خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا سوزۇلغان بىر ئۇچى

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.04.25
Maximilian-Krah.jpg «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ناملىق ئەشەددىي ئوڭچىل پارتىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىل نامزاتى ماكسىمىلىيان كىراھ (Maximilian Krah) ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سايلامدا تېلېفون سۆزلەشمەكتە. 2024-يىلى 23-ئاپرېل، ستراسبورگ(Strasbourg)، فىرانسىيە.
AFP

22-ئاپرېل ئىككى ئەر، بىر ئايال گېرمان پۇقراسىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ 3 شەخسنىڭ خىتاينى گېرمانىيەنىڭ ھەربىي مەلۇماتلىرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 23-ئاپرېل جيەن. گ (Jian. G) ئىسىملىك بىر خىتاي جاسۇسىنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ مۇنازىرىلەر تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جيەن. گ ئىسىملىك بۇ خىتاي جاسۇسىنىڭ خىتاينى گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا دائىر مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، چەت ئەلدىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش بىلەنمۇ ئالاقىسى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

گېرمانىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، گېرمان پاسپورتىغا ئېرىشىپ ياشاۋاتقان جيەن. گ ئىسىملىك 43 ياشلىق بۇ خىتاينىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ بۇ قەدەر زور غۇلغۇلىلار قوزغىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ماكسىمىلىيان كىراھ (Maximilian Krah) ئىسىملىك مەشھۇر بىر سىياسىي ئەربابنىڭ قول ئاستىدىكى خىزمەتچى بولغانلىقى ئىكەن. ماكسىمىلىيان كىراھ بولسا «گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش» ناملىق ئەشەددىي ئوڭچى پارتىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىل نامزاتى ئىكەن.

«بېرلىن ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىدە 24-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان «AFD سىياسەتچى كىراھ: ئەلۋەتتە، مەن بېيجىڭدا بولغان ئىدىم» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئادەم ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا ھېچ قىزىقمايدىغان، خىتاينى دائىم ئاشكارا قوللايدىغان بىر كىشى ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا «شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ بارلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن» دەپ يازغان ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ۋە تىبەتنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنلىرىنى ئاشكارا تەبرىكلىگەن شەخس ئىكەن. كىراھ يەنە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ گېرمانىيەدىكى تەشەببۇسچىسى ۋە خۇاۋېينىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەن. قول ئاستىدىكى جيەن. گ ئىسىملىك خىتاي قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ماكسىمىلىيان كىراھ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان.

دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا شۇكى، خىتاينىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ تەھدىتلەر شەكىللەندۈرمەكتە ئىكەن. «دۇنيا» گېزىتى 24-ئاپرېل ئېلان قىلغان «ياۋروپا سايلىمى: گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق گۇمانى، خىتاينىڭ مەخپىي ھەرىكەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ سىڭىپ كىرەمدۇ؟» ناملىق سىن فىلىمىدا بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تەھدىتىگە يولۇقماقتىكەن ۋە مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق ئىلگىرى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئىكەن. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، د ئۇ ق قۇرۇلغان 2004-يىلىدىن بۇيان خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ تۈرلۈك پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.

دەرۋەقە، 2011-يىلى ميۇنخېن شەھىرىدە د ئۇ ق ھەققىدە ئاخبارات توپلاشقا سېلىنغان بىر خىتاي، بىر شىۋە، ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر خىتاي جاسۇسى قولغا ئېلىنغان ئىدى. «گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» 24-ئاپرېل ئېلان قىلغان «خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى راۋاجلانماقتا» ناملىق خەۋەردىمۇ ئەيسا ئىمىن ئىسىملىك كورلادىن كېلىپ گېرمانىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ جاسۇسلۇققا مەجبۇرلىنىش ۋەقەلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارغا ئايلانماقتىكەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بارغان نەتىجىسىز خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنلا، گېرمانىيەدە خىتايغا ئىشلىگەن 4 نەپەر جاسۇسنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ۋە بۇ مەسىلىگە گېرمانىيەنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاس بىلدۈرۈشى، خىتاي تەرەپنى خېلىلا بىئارام قىلغان. گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەنسىي فايزېر مۇنداق دېگەن: «بۇ جاسۇسلۇق قىلمىشى ئىنتايىن ئېغىر ۋەقەدۇر. ئەگەر خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئىسپاتلانسا، بۇ خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ دېموكراتىيەسىگە قىلغان بىر ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ».

خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى 24-ئاپرېل خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىز گېرمانىيەنىڭ بىزنى جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەشتىن پايدىلىنىپ، خىتاينى كونترول قىلىش ۋە خىتاينىڭ سىياسىي ئوبرازىنى بۇلغاشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. د ئۇ ق خادىملىرىدىن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئەسلىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈش بۆلۈمى، خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ قارمىقىدىكى سىياسىي قوغداش بۆلۈمى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىنى سەپلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن بولۇپ، 1983-يىلى رەسمىي يوسۇندا خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ ھازىر 110 مىڭدەك كەسپىي خادىمى بار ئىكەن. ئۇنىڭ غەيرىي رەسمىي خىزمەتچىلىرىنى قوشقاندا، 250 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي جاسۇسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ئۆزلىرىنىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.

«دۇنيا» گېزىتىنىڭ 24-ئاپرېل ئېلان قىلغان «ياۋروپا سايلىمى ۋە گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق گۇمانى: خىتاينىڭ مەخپىي ھەرىكەتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ سىڭىپ كىرەمدۇ؟» ناملىق سىنلىق خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىلىم-پەن، يۇقىرى تېخنولوگىيە، ئەسكىرىي ئۇچۇرلار ۋە ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئاخباراتلارنى كەسپىي جاسۇسلار، خىتاي شىركەتلىرى، بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە خاككېرلار ئارقىلىق توپلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.