گېرمان تىللىق تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتى پاش قىلىنغان خەۋەر-ماقالىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قەدىمىنى بېسىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەھلىللەر گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋام تىلغا ئېلىنماقتا.

17-ئىيۇل گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «شۋېتزىنگېر» ناملىق سەھەر گېزىتىدا «تاجاۋۇزچىلىق ۋە باستۇرۇش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تىبەتتىكى باستۇرۇش ۋە خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنىڭ بەربات قىلىنىشىنىڭ خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ستېفان داللىنگېر رەھبەرلىكىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئالدىنقى يىلى خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى خاتىرىمىزدىن ئايرىماسلىقىمىز لازىم. ئۇلار خىتاي بىلەن توختاملار تۈزۈپ ۋە دوستانە كېلىشىملارنى ئىمزالاپ، بىر يىلدىن كېيىنلا خىتاي سىياسىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرى بارغانسېرى روشەن نامايان بولۇشقا باشلىدى. تىبەتتىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بېسىمى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە، ئاز سانلىق مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نوپۇس قىرغىنچىلىقى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا. ھىمالايا تاغلىرىدىكى ھىندىستان، بۇتان، نېپالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارغا خىتاي كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكىمەكتە. تەيۋەنگە بولغان تەھدىت ئاشماقتا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا كېڭىيىش كۆلىمى تېخىمۇ زورايماقتا، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسىيادىكى بىر تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى سىياسىتىدىن بىشارەتلەر بەرمەكتە.»

ماقالىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاسىيا قىتئەسىدە بېسىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق قەدەملىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى، قولىنى ئاللىقاچان ئافرىقا قىتئەسىگىمۇ ئۇزىتىپ بولغانلىقى، ئۇنىڭ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارا نىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «جەنۇبىي ئافرىقا ئىككىنچى دولقۇندا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە كىرىشكە باشلىدى، بۇ دۆلەتلەردىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىپ ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتى فىرانسىيەنىڭ سابىق مۇستەملىكىسى بولغان جىبۇتې رايونىدا ئەسكەر تۇرغۇزدى. نىكاراگۇئادا ‹خىتايچە پاناما قانىلى› قېزىلىشقا باشلىدى. ئەمما ياۋروپا يەنىلا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم نىشانى ئىدى. 2019-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ خىتاي ساقچىلىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىنى قوغداش نامىدا ياۋروپا دۆلىتى بولغان سېربىيەنىڭ بېلگىراد شەھىرىگە كىرىشكە باشلىدى.»

ماقالىدا ياۋروپادىكى بىرقىسىم مۇھىم دېڭىز پورتلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم پاي نىسبىتىنىڭ خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، مۇھىم تېخنىكا شىركەتلىرى ۋە زاۋۇتلارنى خىتايلارنىڭ ‹مەبلەغ سېلىش› ئۇسۇلى بىلەن ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ بولغانلىقى، خىتايلارنىڭ بۇنداق ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىكىنىڭ كەلگۈسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئېغىر مەۋجۇتلۇق تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايلارغا تەۋە بولغان ياۋروپادىكى بەزى دېڭىز پورتلىرى ئەمەلىيەتتە باشقا بىر پىلانتقا ئايلىنىپ بولدى. ياۋروپا دۆلەتلىرى كەلگۈسىدە بېيجىڭنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بەزى قۇرۇلۇشلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قەدەر يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇپلا قالماي، ياۋروپانىڭ تېلېفون سىستېمىلىرىغا قەدەر سىڭىپ كىردى. ياۋروپانىڭ سانائىتى سېتىۋېلىنىپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت بىخەتەرلىك تەلىبى بولمىغان خىتايغا يۆتكەپ كېتىلمەكتە.»

ماقالە پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرىگە قارىتا كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇشقا تولغان مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: «بادېن-ۋۈرتتەمبېرگتىن تەشكىللەنگەن بىر ئىقتىساد ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن خىتايغا ئۇچۇشقا ئىجازەت بېرىلگەن تۇنجى ئايروپىلانغا چىقىپ ئولتۇردى. بۇلار خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن بۈگۈنگە قەدەر نېمىگە ئېرىشتى؟ مېنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېسىمگە ئالالىغىنىم ‹ماسكا› بولدى. ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى سەگەكلىكىنى ساقلاپ قالالمىسا، كەلگۈسىدە ياۋروپالىقلار ئاددىي قول ھۈنەر بويۇملىرىنىلا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، خىتاي بولسا پۈتۈن دۇنيانى ئەخلەت بىلەن تولدۇرۇۋېتىدۇ ۋە يۇقىرى تېخنىكىلارنى ئىلىكىدە تۇتىدۇ.»

مەزكۇر ماقالە گېرمانىيەنىڭ بادېن-ۋۈرتتېمبېرگ ئۆلكىسىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، ئېپپېلخايىم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خادىمى مارتىن گرام ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، بىز ئەسەر ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تېرىشقان بولساقمۇ، تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىدى.

«خىتاي دۇنياغا تەھدىت»، «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ ئارقىسىغا تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتى يوشۇرۇنغان»، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى، خوڭكوڭلۇقلارنى باستۇرۇشتىكى مەقسىتى تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش» دەيدىغان پىكىر ئېقىمىنىڭ بەتبۇئاتلاردا دائىم تەكرارلىنىپ تۇرۇشىنىڭ دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ بۇ خىل پىكىر ئېقىمى دائىرىسىدىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا پىكىر بايان قىلغاندا، ھازىر ئامېرىكادىن قالسا گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ قارا نىيىتىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ماقالىلەرنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاي سىياسىتىنى جىددىي رەۋىشتە كۆزدىن كۆچۈرۈش نۇقتىسىدىن كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.