گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ خىتايغا تۇتۇدىغان يېڭى پوزىتسىيەسى ئاشكارا بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.08.31
خىتاي ھۆكۈمىتى جاسۇس كلائۇس. ل نى د ئۇ ق غا سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزمەكچى بولغان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بېرلىنغا كېلىشتىن بۇرۇن ئېسىلغان گېرمانىيە ۋە خىتاي دۆلەت بايراقلىرى. 20217-يىلى 31-ماي، گېرمانىيە.
AFP

گېرمانىيەدە ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان 6 چوڭ پارتىيەنىڭ ھەممىسىلا گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارى بولۇپ چىققان.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 30-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «مۇتلەق كۆپ قىسىم گېرمانلار خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق يول تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «خەلقئارا سىياسەت» ژورنىلىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن خەلق رايىنى سىناش مەركىزى بولغان «فورسال» يېقىندا گېرمان پۇقرالىرى ۋە گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەر ئىچىدە راي سىناش ئېلىپ بارغان. بۇ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېرىمدىن ئارتۇق گېرمانلار «ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقان تەقدىردىمۇ، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارشى مەيدانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىشى كېرەك» لىكىنى تەشەببۇس قىلغان.

«ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسى» ھېسابلانغان بۇ قېتىمقى راي سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، 17 پىرسەنت گېرمانلار «مۇبادا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتمەيدىغانلا ئىش بولسا، خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش» تەرەپدارى بولغان. 19 پىرسەنت گېرمانلار «ھەرقانداق شەكىلدىكى قاتتىق سىياسەتنى يولغا قويۇشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلمايدۇ» غانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما 58 پىرسەنت گېرمانلار «خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكەن تەقدىردىمۇ، گېرمانىيە خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشى لازىم» لىقىنى تەشەببۇس قىلغان.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان گېرمانلارنىڭ «ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتساق تارتايلى، بىراق خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزەيلى» دەيدىغان نۇقتىغا كېلىشىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان مۇستەبىت سىياسىتى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتى سەۋەب بولغان. خەۋەردە مۇنۇلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «زوراۋانلىق بىلەن مۇستەبىت سىياسەت ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئىنتايىن قەبىھ ھالەتكە يەتتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلار بارغانسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچراپ كەلمەكتە». «غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا نىسبەتەن قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرەلمىگەن ئىدى. ئامېرىكا خىتايغا قارىتا تېخىمۇ قاتتىق مەيداننى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلدى، بىراق گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئىھتىياتچان بىر سىياسەت ئىدى. چۈنكى خىتاي دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسى كۈچلۈك ئىدى.»

ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇئامىلىسىنىڭ ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ باۋارىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكەن چاغلاردىمۇ خىتاينىڭ «د ئۇ ق نى چەكلەش» تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ھىمايە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغان گېرمانىيە پارلامېنتىدىن كەلگۈسىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ راي سىناش نەتىجىسىدىكى بەكرەك دىققەتنى چېكىدىغان نۇقتا، گېرمانىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئاساسلىق 6 چوڭ پارتىيەنىڭ خىتايغا تۇتۇدىغان يېڭى پوزىتسىيەسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مەسىلىسى گېرمانىيەدىكى سايلاملاردا ھېچقاچان بۇ قېتىمقىدەك مۇھىم تېما بولۇپ باقمىغان. ئۆزىنى باش مىنىستېر نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن شەخسلەرنىڭ سايلامدىن ئىلگىرىكى نۇتۇقلىرىدا خىتاي مەسىلىسى بۇ نۆۋەت كەڭ-كۇشادە ئورۇن ئىگىلەن.

بۇ قېتىمقى راي سىناش گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ خىتايغا تۇتۇدىغان يېڭى پوزىتسىيەسىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىغان: بىرلەشمە پارتىيە بولغان خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسى خىتاينى «دېپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىس» دەپ قارايدىكەن. يېشىللار پارتىيەسى بولسا خىتايغا قارىتا «غەرب قىممەت قارىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خىتاي سىياسىتىنى يولغا قويۇش» نى تەشەببۇس قىلىدىكەن. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى خىتاي بىلەن بولغان دېئالوگنى ساقلاپ قېلىشنى خالىسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ «شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدا يولغا قويۇۋاتقان قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» كەن. يېشىللار پارتىيەسى كەبى ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ خىتاي سىياسىتى ئەڭ قاتتىق بولۇپ، ئۇلار «كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن-تۈزۈم، تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلغان خىتاي سىياسىتى» نى يولغا قويۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سولچىللار پارتىيەسىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى زىددىيەتلىك بولسىمۇ ھەمدە ئىزچىل ھالدا خىتاينى ئەيىبلەشتىن ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ پارتىيەمۇ خىتاينىڭ «كوڭزى ئىنىستىتۇتى» ئارقىلىق «گېرمانىيەنى ئېلىشتۇرۇشى» غا كەسكىن قارشى ئىكەن.

نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئېيىتقاندا، يەنە 3 ھەپتىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدىن ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناش گېرمان خەلقى ۋە ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن ئورۇن ئالىدىغان پارتىيە-گورۇھلارنىڭ خىتايغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. 6 ئاساسلىق پارتىيەنىڭ ھەممىسىنىڭلا خىتايغا قارىتا باشقىچە بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشقا ماھىللىقى ئايان بولغان. بۇ ھال 9-ئايدىكى سايلامدا گېرمانىيەگە مەيلى كىم باش مىنىستېر بولۇپ سايلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئانجىلا مېركىل زامانىدا يولغا قويۇلغان «يۇمشاق خىتاي سىياسەتلىرى» گە پات ئارىدا خاتىمە بېرىلىدىغانلىقىنىڭ روشەن بىشارىتى بولۇپ سانىلىدىكەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ پايدىلىق بولغان يېڭى ۋەزىيەتلەرنىڭ يارىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيىسىدىن ئارمىن لاشېت، يېشىللار پارتىيەسىدىن ئاننالېنا بايېربوك، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن ئولاف شولىز قاتارلىقلار ئۆزلىرىنى باش مىنىستېر نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.