لى چياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى بېرلىن ۋە ميۇنخېندا قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى
2023.06.20
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن بېرلىن ۋە ميۇنخېندا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ 19-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيە زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شولىزغا خىتابەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە سەل قارىماسلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن «خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىش، تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش» قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغانىدى.
20-ئىيۇن كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ نەق مەيداندىن رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ نامايىشقا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گېرمانىيەنى زىيارەت قىلىشىنىڭ شەرمەندىلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن. غەيۇر قۇربان ئەپەندى نامايىش جەريانىدىكى نۇتۇقىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ بۇ قېتىمقى گېرمانىيە زىيارىتى 7-نۆۋەتلىك گېرمانىيە-خىتاي سودا سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ 5 يىلدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. بىراق، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن ئاتالمىش «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلىك ھوقۇق» نى بازارغا سالسا، بىر تەرەپتىن كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان، ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتىكەن. گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» شۇلارنىڭ بىرىدۇر.
«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» خادىمى شىتىفان زىبېنورگ بېرلىندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنتايىن رەھىمسىزلىك. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، گەرچە ئۈستەل ئۈستىدە تېخى خىتاي ئىستراتېگىيەسى بولمىسىمۇ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىپ، ھەقىقەتنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلىشى ناھايىتى ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال. فېدېراتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ، ئىنتايىن ناچار ئۇسۇللاردا ئىش يۈرگۈزۈشى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىزنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. لى ئەپەندىنىڭ 2 كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىنىڭ پروگراممىلىرى مەخپىي تۇتۇلدى. ئۇ باش مىنىستىر مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بىر شەخس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئەربابلىرى قاتارىدا ھەربىي پارات بىلەن قارشى ئېلىنغاندەك قىلىدۇ. مەن فېدېراتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ قانداقسىگە تارىخىي ئاڭدىن ئايرىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى ۋە گېرمانىيە تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن قىرغىنچىلىقلارنىڭ خاتىرىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغىنىنى بىلەلمىدىم. ئۇلار خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شۇقەدەر ساددا، بۇنىڭ بەدىلىنى تېخىمۇ قاتتىق قىسماققا ئېلىنغاندا ئاندىن بىلىشى مۇمكىن. بۇ كۈن بىز گېرمانلار ئۈچۈن ئازابلىق بىر كۈن بولدى، بەلكى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دۇنياسى ئۈچۈن ئازابلىق بىر كۈندۇر، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسا بۇ ئىنتايىن رەھىمسىزلىك!»
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى بېرلىن بىلەنلا چەكلەنمىگەن. ئۇ بۈگۈن، يەنى 20-ئىيۇن كۈنى باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، كەچتە باۋارىيە رەئىسىنىڭ زىياپىتىگە داخىل بولىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈن ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قوزغىلىپ، لى چياڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەدى ئەپەندى بىزنى بۇ خۇسۇستىكى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىرقېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقتى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گېرمانىيەنىڭ قانداق بىر دۆلەت بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «سابىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغانلىقىنى، بۇ تۇپراق گەرچە مول تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ماكانى بولسىمۇ، بۇ يەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىنى نۆۋەتتە ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ ئىدارە قىلىۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى قاماپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.