گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە «خىتايغا تايىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش» ۋە «خەتەرنى ئازايتىش» تەكىتلەنگەن

0:00 / 0:00

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 13-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسەتلىرى شەرھىلەنگەن «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى تەستىقلاپ ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمەت كابىنتىنى تەشكىل قىلغان 3 پارتىيەنىڭ كابېنت ئەزالىرىنىڭ بىر قانچە ئايلىق مۇزاكىرىلىرى نەتىجىسىدە ئېلان قىلىنغان بۇ يېڭى ئىستراتېگىيە، گېرمانىيەنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان ئىستراتېگىيەسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ ئىستراتېگىيەدە خىتاي «شېرىك، رىقابەتچى ۋە سىستېمىلىق رەقىب» دەپ شەرھىيلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى «تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى كۆپەيتىپ، خىتاي ماللىرىغا تايىنىشنى ئازايتىش ۋە خەتەرنى كېمەيتىش» تىن ئىبارەت ئىكەن.

خىتاي گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2022-يىلى 300 مىليارد ياۋرو، يەنى 335 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىكەن.

بىراق بۇ 64 بەتلىك يېڭى ئىستراتېگىيەدە «خىتاي ئۆزگەردى، بۇ ئۆزگىرىش ۋە خىتاينىڭ سىياسىي قارارىنىڭ نەتىجىسىدە بىزمۇ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك» دېيىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان: «خىتاي بىزنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىياتتىكى ھەل قىلغۇچ شېرىكىمىز. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغلىشىشتا دەرىجىدىن تاشقىرى مەنمەنچىلىك قىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ھازىرقى قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى يەر شارى بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.»

نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان «گېرمانىيە مارشال فوندى» (The German Marshall Fund) نىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئالىي تەتقىقاتچىسى مارىيكا ئولبېرگ (Mareike Ohlberg) يۇقىرىقى ئىستراتېگىيە پىلانىدا ھەرىكەت پىلانىغا ئائىت بىر قىسىم كەمچىلىكلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ياخشى بىر باشلىنىش بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

«مەنچە، بۇ ئىستراتېگىيە خەتەردىن ساقلىنىش، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ماسلىشىشنى ساقلاشتا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشىنى-يەنى دۆلەت ئىچىدىكى باستۇرۇشىنى كۈچەيتىشى، دۇنيا مىقياسىدا قىلىۋاتقان زومىگەرلەرچە سىياسەتلىرىنى ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا تىلغا ئالغان. ئىستراتېگىيە پىلانى بەزى مەسىلىلەر بويىچە كونكرېت تەدبىر بىلەن تەمىنلىيەلمىگەن ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا كونكىرېت جاۋاب بېرەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىر ياخشى ئىش.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يېڭى ئىستراتېگىيە بويىچە، گېرمانىيە بۇنىڭدىن كېيىن دورىگەرلىك، ئېلېكترلىق ئاپتوبىللاردا ئىشلىتىلىدىغان لىتىي باتارېيەسى ۋە ئۆزەك ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ھالقىلىق ساھە» لەردە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىدىكەن. بۇ ئىستراتېگىيە پىلانىدا يەنە گېرمانىيەنىڭ سەزگۈر تېخنىكىلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتايغا قارىتىدىغان ئېكسپورتنى كونترول قىلىشنى، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدىكەن.

مەزكۇر ئىستراتېگىيەدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھالقىلىق ساھەلەردە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىمىزنى قوللىمايدىغان، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ قالماسلىقى كېرەك.»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايىربۇك، مەزكۇر ئىستراتېگىيە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى سۆزىدە «بىز خىتايدىن ئايرىلماقچى ئەمەس، بەلكى خەۋپنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرمەكچى بولدۇق. بۇ ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بېقىنىشنى ئازايتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېگەن.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرلىقى 14-ئىيۇل جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئەيىبلىگەن. ئۇلار باياناتىدا گېرمانىيەنىڭ «خەتەردىن ساقلىنىش» ۋە «بېقىنىشنى ئازايتىش» سىياسىتىنى «ئارتۇقچە قورۇقچىلىق ۋە نورمال ھەمكارلىقنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ باھانىسى» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇنىڭ گېرمانىيەگە پايدىسىزلىقىنى بىلدۈرگەن.

«گېرمانىيە مارشال فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مارىيكا ئولبېرگنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى مەقسەتلىك ھالدا ئالدىنقى ئايدا خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئەتنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنىڭ كەينىدىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتى مەقسەتلىك ھالدا خىتاي ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۆرگىنىمىزدەك ۋە كۈتۈلگىنىدەك، خىتاي تەرەپ بۇ ئىستراتېگىيەدىن قاتتىق نارازى بولدى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەزكۇر ئىستراتېگىيەنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ بىلەلەيمىز.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ دىيىشىچە، گېرمانىيەنىڭ سابىق باش مىنىستېرى ئانگېلا مېركېل ھۆكۈمىتى، ئىزچىل خىتاي بىلەن يېقىن سىياسەت ئورنىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى ئىلگىرىكىدىن پەرقلىق ئىكەن. تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسى، بولۇپمۇ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى گاز كىرىزىسى گېرمانىيە ۋە ياۋروپاغا خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرگە تايىنىپ قېلىشنىڭ خەۋپىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ تۇنجى خىتاي ئىستراتېگىيەسىدە يەنە گېرمانىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە بولغان پوزىتسىيەسىمۇ تىلغا ئېلىنغان. گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلەردە تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى مۇھىم تۇتقۇ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مۇتەخەسسىلەر بىردەك، بۇ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نىڭ گېرمانىيە ئۈچۈن زور بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. ئۇلار، بۇنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر ھەرىكەت ئۆرنىكى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.