گېرمانىيەلىك تۈرك ياشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئون كۈنلۈك زىيارىتى (1) – چېگرادا دۇچ كەلگەن سوئال-سوراقلار

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.06.18
Germaniyelik-sayahetchi-Cinan-choban گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان. 2024-يىلى، تۇرپان
Sinan Çoban

ئەنەس كاپلى (Enes Kaplı) ۋە سېنان چوبان (Sinan Çoban) قاتارلىق گېرمانىيەلىك تۆت ياش بۇ يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كىرگەن. ئۇلارنىڭ زىيارەت مەنزىلى غۇلجا، ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىدى. ئامېرىكا  ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 19-يانۋار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلىغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇۋاتقان  23 ياشلىق ئەنەسنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئىككىنچى قېتىم بېرىشى ئىكەن. ئۇ تۇنجى قېتىم 2023-يىلى 21-سېنتەبىردىن 26-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە بەش كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئىكەن. ئەنەسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايغا كىرىش ۋىزىسى ئېلىش ئۈچۈن ئۇ گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى خىتاي كونسولخانىسىغا كىرگەن ۋاقىتتا ناھايىتى بىنورمال سوئاللارغا دۇچ كەلگەن.

گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئەنەس كاپلى. 2024-يىلى، تۇرپان
گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئەنەس كاپلى. 2024-يىلى، تۇرپان
Enes capli

«تۇنجى قېتىم ۋىزا ئالدىغانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا، تاكى ‹شىنجاڭغا بارىمەن› دېگۈچە چاتاق چىقمىدى. ئۇلار ‹شىنجاڭ› دېگەن سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن  ‹ھە، شىنجاڭ› دېيىشىپ پاسپورتۇمنى ئېلىپ ئېچىدىكى ئىشخانىغا كېرىپ كېتىشتى. مۇدىرى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن كېرىپ كەتتىمۇ، بىلمىدىم. تەخمىنەن 40-45 مىنۇتتىن كېيىن بىر ئايال خادىم قولىدا لىق سوئال يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز بىلەن ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭ تۇنجى سورىغان سوئالى ‹گېرمانىيەدە سەن تونۇيدىغان ئۇيغۇر بارمۇ؟ نېمىشقا ئۇ يەرگە بارىسەن؟› دېيىش بولدى. مەن ھېچكىمنى تونۇمايدىغانلىقىمنى، پەقەت ساياھەتكە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئىككىنچى سوئالى، ‹نېمىشقا ئۇ يەرگە ساياھەتكە بارىسەن؟› ئىدى. ئۇلار مەندىن بۇ سوئالغا تەپسىلىي بىر جاۋاب يېزىپ كېلىشىمنى، مەقسىتىمنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلدى.  ئۇلار نېمىشقا ئۇ يەرگە قىزىقىدىغانلىقىمنى قايتا- قايتا سورىدى، مەن ئۈچۈن بۇلار بەك غەلىتە سوئاللار ئىدى. ئۇلار گېرمانىيەدە مەن تونۇيدىغان ئۇيغۇرلار بار-يوقلۇقىنى نەچچە قېتىم سورىدى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن تونۇيدىغانلاردىن چاقىرىق ئەكەلدۈرسەم ۋىزا ئېلىشىمنىڭ تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ھېچكىمنى تونۇمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، چىڭ تۇردۇم. ئالتە-يەتتە ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە تۆت-بەش قېتىم بېرىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىرىنچى قېتىملىق ۋىزانى ئالدىم. ئىككىنچى قېتىم ۋىزاغا ئىلتىماس قىلغىنىمدا، مەندىن تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر تەلەپ قىلدى. ئون كۈنلۈك ساياھەت پىلانىمىزنى، يەنى نەگە بارىمىز، قانداق بارىمىز، كىم بىلەن بارىمىز، نەدە تۇرىمىز، نېمە ئىش قىلىمىز، دېگەندەك سوئاللارغا تەپسىلىي جاۋاب بېرىشىمىزنى تەلەپ قېلىندى.  ۋىزانى ئاتايىن ئاشۇ بۆلۈمنىڭ مۇدىرى قولۇمغا بەردى ۋە يەنە گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلاردىن كىملەرنى تونۇيدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن يەنە ھېچكىمنى تونۇمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئاخىرىدا كىم بىلەن بارىدىغانلىقىمنى سورىدى ۋە ميۇنخېندا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان بىر دوستۇم بىلەن بىللە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتقاندىن كېيىن، باشقا گەپ قىلمىدى. مۇشۇنداق ھەر تۈرلۈك غەلىتە سوئاللاردىن كېيىن، ئاخىرى ۋىزامنى ئالدىم ۋە ئۆزۈمگە ‹ئۇھ، كىرىش رۇخسىتىنىمۇ ئالدىم، ئەمدى كېيىنكى قەدەم ئۇ يەرنىڭ چېگراسىدىن قانداق كىرىش› دېدىم. خىتاينىڭ چېگراسىدىن كىرىش تېخىمۇ باشقىچە بولغان بىر ماجىرا ئىدى.»

نۆۋەتتە گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن بىرسىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، 28 ياشلىق سېناننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەنەسنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچى، قەشقەرلەردىن تارتقان ۋىدىيولىرىنى كۆرگەن. ئاندىن ئۇ ئەنەس بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە ئۇ يەرلەرگە ئۆزىنىڭمۇ بارغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئىككى دوستى بىللە دېيىشىپ، ئىككىنچى قېتىملىق بۇ سەپەرگە بىللە چىقىشنى پىلانلىغان. كېيىن سەپكە قېتىلغان ئۈچەيلەن گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا ۋىزاسىز كىرىپ 15 كۈن تۇرالايدىغان سىياسىتىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، كونسۇلخانىغا بېرىپ ئەنەس ئۇچرىغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان. ئەمما چېگرادىن كىرگەندە يەنىلا بۇ تۈردىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن.

«بىز خىتاي چېگراسىدىن كىرگەندە، ئۇلار ئەنەستىن فرانكفورتتىكى خىتاي كونسۇلخانىدا سورىغان سوئاللارنى بىزدىن يەنە بىر قېتىم سورىدى. يەنى سەن كىم، نەگە بارىسەن، نېمىشقا بارىسەن، نەدە تۇرىسەن، ساياھەت پىلانىڭ قانداق؟… دېگەندەك.»

گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان بىلەن گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئەنەس كاپلى. 2024-يىلى، قەشقەر
گېرمانىيەدىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتىدە بوغالتىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېنان چوبان بىلەن گېرمانىيەنىڭ مانخىيمىر (Mannheimer) ئاكادېمىيەسىدە ئوپېراتسىيە ياردەمچىسى كەسپى بويىچە ئوقۇۋاتقان ئەنەس كاپلى. 2024-يىلى، قەشقەر
Enes capli

ئەنەس ۋە سېنان ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ سەپەر ئۈچۈن پۇللىرىنى يېغىۋاتقانلىقىنى ۋە ھېچقانداق بىر ئورۇن ياكى شەخستىن ياردەم ئالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇلار ئايروپىلان بىلەن گېرمانىيەدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىن ماشىنا بىلەن خىتاي- قازاقىستان چېگراسىغا، يەنى قورغاس ئېغىزىغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇلار چېگرادا يەنە قاتتىق سوئاللارغا دۇچ كەلگەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر دوستىنىڭ ئىسمى «ھەسەن» بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى تېخىمۇ ئۇزۇن سۈرۈلگەن.

ئەنەس چېگرادىن تىنچ-ئامان ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: «چېگرادىن تۇنجى بولۇپ مەن ئۆتتۈم. ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ھامىلىدار بىر ئايالنىڭ ئۇزۇن بىر تولغاقتىن كېيىن ئاخىرى يەڭگىگەن بىر كۆرۈنۈشى ئەقلىمگە كېلىپ، ‹ئۇھ› دېدىم.»

ئۇلار شۇنداق قىلىپ بىر-بىرلەپ خىتاي چېگراسىدىن ئۆتكەن. سىنان «ئۇزۇندىن بۇيان خىيال قىلغان شەرقىي تۈركىستان» تۇپراقلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ لاسسىدە بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بازاردا ئالما سېتىۋاتقان جۇشقۇن كەيپىياتتىكى غۇلجالىق ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلارنى، كوچىدا ئەركىن ئويناپ يۈرگەن بالىلارنى ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەس بىر قارا پەنجىرىنىڭ ئاستىدا تىركىشىپ-تىرمىشىپ ياشاۋاتقان بىر توپ چارىسىز كىشىلەرنى كۆرگەن.

گېرمانىيەدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بارغان تۆت نەپەر ياشنىڭ چېگرادىن كىرگەندىن كېيىنكى كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى ئاڭلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ساياھىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان غۇلجادىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاشقا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا بولغاي.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.