دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر ھەيئەتلەر ئۆمىكى شۋېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرن شەھىرىگە بېرىپ 6-ئاينىڭ 2- كۈنى بىر كۈنلۈك زىيارەت ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ئۆمەك شۋېتسارىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشقان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ قېتىمقى شۋېتسارىيە زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۇ، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» توغرىسىدا ئۇيغۇر كوللېگىيەسى چىقارغان قارارنى چۈشەندۈرۈش ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتى بىلەن بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.( ئاۋاز)

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى شۋېتسارىيەنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە كىشىلىك ھوقۇققا مەسئۇل ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا شۋېتسارىيەنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، شۋېتسارىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش، لاگېر شاھىتلىرىنى گۇۋاھلىق بەرگۈزۈش، پاناھلانغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئوخشاش بىر يۈرۈش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئۇلاردىن ئىجابىي جاۋاب ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئاۋاز)
بۇ زىيارەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر ۋە پارلامېنتلارنى زىيارەت قىلىش پىلانىنىڭ دائىرىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەيئەت د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شۋېتسارىيەدىكى ۋەكىلى ئەندىلى قاراخان ئەپەندى ۋە پروگرامما خادىمى ئەۋا ستوككەر خانىم قاتارلىق 4 كىشىدىن تەركىب تاپقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم شۋېتسارىيەنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دۆلىتى»، پايتەختى بېرن شەھىرىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق پايتەختى» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ،شۇڭا شۋېتسارىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بەزى توختاملارنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇنى ھۆكۈمەت ئالىي رەھبەرلىرىگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى بايان قىلدى. (ئاۋاز)
ئەندىلى قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنى، نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. (ئاۋاز)
شۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتتە بولۇشى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن.