G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينى ئورتاق جازالاش مۇھىم تېما بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.05.05
G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينى ئورتاق جازالاش مۇھىم تېما بولدى ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب (ل) ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن G7 يىغىنىدا ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن سۈرەتتە. 2021-يىلى 3-ماي، لوندون.
REUTERS

لوندوندا چاقىرىلغان G7 يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينى ئورتاق جازالاش تېمىسى يىغىننىڭ يادرولۇق كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

3-ماي ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا G7، يەنى «تەرەققىي قىلغان 7 دۆلەت» نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى باشلانغان. بۇ 2019-يىلىدىن بۇيان 7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئارىغا كېلىپ يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي، رۇسىيە، سۈرىيە ۋە كورۇنا ۋىرۇسى مەسىلىسى 3 كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى تەشكىل قىلغان بولسىمۇ، 4-ماي كۈنىگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينى ئورتاق جازالاش تېمىسى يىغىننىڭ يادرولۇق كۈنتەرتىپىنى ئىگىلىگەن.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 5-ماي گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ تارقاتقان «گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماس غەربتىكى 7 دۆلەتنى ئورتاق ھالدا خىتايغا قارشى ئىستراتېگىيە تۈزۈشكە چاقىردى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، كانادا، ياپونىيە قاتارلىق G7 گە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشقاندىن سىرت، ساھىخان دۆلەت بولغان ئەنگلىيەنىڭ تەكلىپى بىلەن يەنە ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ھەم كورېيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ قاتناشقان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان، خىتاينىڭ G5 تور ئېقىمىنى چەكلەش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلەلمىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا قاتتىق جازا يۈرگۈزۈۋاتقان ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى مەلۇم دەرىجىدە پىكىر ئىختىلاپلىرى ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ ئىختىلاپلارغا ئاساسىي جەھەتتىن خاتىمە بېرىلگەن.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە خىتاينى ئورتاق جازالاش تېمىسى مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىلىگەن 4-مايدىكى يىغىندىن كېيىن ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «G7 گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خىتاي مەسىلىسى ياكى باشقا مەسىلىلەردە ھېچقانداق ھەقىقىي بىر پىكىر ئىختىلاپى بولمىدى» دېگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان بۇ ئەرباب يەنە «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زور كۆلەملىك باستۇرۇشلىرىغا نەپرەتلەنگېندىن سىرت، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەمدە بېيجىڭنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدىنمۇ چۆچۈگەنلىكىنى ئىپادە قىلىشتى» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، «بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەقسىتىنى ئورتاق ھەرىكەت ئۈچۈن ئىزدىنىش دېگەندىن كۆرە، پىكىرداش بولغان دۆلەتلەر قاتنىشالايدىغان ئورتاق بىرلىكسەپنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى دېگەن تۈزۈك» دېيىش ئارقىلىق، يىغىنغا قاتناشقان 10 سەرخىل دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى كۆزقاراشتا بىرلىك ھاسىل قىلغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دومىنىك راب يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن بىلەن غەرب قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى، خىتايدىن ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى تەلەب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي بىلەن تۈزگەن خوڭكوڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھدىنامىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكىن بولسا: «بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتاينى چەكلەش ياكى خىتاينى باستۇرۇش ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش» دېگەن.

تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، G7 گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ۋە خىتاينى ئورتاق جازالاشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشى ئۇيغۇر دەۋاسى نۇقتىسىدىن تارىخىي بىر بۆسۈش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

4-مايدىكى يىغىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو ماس مۇنداق دېگەن: «مۇستەبىت دۆلەتلەر ياكى مۇشتۇمزور ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئەندىزىلىرى ئارقىلىق ئەركىنلىك، دېموكراتىيەگە جەڭ ئېلان قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبتىن G7 رامكىسى ئىچىدە ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنى تۇرغۇزۇش، ئورتاق ئىستراتېگىيە بەلگىلەش ياخشى بىر ئىش. بىز غەربتىكى 7 دۆلەت ئەركىن دۇنياغا مەنسۇپمىز. بىز ئەركىن تىجارەتنى ئۈمىد قىلىمىز، بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش تەڭپۇڭسىز كېلىشىملەرنى ئەمەس.»

ماس يەنە «ئىقتىسادىي مەنپەئەت ھەممە يەردە مەۋجۇت، ئەمما خىتاي بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە تېخىمۇ كۆپرەك ئېتىبار بېرىش لازىم» دېيىش بىلەن بىرگە، G7 گۇرۇھىنىڭ خىتايغا قارشى ئورتاق ئىستراتېگىيە تۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلغان.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ 10 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى ھەم خىتايغا قارشى پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشى زور تارىخىي ئىلگىرىلەش سانىلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى G7 يىغىنىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىققان ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىشى دىققەتنى قوزغايدىغان بىر ئامىل ئىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن بولغان سۈركىلىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەنگلىيە بۇ قېتىمقى G7 يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى، رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىپلا قالماي، مەۋجۇت خەلقئارا كۈنتەرتىپنىڭ ئىجادكارى ۋە قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇشتەك سالاھىيىتىنى خىتايغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويغان. مۇھىمى، دۇنيادىكى سەرخىل 10 دۆلەتنىڭ خىتايغا قارشى بىر مەۋقە ئاستىغا جەم بولالايدىغانلىقىدىن بېشارەتلەر بەرگەن.

BBC نىڭ 4-مايدىكى بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، G7 گۇرۇھىنىڭ يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 40 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن يەرشارى ئىقتىسادى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.