كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز چوڭ تىپلىق گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەشكىل تاپقان زور كۆلەملىك بىر ئۆمەكنى باشلاپ 4-نويابىر كۈنى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. خىتايدا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان ئولاف شولىز، 2020-يىلى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى پارتلىغاندىن بېرى، سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھىدىكى خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى رەھبەر، شۇنداقلا شى جىنپىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا 3-نۆۋەت ھوقۇق تۇتۇپ، ھاكىمىيىتىنى تولۇق مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئ‍ۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى چەتئەل رەھبىرى بولىدۇ.

لېكىن شولىزنىڭ جۈمە كۈنى ئېلىپ بارىدىغان تارىخىي زىيارىتى، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا ئىقتىسادى تايىنىشىنى ئازايتىشتا قانچىلىك سەمىمىي ئىكەنلىكىگە قارىتا دىققەت قوزغاپلا قالماي، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشىمۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان.

گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئولاف شولىزنىڭ زىيارەتتە خىتايغا بازىرىنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قەبىھلىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ نوقۇل ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ قويۇشىنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىگە قارىتا سوئال قويماقتا.

1-نويابىر كۈنى، خوڭكوڭ كۆزىتىش تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق مۇھاپىزەتچىلىرىنى قوغداش، ئىتالىيە كىشىلىك ھوقۇق فېدېراتسىيەسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 70 ئاممىۋى تەشكىلات گېرمانىيە باش مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، شۇنداقلا بېرلىندىكى گېرمانىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، شولىزنىڭ بېيجىڭ زىيارىتىنى قايتا ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەتكە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلاردىن «گېرمانىيە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى ھانو شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ «خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ توغرا ۋاقتى ئەمەس» ئىكەن.

ھانو شەدلېر 2-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاينى زىيارەت قىلىشنىڭ ياخشى ۋاقتى ئەمەس. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياۋروپالىق ھەقەمسايىلىرى بولمىغان ئەھۋالدا، شۇنداقلا باش مىنىستىر شولىز خىتاينى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە، خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرمىغان ئەھۋالدا تېخىمۇ ياخشى ئەمەس.»

ھانۇ شەدلېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئالوف شولېزنىڭ شى جىنپىڭ كومپارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا باش سېكرېتارلىققا سايلىنىپ ئارقىدىنلا زىيارەتكە بېرىشى خاتا سىگنال بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئاۋۋال باش سېكرېتارلىققا 3-قېتىم قايتا تەيىنلەندى. گېرمانىيە ئالدىرىماسلىقى، ئۆزىنىڭ ياۋروپالىق ھەقەمسايىلىرى بىلەن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ دىكتاتورلۇققا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىشى كېرەك ئىدى. فىرانسىيە گېرمانىيە بىلەن بىللە بېرىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە ئۇنىڭغا مەسلىھەتمۇ سالماي، ئۆزى يالغۇز بارىدىغان بولدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى يالغۇز بېرىشنى قارار قىلىپلا قالماي، ۋولكىسۋاگېنغا ئ‍وخشاش چوڭ شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى بىللە ئېلىپ بارىدىغان بولدى. ئ‍ۇلار ۋاقىتنى كۈتۈشى ۋە ياۋروپالىق ھەقەمسايىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك ئىدى.»

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 28-ئۆكتەبىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بېرلىننىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، لېكىن خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكىمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ خىتايدا «ئىستىبداتلىق يۆنىلىشلىرى» ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە تەرەپ يەنە «ئۆز ئارا يول قويۇش، شۇنداقلا خىتاي بازىرىنى ياۋروپا ھەم باشقا شىركەتلەرگە ئېچىۋېتىشكە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەر» نى سۆزلىشىدىكەن. گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يەنە، گېرمانىيە تەرەپنىڭ خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.

لېكىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئادەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا پەرقلىق بىر پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەييۇر قۇربان 2-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نوقۇل ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت بىر شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالغان بىر رېئاللىقتا تۇرۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.

غەييۇر قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئولاف شولىزنىڭ بۇ زىيارەتتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشنى، لاگېرلارنى تاقاشنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھالبۇكى، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» دىكى ھانو شەدلېر، گېرمانىيە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ چوڭ شىركەت ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقى، بۇنىڭ ئۆزلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش بۇ زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە ئەمەس، دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھانۇ شەدلېر: «بىز بۇ زىيارەتنىڭ سودىنى چىقىش قىلغان گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ قېلىشىدىن، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم نۇقتا قىلماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىمىز. بۇ زىيارەت ئۆمىكىنىڭ گېرمانىيە سانائەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، بىزگە بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا مەركەز قىلمايدىغانلىقى، شى جىنپىڭغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش توغرىسىدا بېسىم قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە» دېدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باش مىنىستىر شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى ئۇنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدە پەرقلىق پىكىرلەرنى پەيدا قىلغان. شولېزنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىدىكى گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك، ئولاف شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىش ھارپىسىدا، يەنى 1-نويابىر كۈنى بېرلىننىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغان بايېربوك خانىم مۇنداق دېگەن: «باش مىنىستىر بۇ زىيارىتىنىڭ ۋاقتىنى بېكىتتى. ئەمدى خىتايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشىمىدىكى سۆزلەرنى، جۈملىدىن مەن ئۆزۈم بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ كەلگەن سۆزلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار».

بايېربوكنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ سىياسىي سىستېمىسىدا زور ئۆزگىرىش بولغان، شۇ سەۋەبلىك گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىمۇ ئ‍ۆزگىرىشى كېرەك ئىكەن.

بايېربوك يەنە گېرمانىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىلەردىكى تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئېلىپ، بېرلىن بىلەن قىممەت قارىشى ئ‍وخشىمايدىغان بىر دۆلەتكە ھەرگىز تايىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2021-يىلدىكى سودا ھەجمى 244 مىليارد دوللارغا يەتكەن.