گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا
2022.10.13

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 9-ئۆكتەبىردىن ئېتىبارەن گېرمانىيە پارلامېنت بىناسى بىلەن گېرمانىيە باش مىنىستىرلىكى بىناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يولدا 5 كۈن داۋام قىلىدىغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى نامايەن قىلىش» رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيىتىنى باشلىغان. «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇھىم ئىككى بىناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇزۇن سەپ شەكلىدە تىزىلىپ، ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۈگۈن، يەنى 13-ئۆكتەبىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش» پائالىيەتلىرىنى باشلاپ دىققەتنى جەلپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىمىغان ئىدى. گېرمانىيە پارلامېنتىغا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدۇرۇش، د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 12-ئۆكتەبىردىن باشلاپ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا يېتەكچىلىكىدىكى بىر گورۇپپا ۋەكىل بېرلىنغا يېتىپ كېلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغان.
بۈگۈن 13-ئۆكتەبىر بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پارلامېنتتىكى ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا توختىلىشتىن ئىلگىرى، بىزگە ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىز 11-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىنى باشلايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ئۈچۈن گېرمانىيە پارلامېنتىدا جىددىي ھەرىكەت قىلىش زۆرۈركەن. ئۇ سۆزىدە يەنە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا دائىر 250 پارچە رەسىمنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا كۆرگەزمە قىلىنىپ ياخشى تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق بەرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بېرلىندىكى بۇ قېتىمقى پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ، ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا پارلامېنت ئىچىدىكى پائالىيەتلەر ھەمدە پارلامېنت بىناسى بىلەن باش مىنىستېر بىناسى ئوتتۇرىسىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، كىشىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گورۇپپىسى» قۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ بەزى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئورتاق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بېرلىندىكى پائالىيەتلىرى بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.