«خىتاي بايرىمى» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئوبرازى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
2023.08.18
گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولغان نوردرايىن-ۋېستفاللىننىڭ مەركىزى شەھىرى دۈسېلدورفتا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاي بايرىمى» بۇ يىل ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ «سىياسىي بىلەن ئالاقىسى يوق» ئىكەن ھەمدە «كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق» ئىكەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ بارغانسېرى سۇنۇۋاتقان خىتاي ئوبرازى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى 16-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «دۈسېلدورف خىتاي بايرىمىنى توختاتتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت ‹سىياسىي بىلەن ئالاقىسى يوق› دېدى» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، گېرمانىيەنىڭ دۈسېلدورف شەھىرىدە 6 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ كىشى ياشايدىكەن ۋە 600 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتى بار ئىكەن. بۇ يەردىكى خىتايلار 8 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى 9-ئايدا خىتاي بايرىمى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانىكەن. «خىتاي بايرىمى» غا قاتنىشىدىغانلار ئاساسەن خىتاي ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان كىشىلەر بولۇپ، يەرلىك گېرمانلار ئانچە قىزىقمايدىكەن.
خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، بۇ بايرامنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن ئۆتكۈزىلىۋاتقانلىقى يەرلىك دائىرىلەرنى خېلىدىن بۇيان بىئارام قىلىپ كەلگەن ئىكەن. شەھەرلىك ھۆكۈمەت تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار سەۋەبلىك شەھەر مەركىزىدە بايرام ئۆتكۈزىدىغان جاينىڭ يوقلىغىنى ۋە «خىتاي بايرىمى» نىڭ مەزمۇنىنىڭ تەلەپكە لايىق ئەمەسلىكىنى رەت قىلىشنىڭ سەۋەبى قىلىپ ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئاخىرقى بىرقانچە يىلدا خىتاينىڭ گېرمانىيەدىكى ئوبرازىنىڭ زور دەرىجىدە سۇنۇشى سەۋەبلىك يەرلىك ئاھالىنىڭ «خىتاي بايرىمى» غا بولغان قىزىقىشىنىڭ يوقالغانلىقىنى تەكىتلەشنى خالىمىغان.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈسېلدورف شەھىرىنىڭ خىتاي بايرىمىنى توختىتىشى، گېرمانلاردىكى خىتاينىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان سەزگۈرلۈكنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ سۆزىدە، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەزىيەت ئانالىزچىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەنمۇ ئالاقىسى باركەن. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاقىتلىرىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دائىر مەلۇماتلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى گېرمانلارنىڭ خىتايغا قارىتا پوزىتسىيەسىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى» نى تاقاش ۋە خىتاينىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەسىرلىرىنى تازىلاش ساھەسىدە مۇھىم قەدەملەر بېسىلماقتىكەن.
مەلۇم بولغىنىدەك، 13-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك خانىم گېرمانىيە پارلامېنتىدا گېرمانىيەنىڭ يېڭى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئىستراتېگىيەدە گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ مۇھىم بىر ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە دائىرىلىرى دەل مۇشۇ ئىستراتېگىيە بويىچە نۆۋەتتە خىتايغا قارىتا تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويماقتا ئىكەن.
خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر پۈتۈن ياۋروپا مىقياسىدا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىقتىسادى زور چېكىنىشكە يۈزلەنگەن ئاخىرقى مەزگىللەردە نۇرغۇنلىغان ياۋروپا شىركەتلىرى، جۈملىدىن گېرمان شىركەتلىرىمۇ خىتايدىن چېكىنىپ چىقماقتا ئىكەن.