ئەنگلىيەدە ئېچىلغان G7، يەنى «7 دۆلەت گۇرۇپپىسى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە G7 رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرغانىدى.
G7 نىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى خەلقئارادىكى مۇھىم تېمىلاردا سۆھبەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، 13-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيەنىڭ كورنۋال شەھىرىنىڭ تىرۇرو رايونىدا ترۇرونىڭ ئېپىسكوپى ۋە HE باش پوپى ئانگېلوس ساھىبخانىلىق قىلغان «G7 ئىبادەت ناشتىلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى «دۆلەت قوللىغان زىيانكەشلىك: G7 نىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداشتىكى رولى» بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان دىنىي توپلۇقلارنىڭ مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. رەھىمە مەھمۇت خانىم رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ بۇ پائالىيەتكە تور ئارقىلىق قاتنىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىككە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرى خىتاينىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كەتتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان دىن دۈشمەنلىكى ئىسلام دىنىنى ۋە خىتايدىكى باشقا دىنلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا كۈچەشتە ئىپادىلەندى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈلمەكتە. ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ يىل يانۋاردا ئېلان قىلغان ‹خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دېگەن قارارىنى قوللايمىز. خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ۋە جۇغراپىيەۋى-سىياسىي تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە».
«G7»، يەنى «7 دۆلەت گۇرۇپپىسى» ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. مەزكۇر «G7 ئىبادەت ناشتىلىقى» پائالىيىتى دىنى رەھبەرلەر ئۇيۇشتۇرغان «7 دۆلەت گۇرۇپپىسى» يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە يانداش بىر پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
باش پوپ ئانگېلوس بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «كورنۋالدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان G7 يىغىن مەزگىلىدە دىنى-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئاساس قىلغان پائالىيەتنىڭ بولۇشى بىزگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باراۋەرسىزلىك ۋە زىيانكەشلىككە دىققەت تارتىش پۇرسىتى بېرىدۇ G7. يىغىنى جەرياندا مەن تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خۇدا بەرگەن ھوقۇقىدىن ۋە بىز ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئۈچۈن قارارلار ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
نۇرى تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە «G7» رەھبەرلىرىگە بىر قانچە تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، G7 ئەزالىرىغا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئالدى بىلەن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىدا دىنىي-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى، G7 ئەزالىرى بولغان ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىمۇ دىنى-ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئىتتىپاقداشلىقنىڭ يەنە بىر بەلگىسى بولسا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزگەنلەرگە بىرلىكتە ئىقتىسادىي جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈش. مارت ئېيىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زوراۋانلىق قىلغان خىتاينىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى. بۇ بىرلەشمە جازا تەدبىرى ئارقىلىق خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلىدى، يەنى بۇ: ‹خەلقئارا خىتاينىڭ زوراۋانلىقلىرىغا سۈكۈت قىلمايدۇ. ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنى باستۇرۇش، ئىرقى قىرغىنچىلىق›دېگەندىن ئىبارەت».
رەھىمە مەھمۇت خانىم ئاخىردا مۇشۇنداق مۇھىم ۋاقىتتا مۇھىم بىر ئورۇندا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە تەلەپلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىتىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت بولدى».