گېرمانىيەنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ خىتاينى 503 مىليون ياۋرو تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنلىكى قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.
12-يانۋار گېرمانىيەدىكى تەسىرى زور گېزىتلەردىن «سۈرەتلەر» گېزىتى «بېرلىن خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن» ناملىق ئۇزۇن ھەجىملىك بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا گېرمانىيە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى خىتايغا قەرز بەرگەن 503 مىليون ياۋرونىڭ قانداق ساھەلەرگە سەرپ قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار دەلىللەر بىلەن ئاشكارىلانغان بولۇپ، بېرلىن ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك قاتتىق تەنقىدلەنگەن.
خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ ماھىيىتى پاش قىلىنغان بۇ ماقالە مۇنداق جۈملە بىلەن باشلانغان: «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇ مۇستەبىت دۆلەت ئۆزىگە قالتىس ئىشەنمەكتە. ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىدى ۋە ئۇلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە يول قويدى. ئەنگلىيە بىلەن 1997-يىلى تۈزگەن ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› كېلىشىمنامىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدىن يۈز ئورىدى. ئۇ 2025-يىلىغا قەدەر قانداقلا چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ بولمىسۇن تەيۋەننى بوي سۇندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوممۇنىستىك پارتىيە دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىر كۈچىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە. خىتاينىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ يادروسى ‹يېڭى يىپەك يولى› قۇرۇلۇشى بولماقتا.»
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 2013-يىلىدىن بۇيان خىتايغا بېرىپ كەلگەن 503 مىليون ياۋرو تەرەققىيات مەبلىغىنى «يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن شەرت بىلەن بەرگەن. بىراق خىتاي ئۇنىڭ 283 مىليون ياۋروسىنى ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئەللىرىگە سوزۇلغان «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقادا سەرپ قىلغىنى 130 مىليون ياۋرو، ئاسىيادا سەرپ قىلغىنى 152 مىليون ياۋرو بولغان. خىتاي بۇ ئىككى قىتئەدىكى 17 دۆلەت بىلەن «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. مەسىلەن: ئافغانىستان بىلەن 18 مىليون ياۋرولۇق، بېنگال (بانگلادېش) بىلەن 74 مىليون ياۋرولۇق، تاجىكىستان بىلەن 1.3 مىليون ياۋرولۇق، ئۆزبېكىستان بىلەن 36 مىڭ ياۋرولۇق كېلىشىملەرنى تۈزگەن. ماقالىدا خىتاي كېلىشىم تۈزگەن بۇ 17 دۆلەتنىڭ ئىسمى ۋە كېلىشىمنىڭ ئومۇمى سوممىسى ئوچۇق بايان قىلىنغان.
بېرلىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. گەرچە بۇ مەبلەغنىڭ خىتايغا نېمىگە بېرىلگەنلىكى توغرىسىدا بېرلىن ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى ھەرقانچە ئاقلىغان بولسىمۇ، پارلامېنت ئەزالىرىنى قايىل قىلالمىغان.
گېرمانىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى ئولاف ئىن دەر بېك «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوچۇق قىلىپ: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى قانداقتۇر بىر مەرھەمەت قۇرۇلۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىلىك ھوقۇق بارغانسېرى زاۋاللىققا يۈز تۇتۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ مۇزدەك سوغۇق گىئوپولىتىك تەسىرىنىڭ ئالەمگە كېڭىيىشىدۇر» دېگەن. ئۇ يەنە بېرلىن ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ: «ھازىرغا قەدەر بىلگەنلىرىمىزگە بىنائەن ئېيتقاندا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە پۈتۈنلەي سەل قارىشى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارىتا ئىستراتېگىيەسىدىكى سۇسلۇقلار ھەقىقەتەن نومۇس قىلارلىق دەرىجىگە يەتتى، بۇ گېرمانىيەنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە بولغان ئىشەنچى يوقىتىدۇ» دېگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنى «باج تۆلەۋاتقان گېرمان پۇقرالىرىنى ئىختىيارى بولمىغان بىر ھالدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە شېرىك قىلىپ قويماسلىق لازىم» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.
كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئەزاسى مىرىيام لېكىسمان «سۈرەتلەر» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئاتالمىش يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئەمەس. ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇغراپىيەۋى سىياسىەت قۇرۇلۇشىدۇر. خىتاي دۆلەت رەھبىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە ياراتقان سەلبىي تەسىرى، دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇشتىن تارتىپ ئۇنىڭ ھاكىمىيەتلىرىنى چېرىكلەشتۈرۈشكىچە بولغان قىلمىشلىرى ھەممىگە ئايان».
ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بىر خادىمى بۇ ھەقتە توختالغاندا «گېرمانىيەنىڭ خىتاينىڭ بۇ بۈيۈك قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشى، ئەمەلىيەتتە مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنىڭ جۇغراپىيەۋى سىياسىي ئارزۇسىنى قوللىغان بىلەن باراۋەردۇر» دېگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى رايىنھارد بۈتىكوفېر بولسا «گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى قانچىلىك پەردازلىمىساق، ئۇ خىتاينىڭ جۇغراپىيەۋى سىياسىي قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ھېلىھەم بۇرۇن قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنىڭ شېرىن چۈشىنى تەكرار كۆرۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاي بىزدىن ھەسسىلەپ پايدا ئالماقتا».
خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنىڭ ماھىيەتتە تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ پىلانغا ماسلاشتۇرۇپ غەرب ئەللىرىدە «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» ئارقىلىق ئىدېئولوگىيىلىك تاجاۋۇزچىلىقنىمۇ تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتايغا بەرگەن 500 مىليون ياۋرولۇق تەرەققىيات مەبلىغى ئەسلىدە تۈرلۈك پەن-تېخنىكا ساھەسىگە، تەربىيەلەش ئورۇنلىرىغا ئىشلىتىلىش شەرتى بىلەن بېرىلگەن. بىراق خىتاي 2016-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ مىليونلىغان ئىنساننى قامىغان، خوڭكوڭدا زوراۋانلىقنى باشلىغان ھەمدە تەيۋەن تەھدىتىنى كۈچەيتكەن، بولۇپمۇ كورۇنا ۋاباسى خىتايدىن تارقىلىپ دۇنياغا زور بالاسى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىدە بۇ مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش، خىتايدەك مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەتنى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ ئۇنىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماسلىق ئىدىيەلىرى باش كۆتۈرگەن. ئەمما بېرلىن ھۆكۈمىتى بۇ مەبلەغنىڭ جايىغا ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن.
بىراق «بېرلىن خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن» ناملىق بۇ ماقالە دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن بېرلىن ھۆكۈمىتىنى يالغانچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.