۇ».

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بايدېننىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋەدىسى ئالىقاچان بۆسۈش ھاسىل قىلدى. 3-ئايدا كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەك، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. دۆلەت خەپۋسىزلىكى مەسلىھەتچىسى دالېئپ سىنغنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بايدېن G7 يىغىنىدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئامېرىكانىڭ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بايدېن G7 يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشى لازىم بولىدىكەن».

G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» مەسىلىسىنىڭ مۇھىم تېمىغا ئايلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى. شۇ سەۋەبتىن لوندۇندا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى 7-ئىيۇن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار يەنىلا لوندۇندا قېلىپ، G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ياڭرىشى ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۈگۈن لوندۇندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتە توختالغاندا، G7 يىغىنىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىلەن G7 يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەر ھازىرلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندۇن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىممۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، G7 يىغىنى مەزگىلىدە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدا توختىىلىپ ئۆتتى.

11-ئىيۇن ئەنگىلىيەدە باشلىنىدىغان G7 يىغىنى 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن. يىغىندا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىلىرى، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسى، خىتاي ۋە رۇسىيە مەسىلىلىرى، NATO نى كۈچلەندۈرۈش مەسىلىسى ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىتتىپاقلىشىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى قايتىدىن ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئېلىش مەسىلىلىرى ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولىدىكەن.