يېقىندا ئامېرىكادىكى بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىنىڭ سەككىز نەپەر ئەزاسى ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە سەۋەبىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى. چۈنكى بۇ ماقالىلەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەردىن مەجبۇرىي ھالدا يىغىۋېلىنغان گېن ئۇچۇرلىرى ۋە بۇ ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان.
ئەسلىدە «مولېكۇلارلىق ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىناسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىلارغا دىققەت قىلغان كىشى بېلگىيە لېۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر مۇتەخەسسىسى يىۋېس موراۋ بولۇپ، ئۇ بۇ ژۇرنالدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىرسىيەت پەرقى ھەققىدە خىتاي تەتقىقاتچىلار يازغان 18 پارچە ماقالىنىڭ ئىلمىي ئەخلاققا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. موراۋ ئەپەندى مەخسۇس بىلىم ئەخلاقى مەسىلىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ژۇرنالنى قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇپ ئەھۋالنى سۈرۈشتە قىلغان. نەتىجىدە، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ بۇ ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىدىن ئىستېپا خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىغان. ھازىرغىچە 8 نەپەر تەھرىرات ھەيئەت ئەزاسى ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە يېقىندا ئامېرىكادىكى مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.
بىز بېلگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇر مۇتەخەسسىسى يېۋىس موراۋ ئەپەندىنى تېپىپ ئۇنى زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن بۇ ماقالىلەر قانداق بولۇپ سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى قوزغاپ قالدى؟ دەپ سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن بۇ ماقالىلەرنى كۆرگەندە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە شۇنىڭدەك باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا ئائىتلىقىنى بايقىدىم. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى نوپۇسنىڭ ئاران بىر پىرسەنتىنى، تىبەتلەر بولسا بىر پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغان تۇرۇقلۇق، تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ 17 پىرسەنتىڭ تىبەتلەر ھەققىدە، 22 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇشى دىققىتىمنى تارتتى. نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا بۇ ئىنتايىن چوڭ نىسبەت. بۇ خىتايدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ گېنلىرىغا زور قىزىقىش بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. يەنە بىرى بولسا، بۇ ماقالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە ساقچى مەكتەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئاپتورلىرى بار ئىدى. بۇمۇ مېنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى».
دەرۋەقە، «مولېكۇلالىق ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىناسى» ژۇرنىلىدا خىتاي تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرىدە خىتايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىرسىيەت پەرقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ساقچىلار بۇنداق تەتقىقاتلارنى DNA ئارخىپى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىكى بىر پارچە ماقالىگە «شىنجاڭدىكى موڭغۇللارنىڭ تېببىي ئەدلىيە ۋە گېن جەھەتتىكى يېقىنلىق ئانالىزى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولسا، يەنە بىرىگە «خىتايدىكى تىبەت، خىتاي، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ گېن پەرقى» دەپ ئاتالغان. يەنە بىر ماقالىدا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يۇرت-يۇرت بويىچە ئايرىپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى، ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى، كورلا ۋە قاراماي ئۇيغۇرلىرى دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلغانىكەن. يىۋېس موراۋ ئەپەندى بۇنداق تەتقىقاتلارنىڭ تېببىي تەتقىقات ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىنسانلار ئۈستىدە خالىغانچە تەتقىقات يۈرگۈزۈشكە بولمايدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي تەتقىقاتچىلار يازغان بۇ ماقالىلەر ھەممىسى ئىنسانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات بولۇپ، بۇ تېببىي تەتقىقاتقا كىرمەيدۇ. بۇنىڭ بەلگىلىك ئۆلچەملىرى ۋە چەكلىرى بولىدۇ. سىز خالىغانچە ئىنسانلار ئۈستىدە تۈرلەش خاراكتېرلىك تەتقىقات ئېلىپ بارالمايسىز. ئىنسانلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ بەلگىلەنگەن ئەخلاقىي ۋە كەسپىي ئۆلچەملىرى بولىدۇ. سىز بۇ تەتقىقاتلارنىڭ زىيانلىق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ شۇ كىشىلەرنىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن ئېلىنغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. ئەمما بىز شىنجاڭدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەممە كىشىنىڭ شۇنداقلا لاگېردىكىلەرنىڭ گېن ئۇچۇرلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋاتقانلىقىنى، رايوندىكىلەرنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنىڭ نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەتقىقاتچىلار رايوندىكى ساقچىلارنى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، ساقچىلارغا ياردەملەشمەسلىكى كېرەك. مەن ھەرقايسى پەن-تېخنىكا ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق ماقالىلەرنى تەتقىق قىلدىم. ئۇلارنى كۆپ قېتىم بۇ تەتقىقاتلارنىڭ ئەخلاقىي ئەمەسلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردۇم. 2019-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرىدىكى بۇ ‹مولېكۇلالىق ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىناس› ژۇرنىلى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنى بۇ ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردىم».
موراۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇنجى قېتىم 3-ئايدا ژۇرنال مۇھەررىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان. بىراق ئۇلاردىن كېرەكلىك جاۋاب ئالالمىغان. نەتىجىدە ئۇ 6-ئايدا ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىگە ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، تەھرىرات ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ژۇرنالنىڭ باشلىقلىرىدىن رازى قىلارلىق جاۋاب ئالالمىغان. نەتىجىدە تەھرىرات ھەيئىتىدىكىلەر ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بىر-بىرلەپ ئىستېپا بەرگەن.
ئامېرىكادا چىقىدىغان بۇ خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال گەرچە بۇ ساھەدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ژۇرنال ھېسابلانمىسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن كۆرۈلىدىغان ۋە بىلىنىدىغان ژۇرنال ئىكەن. ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى ئادەتتە داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك گېن تەتقىقاتلىرىنى ئاساس قىلىدىكەن.
موراۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «مولېكۇلالىق ئىرسىيەت ۋە گېن مېدىتسىناسى» ژۇرنىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەھرىرات ھەيئىتىنىڭ ئەخلاقىي تالاش-تارتىشلار تۈپەيلىدىن ئىستېپا بېرىشى ئاز كۆرۈلىدىغان ۋەقە ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئادەتتە تېببىي ساھەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بۇ ژۇرنال قانداق بولۇپ ئۆزى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئىنسان تۈرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ قالدى؟، بۇنى دىققەتسىزلىكتىن قىلدىمۇ ياكى خىتاي تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي بازىرىغا كىرىشنى كۆزلەپ قىلدىمۇ، بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ماڭا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئېنىق بىر ئىزاھات يوق. ئەمما مەن تەھرىرات ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ بۇ ژۇرنالنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرى سەۋەبىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تولىمۇ قەدىرلىك، دەپ قارايمەن. تەھرىرات ھەيئىتى ئەزالىرىنىڭ بىر ژۇرنالغا ‹مەن سىلەرنىڭ ئەخلاقىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىڭلارنى ياخشى كۆرمىدىم› دەپ تۇرۇپ ئىستېپا بېرىشى ئىلگىرى يۈز بېرىپ باققانمۇ بىلمەيمەن ئەمما شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، بۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋال».
يىۋېس موراۋ ئەپەندى 2015-يىلىدىن تارتىپ گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن چەكسىز دەرىجىدە قوللىنىلىشىنىڭ خەۋپلىرىگە قارشى پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، DNA سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئىنسانلار ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ قارايدىكەن. بىز خىتاي تەتقىقاتچىلار ئېلان قىلغان ماقالىلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ زادى قانداق خەتەر تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ ؛ «ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتقان بىر يەردە گېن ئۇچۇرلىرى ساقچىغا، دۆلەتكە ناھايىتى زور قۇدرەت بېرىدۇ» دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ تەتقىقات ماقالىلىرىدىكى مەزمۇنلارنى بىۋاسىتە شۇنداق ياكى مۇنداق زىيان بېرىدۇ، دەپ ئېيتالمايمىز ئەمما ئۇنىڭدىكى ھەربىر ئۇچۇر ساقچىلارنىڭ مەلۇم كىشىگە ئائىت تولۇق گېن ئۇچۇرى ئامبىرى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. سىزنىڭ گېن ئۇچۇرىڭىز، يۈزىڭىز، كۆزىڭىز، بارماق ئىزىڭىز دېگەندەك ھەربىر ئۇچۇرىڭىز ساقچىنىڭ قولىدا. شەخسەن مەن DNA ئۇچۇرلىرىدىن بەك ئەنسىرەيمەن، چۈنكى ئۇ دۆلەتلەرگە ئىنتايىن زور قۇدرەت بېرىدۇ».
بىز موراۋ ئەپەندىدىن خىتاينىڭ ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى بىلەنمۇ ئەيىبلىنىۋاتقان بىر دۆلەتلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ماقالىدا ئېلان قىلىنغاندەك مەزمۇنلارنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئورگان، يەنى بەدەن ئىچكى ئەزاسى ئەتكەسچىلىكى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كېسىپ ئېيتىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ كىشىلەردە پەيدا قىلغان ۋەھىمىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى مۇنداق ئەسكەرتتى: «كىشىلەرمۇ مەندىن DNA ئارخىپلىرى ئورگان ئەتكەسچىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلەمدۇ، دەپ سورايدۇ. مەن بۇنىڭغا ياق دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئەمما يىغىۋېلىنغان DNA ئەۋرىشكىلىرىنى سورىسىڭىز مەن بۇنىڭغا بەلكىم ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئۇ يەردە ھەقىقەتەن ئورگان ئەتكەسچىلىكى بار بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن ئومۇمىي خەلق ئۈستىدىن يىغىۋېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنى ئورگان ئەتكەسىچىلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، دېيەلمەيمەن. مەندە ئىسپات يوق. ئەمما كۆرگىنىڭىزدەك، بۇ خەلق ئىچىدە ‹دۆلەت بىزنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىمىزنى ئېلىۋېلىشى مۇمكىن› دەيدىغان قورقۇنچ پەيدا قىلغان. مەيلى بۇ راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى مۇقەررەر».
يىۋېس موراۋ ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە زور مەبلەغ سېلىپ گېن ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارغا قىزىقىپ قېلىشى ھەرگىز تاسادىپىيلىق ئەمەس، دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بەزى كىشىلەر گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ خەۋپىنى كۆپتۈرۈۋېتىلگەن، دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىممىتى بولمىسا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ مەبلەغ سالىدۇ؟ نېمىشقا خىتايدا تەتقىقاتچىلار، ئاكادېمىكلار بۇنداق زور كۆلەملىك تەتقىقاتلارنى قىلىدۇ؟ ئەسلىدە گېن ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ. بىر مەقسىتى بولمىسا خىتاي نېمە دەپ بۇنداق جىق تەتقىق قىلىدۇ. بەزى كىشىلەر سىزگە بۇ ئۇچۇرلارنى كېرەكسىز دېيىشى مۇمكىن. ئەمما شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرلار كېرەكسىز ئەمەس. ئەكسىچە بۇ خىتايدا ھازىر ئىنتايىن ئاكتىپ بىر ساھە».
مەزكۇر ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى ۋە ئۇ ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دىستوپىيەلىك «مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» نى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. موراۋ ئەپەندى بولسا بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە جۈملىدىن مۇشۇ تۈردىكى تەتقىقاتلار ساھەسىدە بەلگىلىك مۇنازىرە قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىنسانلارنى گېن ئۇچۇرلىرىنىڭ خەتىرى ھەققىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتى ھەققىدە ئويغىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىزمۇ ئۇنىڭ بۇ يولدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ سۆھبىتىمىزنى ئاياغلاشتۇردۇق.