گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.
ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئابوكاتا 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقى، لاگېرلاردا ئېلىپ بېرىلغان تەن جازاسى، جىنسىي زوراۋانلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇملارنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشقا باشلىدى.
گېرمانىيە دۆلەتلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە قانىلى «ئا ر د» 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ب د ت خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە، تومويا ئوبوكاتانىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى كۆزدىن كۆچۈرگەن، خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلىرىنى ئوقۇغان ۋە نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەقىقەتەنمۇ قۇل ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈش مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلغان.
«گېرمانىيە رادىئوسى» 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ب د ت مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەنقىد قىلدى» ناملىق خەۋەردە تومويا ئوبوكاتانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بايانلىرى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «تومويا ئوبوكاتانى ئوققا تۇتقان» لىقى، ئۇنى يالغانچىغا چىقارغانلىقى، «ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قاپاق تۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە پاكىتلارنىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى سۆزلەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ بولسا بۇنىمۇ ئىنكار قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دىققەتكە سازاۋەر بولغىنى، بۇ خەۋەرلەر ۋە ماقالىلەردە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بايان قىلىنىپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ زېمىن دائىرىسىنىڭ خەرىتىلەشتۈرۈلۈپ تەسۋىرلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنىڭ ۋاراقلىنىشى ۋە «خىتاي كوممۇنىستلىرى 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان» دېگەن جۈملىنى قوللىنىشىدۇر.
گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زامان» گېزىتى 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «ب د ت مۇتەخەسسىسى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى» ناملىق خەۋەردە تومويا ئوبوكاتانىڭ سۆزلىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، خەۋەرنىڭ خاتىمىسىنى «خىتاي كوممۇنىستلىرى بېيجىڭدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋالغان» دېگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.
ئوخشاش جۈملىنى گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «تارازا» ئاخبارات قانىلىمۇ 17-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي ئۆكتىچى كۈچلەرنى داۋاملىق روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا قاماپ قويماقتا» ناملىق ماقالىسىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار» ناملىق بۆلىكىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ماقالىدا «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بۇ يەردە سىياسىي، دىنىي، مەدەنىي جەھەتتىن زۇلۇملارغا ئۇچرىماقتا. خىتاي كوممۇنىستلىرى ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان» دەپ بايان قىلىنغان.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «خىتاي كوممۇنىستلىرى بېيجىڭدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋالغان» دېگەن بۇ ئىبارە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئىلگىرى ئانچە كۆپ كۆزگە چېلىقمىغان. «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكى ھەممە ئۇيغۇرغا ئايان بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشى تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان مەسىلە ئىكەن. بۇ سەۋەبتىنمۇ د ئۇ ق مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش» قا تېرىشماقتا ئىكەن. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ «خىتاي كوممۇنىستلىرى بېيجىڭدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋالدى» دېگەن ئىبارىنى قوللىنىشى ئۇيغۇر ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، «شەرقىي تۈركىستان بېسىۋېلىنغان زېمىن» مەنىسىنى بېرىدىغان بۇ خىل پىكىرلەرنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۆپلەپ تىلغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن ئەھمىيىتىنىڭ زورلىغىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ناھايىتى زور ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتايغا قارىتا ئەزەلدىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان گېرمانىيەدە يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن ھەقىقەتەنمۇ مەمنۇن بولۇشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
گېرمانىيەنىڭ «زامان» ۋە «تارازا» گېزىتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پىكىر 18 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ باشقا گېزىت - ژۇرنال ۋە تور سەھىپىلىرىدە كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىغان. «سادا» تور سەھىپىسىدە 18-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «ب د ت مۇتەخەسسىسى شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئوتتۇرىغا قويدى، بېيجىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ «خىتاي كوممۇنىستلىرى بېيجىڭدا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، 1949-يىلى سابىق شەرقىي تۈركىستاننى خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋالغان» دېگەن جۈملىگە ئورۇن بەرگەن.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، د ئۇ ق نىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.