گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم، مەجبۇرىي ئەمگەك، رۇسىيەدىن ساۋاق ئېلىپ، خىتاي كەبى مۇستەبىت دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا خاتىمە بېرىش، خىتاينىڭ كېلىچەكتىكى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېگەندەك تېمىلاردىكى بەس-مۇنازىرىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى خەلقئارالىق بېسىملارنىڭ تۈرتكىسىدە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ئەتىيازدا «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» نى ماقۇللاپ، بۇ قانۇننىڭ خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان شىركەتلەرگە 2022-يىلى 1-ئايدىن ئىتىبارەن تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى، ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن يۇقۇرى بولغان شىركەتلەرگە 2023-يىلى 1-ئايدىن ئىتىبارەن تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەزكۇر قانۇننىڭ روھىغا بىنائەن ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان شىركەتلەر خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا باشلىغان.
گېرمانىيەدىكى «فوكۇس» خەۋەرلەر قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن ئېلان قىلغان «گېرمانىيە خىتاينىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتتى، بايېربوك چىگىش يولدا ماڭماقتا» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا سوممىسىنىڭ مىقدارى 245 مىليارد ياۋرودىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، يالغۇز «بوش» ناملىق گېرمان شىركىتىنىڭلا خىتاي تەۋەسىدە 60 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى بار ئىكەن. خىتاي بازىرىغا تايىنىپ قالغان بۇنداق چوڭ شىركەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش گېرمانىيە ئۈچۈن قېيىنغا توختىماقتا ئىكەن. ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 1000 دىن تۆۋەن بولغان شىركەتلەرنى خىتايدىن چېكىندۈرۈپ چىقىپ گېرمانىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش ياكى باشقا ئىككىنچى بىر دۆلەتكە يۆتكەش خىزمەتلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا ئىكەن. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئەمما گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئاشكارىلاش ئىشى يېرىم يىل كېچىككەن، ئۇ بۇ يىلنىڭ ئاخىرى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. ئۇنىڭدا «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش چەتكە قېقىلمايدۇ» كەن.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «مېركۇر» گېزىتى 29-ئىيۇن ئېلان قىلغان «تەھدىت، مەجبۇرلاش ۋە قورال ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش: G7 خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىدە زور بۇرۇلۇش بولغان. ئالدىنقى قېتىملىق G7 يىغىنىدا خىتاي مەسىلىسى 4 قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولسا، بۇ قېتىمقى گېرمانىيە ساھىپخانلىق قىلغان G7 يىغىنىدا 14 قېتىم تىلغا ئېلىنغان ھەمدە بۇ قېتىم سانائەتلەشكەن 7 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ئىشلەتكەن كەلىمىلەرنىڭ تەلەپپۇزىمۇ ئالاھىدە قاتتىق بولغان. 7 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنغان بىرلەشمە باياناتىدا ئوچۇق قىلىپ: «بىز خىتايغا ب د ت نىڭ نىزامنامىسىدىكى تالاش-تارتىشلارلارنى تىنچ ھەل قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىنى ۋە تەھدىت، مەجبۇرلاش، قورقۇتۇش ياكى زورلۇق كۈچ قوللىنىشتىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتىمىز» دېيىلگەن. بۇ سۆز ھەم گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ۋە خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن.
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئەگەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنى» ئەمەلىيلەشسە، بۇ خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدىكەن ۋە خىتاينىڭ دۇنياغا ھاكىم بولۇش چۈشىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرىدىكەن.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 29-ئىيۇن ئېلان قىلغان «ناتو رۇسىيەگە قانداق قارشى تۇرىدۇ؟» ناملىق ئانالىز ماقالىسىنىڭ «قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلىمۇ؟» ناملىق بۆلىكىدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى، خىتايدىكى يالغۇز «شىنجاڭ يېڭى شەرق ئېنىرگىيەسى» شىركىتىنىڭلا ئۇيغۇر دىيارىدىن يىلىغا 7 مىليارد توننا قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا كېرەكلىك پوليسىلىزىيۇم ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەنلىكى بايان قىلىنغان. بازار تەتقىقاتچىسى يوھاننېس بېرنرويتېرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بولۇپ، ياۋروپا ۋە گېرمانىيەگە ئىمپورت قىلىنغان قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىلىرى ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «دۇنيادىكى ھەر ئىككى قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنىڭ بىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىشلىق» ئىكەن. خىتايدىكى قۇياش ئېنىرگىيەسىگە كېرەكلىك خام ئەشيانىڭ 50 پىرسەنتى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىكەن.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى يەنە 29-ئىيۇن ئېلان قىلغان «بەك غايىۋېيلىكمۇ ياخشى ئەمەس» ناملىق ئانالىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، دۇنيادا ئامېرىكا-ياۋروپانى مەركەز قىلغان بىر قۇتۇپ بىلەن رۇسىيە ۋە خىتاينى مەركەز قىلغان يېڭى بىر قۇتۇپنىڭ بارلىققا كېلىش قەدەملىرى بېسىلىۋاتقان بولۇپ، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلانغان. ماقالىنىڭ «ئىدىيالىزىملىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 2 مىليارد ئىنسان» ناملىق بۆلىكىدە 2001-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە گېرمانىيە باش مىنىستېرلىك مەھكىمىسىدە دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مىنىستېرى بولۇپ خىزمەت قىلغان پەيلاسوف يۇلىيان نىدانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ: «شۈبھىسىزكى، خىتاي بولسا مىسالى يوق بىر مۇستەبىت دۆلەت. نۇرغۇنلىغان غەربلىكلەر خىتاينىڭ ئىچكىي قىسمىدا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇنىڭ يېقىملىق ياسالما سىياسەتلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئاجايىپ شىرىن خىياللارنى سۈرۈپ كەلدى، خۇددى 70-يىللاردا سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا ۋە گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە بولغاندەك. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرى، شۇنداقلا ئۆز دۆلىتىدىكى ئۆكتىچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىرىگە دائىر سۆزلىرىنىڭ چىرايلىق ئىبارىلەر بىلەن پەردازلانغان، قايتىدىن تېرىلدۈرۈلگەن كوڭزى ئىدىيەسى بىلەن نىقاپلانغان سەپسەتە ئىكەنلىكى مانا ئەمدى ئايدىڭلاشتى.»
خەۋەرلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2022-يىلى خىتايغا سالىدىغان مەبلەغلەرنى توختاتقانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتايغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى توختىتىپ، ھىندىستانغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان ۋە بىر قىسىم شىركەتلىرىنى ھىندىستانغا يۆتكىگەن.