ئۆتكەن يىلى 9-دېكابىر كۈنى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففېرى نايىس باشچىلىقىدا ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بىرنەچچە قېتىملىق گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنلىرىدا ئىسپات توپلاش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغانىدى. مەزكۇر سوت كوللېگىيەسى يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
12-يانۋار كۈنى «خىتايغا قارشى پارلامېنتلار كومىتېتى» يەنى «ئايپەك» (IPAC) شەرقى جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ ھۆكۈمى: خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە قىيىن-قىستاقلىرى» دېگەن تېمىدا تور يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەزكۇر تور مۇھاكىمە يىغىنىغا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى سىر جېففېرى نايىس ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى، 21 دۆلەتتىن 30 دىن ئارتۇق مۇنازىرىلەشكۈچى ۋە 45 تىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
جېففېرى نايىس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە ئۇنىڭ 11 تۈرلۈك خىزمەت پرىنسىپى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»، دېگەن ھۆكۈمى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› دىكىلەر سىياسىي پائالىيەتچى يەنى ئاكتىۋىست ئەمەس. بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز دەلىل ئىسپاتلار. شۇنى ئېيتىپ ئۆتەيكى، بىز بۇ يەردە جىنايەت ئىزدىمىدۇق، بىز دەلىل-ئىسپاتلار كۆرسىتىۋاتقان ھەقىقەتنى ئىزدىدۇق. بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى، بىز نەچچە قېتىم خىتاينى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› كە قاتنىشىشىغا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار قاتنىشىشىنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇلار نەق مەيداندا بولمىسىمۇ، سوت كوللېگىيەمىز ھېچبىر شەكىلدە ئۇلارنى نىشانغا ئالمىدۇق. ئۇلارنى تەكلىپ قىلدۇق، ئۆزلىرى قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىدى. بىز نىشانىمىز ئۇلارنى قارىلاش ئەمەس پەقەت ئوتتۇرىغا چىققان دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىش. ئەگەر ئوخشىمىغان دۆلەتتىن كەلگەن 9 كىشى سىزنىڭ دۆلىتىڭىزگە قارشى ئوخشاش گەپ قىلسا سىز قانداق ھېس قىلىسىز؟ مېنىڭچە ئۇلار بۇ سوتقا قاتنىشىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار قاتناشمىدى. بىز توپلىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقاردۇق. قولىمىزدا بولمىغان ھېچقانداق ئىسپاتقا تايانمىدۇق.»
جېففېرى نايىس ئەپەندى سۆزىنى تاماملىغاندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى جېففېرى نايىس ئەپەندىدىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ۋە ھۆكۈمى ھەققىدە سوئاللارنى سورىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى رەسمىي سوت ئەمەس، دەيدىغان ئىنكاسلارغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئەلۋەتتە سوت ئەمەس، بۇ ياخشى تەرىپى. بىزنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق، لېكىن بىزنىڭ كۈچلۈك يېرىمىزمۇ دەل شۇ يەردە. بىز ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەتنى، پارلامېنتنى، سوتنى چوڭ كۆرمەيمىز. چۈنكى ئۇلار مەغلۇپ بولسا، بىز، خەلق قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى خالىغانچە قىلالايمىز. ئەگەر بىزنىڭ قولىمىزدا مۇھىم ئىسپاتلار بولۇپ كۆرسىتىشكە توغرا كەلگەندە ھېچ ئىككىلەنمەي كۆرسىتەلەيمىز. بۇ ھەقىقەتەن رەسمىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدەكلا مۇھىم. بىزنىڭ سالاھىيەت كۆرسىتىدىغان كىيىملەرگە، بەلگىلەرگە ئېھتىياجىمىز يوق. بىز خەلق، بۇ بىزنىڭ سالاھىيىتىمىزدىكى ئەڭ يارقىن بەلگە.»
جېففېرى نايىس ئەپەندى يەنە كوللېگىيەنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، ھۆكۈمنىڭ دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن چىقىرىلغانلىقى ۋە بۇ ئىسپاتلارنىڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئاشكارا ھالدا تور بەتكە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئىجرائىيەتنىڭ كوللېگىيەدە ئەمەس ھۆكۈمەتلەردە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
جېففېرى نايىس ئەپەندىنىڭ جاۋابلىرىغا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قايىللىقىنى بىلدۈرۈشتى، ھەقىقەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىشتى.
يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت›» دېگەن ھۆكۈمىگە نىسبەتەن ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم توختالدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىف ماركلىي مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا، بىزنىڭ خەلقىمىز شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتتىكى ئوخشىمىغان پىكىردىكى پارتىيەلەرمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىندا بايدىن ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش قانۇنى› نى ئىمزالىدى. يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر ئوخشاش ئىستراتېگىيەنى قوللىنىش ئۈچۈن ئوخشاش كۈچ چىقارساق ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.»
يىغىنغا قاتناشقان ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، كانادا، بېلگىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» غا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «لوندوندا قۇرۇلغان ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› مېنىڭ ھۆكۈمىتىمگە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئېغىر بىسىم قىلىۋاتىدۇ. ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئېنىق بولغان مۇشۇنداق پەيتتە ئەنگلىيە بۇنىڭغا سەل قارىسا بولمايدۇ. كېلەر پەيشەنبە كۈنى مەن پارلامېنتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ، ئەنگلىيە خەلقىمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بىزنىڭ كىيىم ئىشكاپلىرىمىزدىكى نۇرغۇن كىيىملەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان. شىنجاڭدىن كىرگۈزۈلىدىغان بارلىق ماللار قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك. ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ناھايىتى مۇھىم ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتلەر، شىركەتلەر ۋە شەخسلەر ئىنكار قىلالمايدىغان ناھايىتى جىددىي بىر قىرغىنچىلىقنىڭ يۈر بېرىۋاتقانلىقىنى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.»
مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەمەلدارلىرىمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
يىغىننىڭ ئاخىردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېپىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار نامىدىن «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتتى.
ئۇ يەنە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى بىرلىكتە «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» چىقارغان ھۆكۈم، توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارغا تايىنىپ خىتاينىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىردى.