ماتىياس بۆلىنگېر خىتايدا يولۇققان كىچىك ۋەقە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا چوڭ خەۋەرگە ئايلاندى

0:00 / 0:00

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ گېرمان مۇخبىرى ماتىياس بۆلىنگېرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسى بولۇپ قالدى.

گېرمان مۇخبىرى ماتىياس بۆلىنگېرنىڭ خېنەندە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراش ۋەقەسى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، بولۇپمۇ گېرمانىيەنىڭ ھەرساھە تاراتقۇلىرىدا جىددىي تېما سۈپىتىدە توختىماي تەشۋىق قىلىنماقتا. گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك رادىئو تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د، داڭلىق گېزىتلەردىن «جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتى، «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى، «دۇنيا» گېزىتى، «ئەينەك» ژۇرنىلى قاتارلىقلار «خىتايدىكى گېرمان مۇخبىرى پۇقرالارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى»، «گېرمان مۇخبىرى خىتايدا نازارەتكە ۋە بېسىمغا دۇچ كەلدى»، «مۇخبىرلارنى ئوۋلاش»، «خەتەرلىك ئۆزگىرىش»، «ئۆلۈك مۈشۈك بىلەن كۆرۈمسىز مۇخبىرلارغا تاقابىل تۇرۇش: بېيجىڭنىڭ جادۇگەرنى ئوۋلىشى» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەۋەر، ماقالىلەر ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە پۇقرالىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكى، مۇخبىرلارغا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

گېرمان مۇخبىرى ماتىياس بۆلىنگېر(Mathias Boelinger) نىڭ خېنەندە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراش ۋەقەسىدىن كۆرۈنۈش. 2021-يىلى 24-ئىيۇل خېنەن، خىتاي.

قىسقىچە ئېيتقاندا، ئەسلى يۈز بەرگەن ۋەقە مۇنداق بولغان: «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى ماتىياس بۆلىنگېر 24-ئىيۇل خىتاينىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېڭجو شەھىرىدىكى ئاپەت يۈز بېرىۋاتقان رايوندا تۇرۇپ خەۋەر تارقىتىدۇ. شۇ كۈنى ئۇ «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ نەقمەيدان زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا بىرقانچە خىتاي پۇقرالىرى كېلىپ توسالغۇ بولىدۇ. بىرلىرى: «سەن كىمسەن! ؟» دەپ ۋارقىرايدۇ. بىرلىرى: «يوقال بۇ يەردىن!» دەيدۇ. يەنە بىرلىرى: «سەن ب ب س نىڭ يالغانچى مۇخبىرى شۇمۇ؟» دەپ سورايدۇ. بىرلىرى ئۇنىڭ يېڭىدىن تارتسا، بىرلىرى ئۇنىڭ قولىدىكى قول تېلېفونىنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. يەنە بىرلىرى ماتىياس بۆلىنگېرنىڭ سىنغا ئېلىۋاتقان ھەمراھىنىڭ قولىدىكى كامېراغا ئېسىلىدۇ. سۈركىلىش كۈچىيىدۇ. ئەتراپقا ئولاشقانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدۇ. خىتاي پۇقرالىرى بۇ ئىككى گېرمان مۇخبىرىنى قورشاۋغا ئېلىۋېلىپ دۈشكەللەپ، ۋارقىراپ-جارقىراپ كوچىنى بېشىغا كىيىدۇ. ئاقىۋەت خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۇلارنى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مۇھاسىرىسىدىن تەستە ئاجرىتىپ چىقىدۇ.

بۇ قىسقا جېدەلدىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ماتىياس بۆلىنگېرگە ھۇجۇم قىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ بىرقىسمى ئايدىڭلىشىدۇ. بۇ كۈنلەردە ب ب س نىڭ مۇخبىرى روبىن بارانتمۇ خېنەندە بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ يەر ئاستى پويىز يولىغا كەلكۈن سۈيى بېسىپ كىرىپ، ئەڭ ئاز 12 ئادەمنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرمىگەنلىكىگە دائىر خەۋەر تارقاتقان. بۇنىڭدىن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇلار ئۈچۈن ئاپەت رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاشكارىلاش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نەق مەيداننىڭ سۈرىتىنى توردا ئاشكارىلىغان ئىككى نەپەر خىتاي مۇخبىرمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ب ب س نىڭ مۇخبىرلىرى ئىلگىرى ئىشلىگەن خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسىغا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىم خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق جېنىغا تەگكەن بولغاچ، خىتاي دائىرىلىرى ئۆز پۇقرالىرىغا ب ب س نى «خىتايغا قارشى يالغان ئۇچۇر تارقىتىدىغان يامان نىيەتلىك تەشۋىقات قورالى» سۈپىتىدە تونۇتۇپ بولغان. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۇلارنى كۆرگەن ھامان ئورنىنى مەلۇم قىلىش، ئۇلارنى ھەيدەپ چىقىرىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ئاللىقاچان كەڭ تارقىلىپ بولغان. بۇ سەۋەبتىن خېنەندىكى خىتاي پۇقرالىرى ماتىياس بۆلىنگېرنى «ب ب س نىڭ مۇخبىرى بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان.

ماتىياس بۆلىنگېر شۇ كۈنى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى دائىم نازارەت قىلىنىش، قۇيرۇقىغا ئادەم كىرىۋېلىش، ساقچىلارنىڭ توختىماي سوئال-سوراق قىلىشى، زىيارەتلەرنى رەت قىلىشى ۋە قوپال مۇئامىلىلەرگە دۇچ كېلىش قاتارلىق ھەرقاچان يۈز بېرىدىغان بۇنداق ھادىسىلەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، بۇ نۆۋەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بېسىمىغا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى مىللەتچى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ماھىيەتتە باشقا بىر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىدۇ.

ماتىياس ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى ئۆزىنىڭ تاراتقۇ سەھىپىسىگە قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان خىتايلار ئىنكاس قالدۇرۇپ، «ئۇ نېمىشقا ئۆلتۈرىۋېتىلمىدى؟»، «ئۇنى چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك!» دېيىشكەن ۋە ئۇنىڭغا ئېغىر ھاقارەتلەرنى قىلغان. بىراق ئۇ خىتايلارنىڭ سۆزلىرىگە جاۋاب بەرمىگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە دەپسەندىچىلىكى، تەيۋەنگە بولغان ھەربىي تەھدىتى ۋە كورانا ۋىرۇسى سەۋەبلىك خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى زور دەرىجىدە چۆكۈۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، گەرچە كىچىكلا بىر ھادىسە بولسىمۇ، شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مىللەتچىلىكتە قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، غەرب دۈشمەنلىكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئەينەك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

گېرمانىيەدە 27-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان «ئۆلۈك مۈشۈك بىلەن كۆرۈمسىز مۇخبىرغا تاقابىل تۇرۇش: بېيجىڭنىڭ جادۇگەرنى ئوۋلىشى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق ئىبارىلەرگە يەر بېرىلىدۇ: «خىتايدا چەتئەللىك مۇخبىرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىدۇ ۋە تەھدىتلەرگە يولۇقۇۋاتىدۇ. ئەمما ماۋ زامانىدىكىدەك ئەسكىلىك تېخى يۈز بېرىپ باقمىدى». «1967-يىلى ماۋ دەۋرىدە قىزىل قوغدىغۇچىلار رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ھازىر 83 ياشقا كىرگەن بىرىتانىيەلىك مۇخبىرى ئانتونىي گېرينى 27 ئاي نەزەربەند قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆي مۈشۈكىنى ئۆلتۈرۈپ، مۈشۈكنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ كارىۋىتىنى بۇلغىغان ئىدى». «خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ لوگىكىسىغا بىنائەن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زەئىپلىكىنى ۋە ئىجتىمائىي رەزىللىكلەرنى پاش قىلىش، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە تۆھمەت قىلغان بىلەن باراۋەر»، «چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى كۈندىلىك ھاياتنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. چەكلىمىلەرگە ئۇچراش، نازارەت قىلىنىش، ساقچىلارنىڭ سوراقلىرىغا تۇتۇلۇش، پراكتىكا قىلىنىشلار ئۇيغۇرلارنىڭ سەزگۈر رايونى بولغان شىنجاڭ ئۆلكىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ھېچبولمىسا، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكالىق مۇخبىرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئاخبارات دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ناچارلاشتى».