ۋولكىسۋاگېن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان بولسا، BASF  ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىلىپ قالغان

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى دۆلەت ھالقىغان چوڭ شىركەتلەردىن ۋولكىسۋاگېن شىركىتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق» دېگەن ئەيىب بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان تەنقىد نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىدى. كورلادا زاۋۇت قۇرغان گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خىمىيە سانائىتى شىركەتلىرىدىن BASF ئۆزى بىلەن شېرىكلەشكەن «ماركو» ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ كورلادىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىق جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىپ، قاتتىق تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلمەكتە.

6-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ Z D F تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتايدىكى دۆلەتلىك نازارەت: BASF ئۇنىڭغا قانداق چېتىلىپ قالدى؟» ناملىق فىلىمنى تارقىتىپ، BASF نىڭ شېرىكى بولغان «ماركو» ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ 2018-يىلىدىكى زور تۇتقۇندا كورلادىكى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئاكتىپ ماسلاشقانلىقىنى، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي خادىملىرىنىڭ كېچىلىك تۇتقۇن قىلىشلارغا بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گېرمانىيە جەمئىيىتىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى 2-فېۋرال گېرمانىيەدىكى داڭلىق سىياسىي ژۇرناللاردىن «ئەينەك» ژۇرنىلى بۇ خۇسۇستا «گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىغا چېتىلىپ قېلىش دەرىجىسى قانچىلىك؟» ناملىق مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ،BASF نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ ژۇرنال 6-فېۋرال يەنە «پارلامېنت ئەزالىرى BASF نىڭ شىنجاڭدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، BASF نىڭ ياۋروپادا كۈچلۈك تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق پىروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ تىلغا ئېلىشىچە، يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق» دەپ قارىلىپ تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان BASF نىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغىمۇ چېتىشلىق بولۇپ چىقىشى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىغا ئېغىر زەربە بېرىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك غەزەپلىرىنىمۇ قوزغىغان.

«خىتايدىكى دۆلەتلىك نازارەت: BASF ئۇنىڭغا قانداق چېتىلىپ قالدى؟» ناملىق فىلىمدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇنلار ئەۋجىگە چىققان زاماندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدىغان خىتاي كادىرلارنى يېتىشتۈرەلمەي، بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرىنى ۋە بەزى يەرلىك ئۇيغۇر، قازاقلارنى بۇ ھەرىكەتلەرگە قاتناشتۇرغان. BASF نىڭ شېرىكى بولغان «ماركو» ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ خادىملىرىمۇ شۇ قېتىمقى تۇتقۇندا ئاكتىپ رول ئوينىغان.

لاگېر شاھىتى گۈلپىيە قازىبېك ZDF قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش.
لاگېر شاھىتى گۈلپىيە قازىبېك ZDF قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. (www.zdf.de)

فىلىمدا تەسۋىرلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇن قىلىنغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىپ، ھەر بىر ئۆيگە ئىككىدىن خىزمەتچى خادىمنى بەلگىلەپ، بىر كېچىدىلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ لاگېرلارغا سولىغان. شۇ قېتىمقى تۇتقۇنلاردا BASFئورۇنلاشقان رايوندىكى 40 مىڭ كىشىدىن 10 مىڭ كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن. ھازىر ئالماتادا ياشاۋاتقان، 2018-يىلىدىكى تۇتقۇنغا بىۋاسىتە قاتناشقان لاگېر شاھىتى گۈلپىيە قازىبېكنىڭ ZDF قانىلىغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە ئاتا-ئانىلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس بالىلار لاگېرى تەسىس قىلغان. بۇ خىل ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان دەھشەتلىك تۇتقۇنلاردىن چۆچۈپ كەتكەن يەرلىك ئاھالىلەر «ئەمدى نۆۋەت ماڭا كېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشە بىلەن كەچلىرى كىيىملىرىنى قېلىن كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرگۈچىلەر تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشىنى كۈتۈپ ئەندىشە ئىچىدە ياتىدىغان بولغان.

د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت خادىملىرىنى يېتىشتۈرەلمەي، خىتاي كارخانىچىلىرىنىمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشقا سېلىشى، خىتاينىڭ نەقەدەر ئىرقچى بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. ئۇ سۆزىدە،BASF نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ بۇ شىركەتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش تەلىپىنى سۇنغان.

فىلىمدا مەزكۇر ۋەقەگە پىكىر قاتناشتۇرغان ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنز، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى رايىنخارد بۈتىكوفېر ھەمدە گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مىخائىل براند قاتارلىقلارنىڭ BASF نى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەتلەر سادىر بولۇۋاتقان بۇ تۇپراقتىن گەرچە كەچ قالغان بولسىمۇ، دەرھال چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكى بايان قىلىنغان. مىخائىل براند مۇنداق دېگەن: «ناتسىستلار زامانىدا تارىخنىڭ تۈۋرۈكىگە مىخلانغان بىر شىركەتنىڭ مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆيلىرىدىن يۇلۇپ چىقىپ لاگېرلارغا قاماپ مەجبۇرىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان بىر سىستېمىغا بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ۋاسىتىلىك شېرىك بولۇشى، BASF ئۈچۈن ھەمدە گېرمانىيە ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق بىر ھېكايە!»

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، BASF نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىلىپ قېلىشى گېرمانىيەدە ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلغان. شىركەت خوجايىنى مارتېن ئەپەندى بۇ سەۋەبلىك تۈرلۈك سوئاللارغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان. بىراق BASF نىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئۆز شېرىكلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىدىغان بۇنداق ۋەقەلەرگە قاتناشقانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى كۆرمىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئىدى.