د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا: «گېرمانىيە ئۈچۈن مەنپەئەت كىشىلىك ھوقۇقتىنمۇ ئەلا بولماقتا»

0:00 / 0:00

4-نويابىر باشلىنىدىغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى كەسكىن تالاش-تارتىشلارنى قوزغاۋاتقان بىر چاغدا، د ئۇ ق نىڭ 1-نويابىر بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي تەھدىتى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى قانداق ئىسلاھ قىلىشى كېرەك؟» ناملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شولىزدىن خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا زور غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان.

گېرمانىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلىنىڭ 1-نويابىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار شولىزدىن خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا شولىزدىن خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەۋاتقان بىر چاغدا، ئولاف شولىز مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە بىپەرۋا ھالدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يولىنى تاللىدى» دېگەن. ئۇ يەنە «گېرمانىيە ئۈچۈن مەنپەئەت كىشىلىك ھوقۇقتىنمۇ ئەلا بولماقتا» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

د ئۇ ق رەئىسىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ جىددىي قىزىقىش تېمىسىغا ئايلانغان. گېرمانىيەدە مەخسۇس خەۋەرلەر تارقىتىدىغان ن ت ۋ تېلېۋىزىيە قانىلى بۇ خۇسۇستا 1-نويابىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى: خىتاي زىيارىتى شولىز ئۈچۈن بىر ئىمتىھاندۇر» ناملىق خەۋىرىدە دولقۇن ئەيسانىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە ئورۇن بەرگەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ «ئۆتكەن 5 يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتى مىليونلىغان ئىنساننى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دېگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز(Olaf Scholz) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2022-يىلى 2-نويابىر، بېرلىن، گېرمانىيە.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز(Olaf Scholz) مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2022-يىلى 2-نويابىر، بېرلىن، گېرمانىيە. (REUTERS)

«كۈندىلىك كۆزنەك» خەۋەرلەر قانىلى 1-نويابىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازسىز ئازاب-ئوقۇبەتلىرى: مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ھازىرمۇ جازا لاگېرىدا» ناملىق خەۋەردە دولقۇن ئەيسانىڭ يەنە ئىككى قېرىندىشىنىڭ ھېلىمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا خارلىنىۋاتقانلىقىنى، ئانىسىنىڭ جازا لاگېرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى مىسال سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ز د ف تېلېۋىزىيە قانىلى 2-نويابىر ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار شولىزنىڭ سەپىرىنى ئەيىبلىدى» ناملىق خەۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى پاجىئەلىك ھاياتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. گېرمانىيەنىڭ باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەرمۇ ئوخشاش مەزمۇندا بولۇپ، ئۇلاردا شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتىگە قارىتا تەنقىدلەر ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى بايان قىلىنغان.

ئەمەلىيەتتە، بۇندىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ 4-نويابىر باشلىنىدىغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن باشلاپلا، ئۇنىڭ مەزكۇر زىيارىتى توغرىسىدا گېرمانىيە مەتبۇئاتلاردا جىددىي مۇنازىرىلەر باشلىنىپ بولغانىدى. مەلۇم بولۇشىچە، شولىز بۇ زىيارىتىدە خىتايدا پەقەت 1 كۈن تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ۋە لى كېچاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، شۇ كۈنى كەچتىلا ئايروپىلان بىلەن بېرلىنغا قايتىشنى پىلانلىغان. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى شى جىنپىڭ 3-نۆۋەت ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنى زىيارەت قىلغان تۇنجى غەرب دۆلىتى رەھبىرىنىڭ زىيارىتى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ «مۇستەبىت دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ دىكتاتورى» بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى خېلىدىن بۇيان تۈرلۈك تەنقىدلەرنى پەيدا قىلغانىدى. تۇنجى قېتىم خىتاي زىيارىتىنى باشلىماقچى بولۇۋاتقان شولىزغا ھەتتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوكمۇ بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىن گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» گە ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئولاف شولىزدىن خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشتىكى كونكرېت سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە شولىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مۇستەبىت بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ قايسىلا سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، خاتا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيەدىكى پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئولاف شولىزنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىگە ئوخشىمىغان باھالارنى بېرىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلغان ۋە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاي زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەم «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە يەنە، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ «شولىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دەپ قاراۋاتقانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

1-نويابىر كۈنى بېرلىندىكى فېدېراتسىيە ئاخبارات سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتاي تەھدىتى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئىستراتېگىيەسىنى قانداق ئىسلاھ قىلىشى كېرەك؟» ناملىق بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى خىتاينىڭ دىققىتىنى تارتقان. خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسى ۋۇ كېن فېدېراتسىيە ئاخبارات سارىيى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ يىغىننى كىملەرنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقى، نېمە يىغىنلىقى توغرىسىدا مەلۇمات سورىغان.

«دۇنيا» گېزىتىنىڭ 1-نويابىر ئېلان قىلغان «فېدېراتسىيە ئاخبارات يىغىنى خىتاي ئەلچىسىنىڭ غەلىتە زىيارىتىگە ئىنكاس قايتۇردى» ناملىق خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، بۇ يىغىننى فېدېراتسىيە ئاخبارات سارىيىنىڭ ئەزاسى ئۇتې ۋېلتي باش بولۇپ تەشكىللىگەن بولۇپ، ئۇ يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى سۆزىدە خىتاي ئەلچىسى ۋۇ كېننىڭ تور ئارقىلىق ئۆزلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىدىن ھەيران بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، ئەمما ۋۇ كېن بىلەن بولغان بۇ زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىگەن.