گېرمانىيەنىڭ خىتايدىن يىراقلىشىپ، ھىندىستان بىلەن يېقىنلىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟

0:00 / 0:00

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 24-فېۋرال باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ بۇ ئۇرۇش رۇسىيە ۋە خىتايغا ئېنىرگىيە ھەم خام ئەشيادا يۆلىنىپ قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئاچچىق بىر ساۋاق بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ دۆلەتلەر نۆۋەتتە خىتاي ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ مۇستەبىت كۈچتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار ئىمكانلىرى بىلەن تېرىشماقتا ئىكەن. گېرمانىيە بولسا بۇ ساھەدە دادىل قەدەم تاشلاۋاتقان بىر دۆلەت سانىلىدىكەن.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ «خىتايغا قارشى سەپەر» ناملىق ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 30 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەگە باش مىنىستېر بولغان سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدى بىلەن خىتاينى، ئاندىن ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشى، گويا ئۆزگەرمەس بىر سىياسىي ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان. سابىق باش مىنىستېر ئانجىلا مېركىل ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان 15 يىل ئىچىدە، خىتاينى 10 قېتىم زىيارەت قىلغان. بىراق بۇ كونا قائىدە بۇ نۆۋەت ئۆزگەرگەن. گېرمانىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستېرى ئولاف شولىز بۇ ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا زىيارىتىنى تۇنجى قېتىم ياپونىيەدىن باشلىغان. 28-ئاپرىل ئېلىپ بارغان ياپونىيە زىيارىتىدە ئۇ گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ «قىممەت ھەمراھى» بولغانلىقىنى، يەنى قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمراھقا ئايلانغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «خىتايغا قارشى ئاشكارا ھۇجۇم» دەپ تەرىپلىگەن. شولىز سۆزىدە گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ «ب د ت نىڭ ئاساسىي نىزاملىرىنى، خەلقارا تەرتىپنىڭ نېگىزلىك قائىدىلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

2-ماي كۈنى ھىندىستان باش مىنىستېرى نارېندرا مودى ياۋروپا زىيارىتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى گېرمانىيەدىن باشلىغان. «رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېگەن بولسىمۇ، رۇسىيەگە قارشى تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ھىندىستان خېلىدىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىققەت نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان. چۈنكى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ دېموكراتىك دۆلەت رۇسىيەنىڭ ئەڭ كۆپ قورال-ياراق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەنزىلى بولۇپ كەلگەن. مودى گېرمانىيەدە قىزغىن كۈتىۋېلىنىپ، بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزۈش پۇرسىتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە دانىيە، ئېسلاندىيە، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە ھەمدە ئاخىرىدا فرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، مۇھىت ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەرگە ئائىت تۈرلۈك كېلىشىملەرنى تۈزىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنى قىزىقتۇرغىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن بىردىنلا ئۇزۇن يىللىق سودا ھەمراھى بولغان خىتاينى تاشلاپ، ھىندىستان ۋە ياپونىيەگە يۈزلىنىشى ھەمدە رۇسىيە ۋە خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا بەل باغلىشى بولغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنى «ئۇزۇن مۇساپىدىن ئويلىغاندا، توغرا ئىستراتېگىيە» دەپ تەرىپلەشكەن. چۈنكى خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەسلىكى، تاجاۋۇزچى كۈچ بولغان رۇسىيەگە قارشى سەپكە ئۆتەلمەسلىكى ئۇنىڭ «نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى» نىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ پوزىتسىيەسى ياۋروپالىقلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. چىگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۈگۈنكى ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاخبارات ئەركىنلىكى تەكشۈرۈلگەن 181 دۆلەت ئىچىدە خىتاينىڭ 176-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ 155-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆز تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا ھەقنى بۇرمىلاپ، رۇسىيەنىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

بىزنىڭ دىققىتىمىزغا سازاۋەر بولغىنى بولسا «گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇبادا راستىنلا ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنى تاللاپ، خىتايدىن ۋاز كەچسە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زادى قانچىلىك پايدىسى بولۇشى مۇمكىن؟» دېگەن مەسىلىدۇر.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبلىك دۇنيا دۆلەتلىرى قۇتۇپلارغا ئايرىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئەگەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە، ھىندىستان، ياپونىيە كەبى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يېڭى ئىتتىپاقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىسا، بۇ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولىدىكەن، ئەكسى تەقدىردە پايدىسى بولمايدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدىنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مۇبادا راستىنلا ھىندىستان بىلەن ياپونىيەنى تاللاپ، خىتايدىن ۋاز كەچسە، بۇ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولىدىكەن ھەمدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ئېتىراپ قىلمىغان بۇ 3 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باشقىچە پوزىتسىيە تۇتۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي غەربنىڭ قىممەت قارىشىغا بىرلىكتە جەڭ ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىككى مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەن. ئەگەر رۇسىيە مەغلۇپ بولسا، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە دۇنيا تەرتىبىنى ئۆز مەيلىچە بەرپا قىلىش خامخىيالى بەربات بولىدىكەن.