گېرمانىيە باش مىنىستېرى ئولاف شۇلىزنىڭ خىتايغا قاراتقان بىر كۈنلۈك زىيارىتى 4- نويابىر كۈنى ئاياقلاشقان. ئولاف شولىزنىڭ بۇ زىيارىتى دەل بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان خىتاي بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلىشىۋاتقان ھەمدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېخى يېقىندا 3-قېتىم ھوقۇقنى قولغا ئالغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى ھەم ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەم شۇنداقلا گېرمانىيە ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ نارازىلىقىغا قارىماي ئېلىپپ بېرىلغان بولغاچقا، نۇرغۇن بەس-مۇنازىرىلەرگە يول ئاچقان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.
BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، ئولاف شولىزنىڭ بۇ كۈچلۈك تالاش - تارتىش قوزغىغان خىتاي زىيارىتى 11 سائەت داۋام قىلغان. ئولاف شولىز بۇنىڭ بىلەن تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا بارغان ھەم شۇنداقلا شى جىنپىڭ 3-قېتىم ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنى زىيارەت قىلغان تۇنجى غەرب رەھبىرى بولۇپ قالغان.
شولز 4-نويابىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، بېيجىڭ خەلق سارىيىدا خىتاي باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن، چۈشتىن كېيىن باش مىنىستىر لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشكەن.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە، گېرمانىيە بىلەن خىتاينى «مۇرەككەپ ۋە داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ھەمكارلىشىش» قا چاقىرغان ۋە بۇ زىيارەتنىڭ «ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ھەمدە خىتاي-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى پىلانلاشقا پايدىلىق» دېگەن.
شولىزمۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشىنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىشتا خىتاينىڭ رۇسىيە بولغان تەسىرىنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئولاف شولىزنىڭ بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان خىتاينى زىيارەت قىلىشى، نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئاندېرس كور، شولىزنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى «ئەخلاقىي جەھەتتىن خاتا» دەپ باھالىدى. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«شولزنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ھەم شۇنداقلا يەنە دېموكراتىك تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنى پىلانلاۋاتقان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن قىلغان بۇ سەپىرى ئەخلاقىي جەھەتتە خاتادۇر. مەن بۇنى گېرمانىيەنىڭ نەچچە ئون يىللىق خىتايغا سالغان مەبلىغىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايمەن. ھازىر شولزمۇ مانا بۇ سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ بۇ نۆۋەت خىتايغا گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ باردى.»
دەرۋەقە، شولىز بۇ نۆۋەت خىتايغا گېرمانىيەنىڭ «BASF»، «Volkswagen» ۋە «Bayern» قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۆمىكىنى بىللە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىسىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىر رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشى بىلەن پەيدا بولغان ئېنىرگىيە كىرىزىسى ياۋروپانىڭ، جۈملىدىن گېرمانىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئۇچراتقان بولغاچقا، گېرمانىيە خىتايدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، ھېچنىمىگە قارىماي خىتايغا زىيارەتكە بارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىز خىتاي زىيارىتىدە خىتاينى بىر قىسىم مەسىلىلەردە تەنقىد قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان. ئولاف شولىز بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاينىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى پوزىتسىيەسى، تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان. ئەڭ مۇھىمى ئۇ خىتاينى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە يەنە، «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«مېنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ھوقۇقى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىم ئېنىق. كىشىلىك ھوقۇق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى ۋە خۇسۇسىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاز سانلىقلار ھوقۇقىنى قوغداش مەسىلىسدە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ مۇھىم. بۇ ھەقتىكى كېلىشىملەرگە ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر ھەممىسى قول قويغان. شىنجاڭغا ئوخشاش جايلاردا دۆلەتلەرنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا ۋە ئۇلارنى بۇ خىتابنامە بويىچە ئىش قىلىشقا ئۈندەش ھەرگىزمۇ باشقا دۆلەتنىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدۇ.»
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى، ئامېرىكادىكى كوممۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا، شولىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى باھالاپ مۇنداق دېگەن:
«شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى گەرچە ۋاقىت جەھەتتىن ۋە باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى جەھەتتىن مۇۋاپىق بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچ بولمىغاندا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىش ۋەدىسىدە تۇردى. ئۇ يۇقىرىقى سۆزى ئارقىلىق بۇ تېمىنى بىۋاستە تىلغا ئالغان ناھايىتى ئاز ساندىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.»
گېرمانىيە باش مىنىستىرى شولىز تەيۋەن مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ تەيۋەن مەسىلىسىدە «بىر خىتاي سىياسىتىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشنىڭ چوقۇم تېنچلىق ئىچىدە ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن ئىرادىسى ئىچىدە بولۇشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىگەن.
شولز يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا جازا تەدبىرى قويغانلىقىنىمۇ تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىلغان جازا قوبۇل قىلغۇسىزدۇر» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە خىتاينىڭ چەت ئەل شىركەتلىرىگە قوللىنىۋاتقان چەكلەش سىياسەتلىرىنىمۇ تەنقىدلىگەن.
ئادرىيان زېنز تىۋىتتېردىكى سۆزىدە، گەرچە شولىزنىڭ يۇقىرىقى تەنقىدىي سۆزلەرنى قىلىشى ياخشى ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما بۇ زىيارەتنى يەنىلا ئاقلاشقا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ئېنىقكى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.»
شۇلزنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، شولېزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ تەنقىدلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتتىكى سۆزىدە، «شولىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خۇددى كىشىلىك ھوقۇقنى باشقىچە چۈشىنىشتىن يۈز بېرىۋاتقاندەك بايان قىلىشى كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. گېرمانىيە خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ئاندېرس كور ئەپەندى، شولىزنىڭ بۇ زىيارىتى ئۇنىڭ ھېچنىمە بولمىغاندەك سودا-تىجارىتىمنى داۋام قىلىمەن، دېگەنلىكى دەيدۇ. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر شولز يۇقىرىقى شىركەت رەھبەرلىرى ئورنىغا بىر تۈركۈم كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى ئېلىپ بارىمەن، دېگەن بولسا قانداق بولاتتى؟ ئۇلار ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. مانا بۇ بىزگە ئۇنىڭ بۇ سەپىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى، يەنى مەنپەئەت رەزىللىكى ئاستىدا مەن بىلگىنىمنى قىلىۋېرىمەن، سودامنى داۋام قىلىۋېرىمەن، دېگەننى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.»
BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شولزنىڭ خىتاي زىيارىتى ياۋروپا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي پەيدا قىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك تەھدىتكە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىشتەك تىرىشچانلىقىغا بېرىلگەن زەربە، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون شولىزنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيەنىڭ ئۆزىنى يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
BBC نىڭ ئېيتىشىچە، شولىز ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشتىن ئاۋال، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ياۋروپا قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، تاشقىي سىياسەتتە گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۇزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئۇ ئىلگىرى قىلغان بىر سۆزىدە «ئەگەر خىتاي ئۆزگىرىۋاتقان بولسا، بىزنىڭمۇ خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىز چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك» دېگەن.
ھالبۇكى، شولىزنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىنكى خىتايغا تۇتقان سىياسىتى گېرمانىيە ئىچى ۋە سىرتىدا تالاش - تارتىش قوزغىغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ پورتىنىڭ پېيىنى خىتايغا سېتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن ئۇ ياۋروپادىكى شېرىك دۆلەتلەرنىڭ ۋە ھەتتا گېرمان خەلقىنىڭ ئىشەنچىنى يوقاتقان.
مەتبۇئاتلارنىڭ خۇلاسە قىلىشىچە، شولىزنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى قوزغىغان تالاش - تارتىش خېلى ئۇزۇنغىچە داۋام قىلىدىكەن.