1-ئۆكتەبىر گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گېرمانىيەنىڭ دۈسېلدورف، فرانكفۇرت، كارلىسرۇھې، ستۇتگارت، گېرمېرسخايىم، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 65 شەھەردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. گېرمانىيەنىڭ دۈسېلدورف، فرانكفۇرت، كارلىسرۇھې، ستۇتگارت، گېرمېرسخايىم، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىمۇ بۇ سەپكە قوشۇلغان.

1-ئۆكتەبىر گېرمانىيەنىڭ گېرمېرسخايىم شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بۇ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نامايىش بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ كارلسرۇھې شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئىپتىخار ئەپەندى كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ شەھەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمكان يار بەرگەن دائىرىدە خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

گېرمانىيەنىڭ دۈسېلدورف شەھىرىدە نامايىشقا قاتناشقان جەمىلە خانىممۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى نامايان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

1-ئۆكتەبىر يەنە گېرمانىيەنىڭ بېرلىن، فرانكفۇرت ۋە ستۇتگارت شەھەرلىرىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. ستۇتگارت شەھىرىدىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ۋە ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. بېرلىندىكى نامايىش ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، 1-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. بۇ كۈنى يەنە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت