گېرمانىيەدىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇت» لىرى تازىلاشقا دۇچ كەلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-04-13
Share
گېرمانىيەدىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇت» لىرى تازىلاشقا دۇچ كەلمەكتە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان خىتاي فىرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى ئەپ كەلگەن خىتاي پەيلاسوپى كۇڭزىنىڭ ھەيكىلى. 2009-يىلى 13-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە.
AFP

گېرمانىيەدىكى ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاينىڭ جازاسىغا جاۋابەن «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان.

گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا 2016-يىلىغا قەدەر 20 گە يېقىن «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» لىرى قۇرۇلغان بولۇپ، يىللاردىن بۇيان بۇ ئىنستىتۇتلارنى بەزى گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى، غوللۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر «خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى، جاسۇسلۇق مەركىزى» دەپ ئەيىبلەپ ھۆكۈمەتتىن ئۇنى تاقاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. 2020-يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيەدىكى «ھامبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى» بىلەن «دۈزىلدورف ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن ئىبارەت ئىككى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» بىلەن بولغان بارلىق توختامنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ گېرمانىيەدىكى «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» نى تازىلاشنىڭ بىر مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغانىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىئوسىنىڭ 12-ئاپرېلدىكى «خىتاينىڭ جازاسىغا قارشى ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتى دەرس توختاتتى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيەنىڭ ئىجادچىسى بولغان كارل ماركىسىنىڭ يۇرتى ترىئەردىكى مەشھۇر ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» نىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە خاتىمە بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. مەزكۇر باياناتقا ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى مىخائېل جېكېل بىلەن «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نىڭ گېرمانىيە تەرەپتىن بولغان مۇدىرى مارك ئولىۋېر ئىمزا قويغان.

ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقىشىغا 22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك خىتايغا قارشى جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرىدە ئېلان قىلغان قايتۇرما جازاسى سەۋەب بولغان. خىتاينىڭ قايتۇرما جازاسى تەركىبىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بىلەن بىرگە، گېرمانىيەدىكى «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» مۇ ئورۇن ئالغانىدى. ھالبۇكى، «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى سېباستىيان خايىلمان بىلەن كىرىستىن شى-كۇفېر قاتارلىقلار ئۆز نۆۋىتىدە ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدى. «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» بولسا قۇرۇلۇپ 10 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز گېرمانىيەدىكىلا ئەمەس، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار ئامبىرىغا ئايلانغانىدى.

چەتئەللەردىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، تېخى ئالدىنقى ھەپتە گېرمان ياشلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ گېرمانىيەنىڭ ئىنگولشىتات شەھىرىدە «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى تاقالسۇن» دەپ نامايىش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا قارشى قايتۇرما جازاسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ياۋروپادىكى 30 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ رەھبەرلىرى دەرھال ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى ئىرادىلىرىنى ئوچۇق نامايان قىلغان. ئۇلار 25-مارت ئۆزلىرىنىڭ «مېركاتو خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتى» دىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىرلەشمە بايانات ئارقىلىق ئورتاق ئاۋازدا جاكارلىغان ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ كېلەچەكتە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ترىئەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقاشتىن ئىبارەت بۇ قارارىنىڭ گېرمانىيەدىكى يەنە بىر ئىلگىرىلەش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى، خىتاينىڭ قايتۇرما جازاسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ غەربلىكلەرنىڭ ئۆز قىممەت قاراشلىرىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى يەنىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى 2019-يىلىدىن باشلاپ يامانلىشىشقا يۈزلەنگەن. گېرمانىيەدە ھەم كىشىلەرنىڭ «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» غا نىسبەتەن قاراشلىرىدىمۇ شۇ يىلىدىن باشلاپ زور ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغان. بولۇپمۇ، 2021-يىلى 22-مارت ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارىتا يۈرگۈزگەن جازاسى بولسا خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھالقىلىق پەيتلەردە خىتاي بىلەن ئەمەس، ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش يولىنى تاللىۋېلىشى ھەمدە يېقىندىن بۇيان گېرمانىيە، فىرانسىيەلەرنىڭ-تىنچ ئوكيان رايونلىرىغا قوشۇن ئەۋەتىپ ئامېرىكا، ھىندىستان، ياپونىيە، ئاۋىسترالىيەلەر بىلەن ئورتاق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش ئىرادىسىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشى خىتايدىن قۇتۇپ ئايرىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى سانىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت