گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا گۇرۇھى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بىكار قىلدى
2023.07.17
گېرمانىيەنىڭ «سىمېنس» (Siemens) ناملىق سودا-سانائەت گۇرۇھىنىڭ خىتاينىڭ «ترانسەمىك» (Transemic) شىركىتى بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
17-ئىيۇل گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا-سانائەت گۇرۇھى بولغان «سىمېنس» نىڭ خىتاينىڭ «ترانسەمىك» شىركىتى بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ۋەقەنىڭ 13-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلىپ 4 كۈندىن كېيىن يۈز بېرىشى دىققەتنى تارتتى.
گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سودا گېزىتى» نىڭ 17-ئىيۇل ئېلان قىلغان «سىمېنس خىتاينىڭ قورال-ياراق شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزدى» ناملىق خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «سىمېنس» ھەمكارلاشقان خىتاينىڭ قىسقىچە «ترانسەمىك» دەپ ئاتالغان «بېيجىڭ تىيەنشېڭخۇا ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى»، خىتاي ھەربىي سانائىتىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەتنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىكەن. «سىمېنس» يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى 7 ئۇنىۋېرسىتېت» دەپ ئاتالغان بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، خاربېن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي-شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بىلەن يۇقىرى تېخنولوگىيەدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېلىپ بارغان. ھالبۇكى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئورگانلار بولۇپ چىققان.
تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، «سىمېنس» نىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى بىكار قىلىشىغا خىتاينىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە قارىتىلغان بېسىملىرى ۋە زوراۋانلىقلىرى سەۋەب بولغان. ئۇ سۆزىدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى خىتاينى يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلىمەسلىك توغرىسىدىكى تەشەببۇسلىرىنىڭمۇ «سىمېنس» نىڭ خىتايدىن چېكىنىش يولىنى تاللىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللار قاتارىدا سانىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «سىمېنس» نىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «سىمېنس» شىركىتى ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى سەۋەبلىك گېرمانىيەدە قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن بىر شىركەت ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ خىتايدىن چېكىنىشكە يۈزلىنىشى، گېرمانىيەنىڭ باشقا شىركەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيەنىڭ «سىمېنىس» ناملىق سودا-سانائەت گۇرۇھى 1847-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ باش شتابى بېرلىن ۋە ميۇنخېنغا جايلاشقان. «سىمېنس» نىڭ ھازىرقى ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 311 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەن ھەمدە 190 دۆلەتتە زاۋۇت ۋە شىركەتلىرى باركەن. «سىمېنس» نىڭ 2022-يىللىق تاپاۋىتى 72 مىليارد ياۋروغا يەتكەن. بۇ شىركەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى 1872-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا 1899-يىلى يولغا قويۇلغان تۇنجى پويىز قاتنىشى مەزكۇر شىركەتنىڭ تېخنىكىسى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان ئىكەن.