گېرمانىيەدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقى نامايىش بىلەن خاتىرىلەندى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشتى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ميۇنخېن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن كەلگەن كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغاندىن سىرت، د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىرى، «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ خادىملىرى، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ مەسئۇللىرى، «ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى، بىر قىسىم تۈركلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.

نامايىش مۇقەددىمىسىدە «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى ئۇيغۇرچە ۋە گېرمانچە تىللاردا نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قانلىق قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەش ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم سىياسىتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم پاش قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

نامايىشتا ئالايىتەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىن كەلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ سۆزچىسى مارگارېتا باۋزې خانىممۇ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان» ئىبارىسىنى قوللىنىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن، بەلكى ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىكلا ئىرقىي جەھەتتىن قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ بۇ ئادالەتسىزلىككە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، بولۇپمۇ گېرمانىيە باشتا بولۇپ پۈتۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى جىددىي تەدبىر قوللىنىشى لازىملىقىنى بايان قىلدى.

بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان يەنە بىر مۇھىم سىياسىي ئەرباب باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركوس رىندېباخېر ئەپەندى بولدى. ئۇ سۆزىدە بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى ۋە خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن بۈگۈنمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىمىي بىر دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق لەنەتلەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ خىتايغا قارشى ئورتاق سادا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشتا سۆز ئالغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، «ئەگەر دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت يەنىلا لازىم بولسا، ئەگەر دۇنيا بارلىق ھەقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلماقچى بولسا، ھازىر بۇ ھېسسىداشلىقىنى ئىپادە قىلىشنىڭ دەل ۋاقتى ئىكەنلىكىنى، ئەكسى تەقدىردە كېچىكىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرنىڭ مىللەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىش گىردابىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى» تەكىتلەپ ئۆتتى.

گېرمانىيەنىڭ گۆتتىنگېن شەھىرىدىن كېلىپ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندىمۇ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە بۈگۈن بۇندىن 11 يىل ئىلگىرىكى بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلەشتىكى مەقسەدنىڭ خىتاينىڭ ئۆتمۈشتە ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بۇنداق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىش، سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەت ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.

بۇ قېتىمقى نامايىش ميۇنخېن شەھىرىنىڭ سودا ۋە ساياھەت مەركىزى بولغان كارلزپلاتز مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى تارتتى. ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراق ۋە جازا لاگېرلىرىغا ئائىت سۈرەتلەر، خىتايغا قارشى لوزۇنكىلار، تەشۋىقات نۇتۇقلىرى كىشىلەرنىڭ زىيارەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئىدى.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى نامايىش جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشنىڭ مەقسىتى ھەم ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ بۇ نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشىغا ھەر يىلى قاتنىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.