گېرمانىيەدىكى «دېر ستاندارد» گېزىتى د ئۇ ق رەئىسىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاينى جازالاش» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلدى.
15-مارت گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دېر ستاندارد» گېزىتى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، «خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىن-بىر يولى خىتاينى جازالاش» ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى پائالىيەتلىرى، د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندا قۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرى، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق زۇلۇم قىلىدىغانلىقى، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى، د ئۇ ق رەئىسىنىڭ شەخسىي كەچمىشلىرى ھەم ئۇنىڭ چەتئەلدە خىتاي تەھدىتىگە يولۇقۇش ئەھۋاللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلاردا سوئاللار سورالغان ئىدى.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بەرگەن جاۋابلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى، 2014-يىلى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقىنى، 2016-يىلىدىن تارتىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى بەرپا قىلىپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ھەمدە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى سولاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ھەم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە دۇنيانىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر گېزىتنىڭ «تۈركىيە ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ياۋروپا بولسا بېيجىڭ بىلەن يېڭىدىن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. سىلەر باشقا دۆلەتلەردىن ۋە ياۋروپادىن نىمىنى كۈتىسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «1933-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان ئىنسانلار ناتسىست گېرمانىيەسىدىكى جازا لاگېرلىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئەھۋال باشقىچە. (خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھەممىگە مەلۇملۇق بىر مەسىلىگە ئايلاندى). خىتاي ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىپ غەرب دېموكراتىيەسىنى ئۆز تىزگىنى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭ يېتەرلىك پاكىتلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا ئاكتىپ پائالىيەتتە بولماقتا. مەسىلەن، ۋولكىسۋاگېن. بۇنى كىم، قانداق ئاقلىيالايدۇ؟ ئىنسانلار بېيجىڭ بىلەن بولغان بارلىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلىرىنى بىكار قىلىشى لازىم. خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ بىردىن بىر يولى-خىتاينى جازالاش!»
مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىدە دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى، ۋەتەننى تەرك ئېتىش جەريانلىرى، گېرمانىيەدىكى ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش ئەھۋاللىرىغىمۇ سەھىپە ئاجرىتىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەتبۇئاتىنىڭ، جۈملىدىن گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققەت-ئېتىبارىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيەگە ئوخشاش «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارى توغرىسىدا جىددىي ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى بايان قىلغاندا، نۆۋەتتە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنىڭ گېرمانىيەدىكى پارتىيە، گورۇھلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.