گامىبىيەدە توختىتىپ قېلىنغان 3 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالدى

0:00 / 0:00

12 ياشلىق بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گامبىيە ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە 28-ئۆكتەبىر ئۇلارنىڭ گامبىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەجبۇرى ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇرلار تارقالدى. بىز ئاۋال تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن ئالاقىلاشتۇق. تەشكىلات رەھبىرى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان. تۈركىيەدىن ياۋروپاغا كېتىش مەقسىتىدە گامبىيەدە توختىغان بۇ 3 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىدىن قىسقىچە خەۋەر تاپقانلىقىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە گامبىيە چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىلغانلىقى، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن ئامال ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

خەۋەر يىپ ئۇچىنى سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى ئافرىقىدىكى بىر كىچىك دۆلەت بولغان گامبىيەگە قاپسىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە باغلىدۇق. گامبىيەنىڭ بانجۇل دېگەن شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تۇرۇپ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇربان مامۇت ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۆزى ۋە 12 ياشلىق ئوغلى ئورخان قۇربان ۋە سەپەردېشى دىلشات مەمەت بىرلىكتە 21-ئۆكتەبىر تۈركىيەدىن گامبىيەگە كەلگەن بولۇپ، 27-ئۆكتەبىر گامبىيەدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقماقچى بولغاندا ئايروپورت ساقچىلىرى ئۇلارنى «سىلەر خىتايغا ئوخشىمايدىكەنسىلەر، نېمە ئۈچۈن سىلەردە خىتاي پاسپورتى بار؟» دەپ گۇمان قىلىپ تۇتۇپ قېلىنغان.

ئۇلار ئۆزلىرىنى خىتاي ئەمەس، تۈرك دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيەدىن بېرىلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقامەت قاتارلىق قانۇنلۇق ھۆججەتلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇلارنى باشتا تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ئاپارغان. تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە قانۇنلۇق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە قولىدىكى ئىقامەتلىرىنىڭ، يەنى تۇرۇش رۇخسەتنامىلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، بىراق ساقچىلار يەنىلا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي پاسپورتى بارلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىگە ئېلىپ بارغانىكەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىپ، گامبىيە ساقچىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋالغانىكەن.

بىز بۇ 3 ئۇيغۇر بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغان پەيت دەل ئۇلارنىڭ 6 نەپەر ساقچى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئىشىكىدە خىتاي ئەلچىخانا خادىملىرنى ساقلاپ تۇرغان ۋاقتى ئىكەن. ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى بىلگەندىن كېيىن بىز قۇربانجانغا تېلېفوننى ئۆزلىرىنى ئېلىپ كەلگەن مەسئۇل ساقچىغا بېرىشنى ئېيتتۇق. گامبىيە ساقچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بىز بۇ ساقچىدىن «بۇ 3 كىشىنىڭ قارشىلىق ۋە نارازىلىقىغا قارىماي ئۇلارنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ سىلەر بۇلارنى خىتايغا قايتۇرۋەتمەكچىمۇ ؟» دەپ سورىدۇق. ساقچى جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ياق! بىزنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش مەقسىتىمىز يوق، ئۇلارغا ياردەم قىلماقچىمىز، ئۇلار دۆلىتىمىزگە خىتاي پاسپورتى بىلەن كىردى، ئەمما ئۇلاردىن سىلەر خىتايلىقمۇ دەپ سورىساق، بىز خىتايدىن ئەمەس، بىز تۈرك دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ پاسپورتلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىغا كېلىشكە مەجبۇر بولدۇق. ئۇلارنىڭ پەقەت بىزگە سەمىمىي بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى بىزمۇ ۋەزىپىمىزنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز، ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە بىزمۇ چارچىدۇق، بىزمۇ ئوخشاشلا مەسىلىنىڭ تېزراق ئېنىق بولۇشىنى خالايمىز. ئەگەر ئۇلارغا ياردىمىمىز كېرەك بولسا ئوچۇق ئېيتىشى زۆرۈر، بىز ئۇلارنى قوغدايمىز».

بۇ ئارىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا تارقاتقان ۋىدىيولۇق ئىلتىجاسى، تېز ئارىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ھەر خىل تىللاردا كەڭرى تارقىتىلغان بولۇپ بەلگىلىك ئىنكاس ۋە ئىجتىمائىي بېسىم شەكىللەندۈرگەنىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرىدىن پاترىك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تىۋىتتېر قاتارلىق، يەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق مەزكۇر ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ گامبىيە ۋە ئافرىقا تارماقلىرى، ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچھاردسون خانىممۇ رادىيومىزغا قايتۇرغان يازما جاۋابىدا، ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسىلە ھەققىدە گامبىيە بىلەن ئالاقىنى باشلىغانلىقى ۋە ئەڭ جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن باشقا خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئورگانلىرى بىلەن جىددىي ئالاقە باغلاپ بۇ خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پىلانلىق ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندىن سىرت گامبىيە ئەلچىخانىسىغا بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كەلگەن مەسئۇل ساقچى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىپ ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە خەلقئارالىق چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ قوغدىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئۆزى بىۋاستە ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر قانچە سائەتتىن كېيىن رادىيومىزغا ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قايتا ئۇچۇر يوللىغان گامىبىيەدىكى ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىغا كىرمىگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى خىتاي ئەلچىخانىسىدا تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۇلارنى گامبىيە خەلقئارالىق ئايرودرومى ساقچىخانسىغا قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدىلىكتە قەيەرگە يولغا سالىدىغانلىقى ھەققىدە قارار كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ 3 ئۇيغۇر گامىبىيەدە يولۇققان ۋەزىيەت بىر كېچىدىلا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ئۇيغۇرلارنى قايتا جىددىيلەشتۈردى. بۇ سەۋەبلىك قوزغالغان جىددىي ئىنكاسلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى قانداقلا جايدىن خىتايغا قايتۇرۇلغاندا ئۇلارنىڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىدەك بىر ئورتاق ئوقۇم شەكىللەنگەنلىكى كۆرۈۋېلىشمۇ تەس ئەمەسلىكى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش ئۈچۈن مۇنداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

نۇرى تۈركەل ئەپەندى، گەرچە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك بېسىملار سەۋەبلىك باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشنىڭ يولىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما مۇشۇ خىلدىكى خەتەرلىك ۋە ھېچقانداق كاپالىتى بولمىغان قارام يوللار غا تەۋەككۈل قىلىشىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە قالغان باشقا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە كىشىلەرنىمۇ قىيىن ئەھۋالغا قويىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى مۇنداق يېنىكلىك بىلەن خەتەرگە تەۋەككۇل قىلماسلىققا قايتا چاقىردى.