گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» دە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان

0:00 / 0:00

«ئەينەك» ژۇرنىلى گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مەزمۇنلارنى ئاشكارىلىدى.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ناملىق سىياسىي ژۇرنالنىڭ 16 - نويابىر ھۆكۈمەتنىڭ بىر «مەخپىي ھۆججىتى»نى ئاشكارىلاپ ئېلان قىلغان «فىدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ناملىق ماقالىسىدىكى مۇھىم مەزمۇنلار، ئىككى كۈندىن بۇيان ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىلىپ دىققەت قوزغىماقتا.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ئەسلىدە تېخى تەستىقتىن ئۆتمىگەن ۋە ئاشكارىلانمىغان لايىھە بولۇپ، 59 بەتلىك بۇ لايىھە ئالدىنقى كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستېرلىكلىرىنىڭ مىنىستېرلىرىنىڭ كۆرۈپ پىكىر بېرىشىگە سۇنۇلغان. «ئەينەك» ژۇرنىلى بۇ لايىھەنى قولغا چۈشۈرۈپ، بۇنىڭدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە، بۇ مەزمۇنلارغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قاراش ھەم پىكىرلىرىنىمۇ قوشۇپ ئېلان قىلغان.

ماقالىدە ئىزاھلىشىچە، بۇ «مەخپىي ھۆججەت»تە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەر ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، خوڭكوڭ مەسىلىسىگە، كۈنسېرى كۈچلۈك تەھدىتكە يولۇقىۋاتقان تەيۋەن مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە دائىر مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان ۋە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق تاۋارلارنى مەنئىي قىلىشنىڭ چارە - تەدبىرلىرى بايان قىلىنغان. «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا زۆرۈر تېپىلغاندا، جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتىن چېكىنمەسلىك»مۇ تىلغا ئېلىنغان. ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇندىن باشقا يەنە قانداق مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى ۋە قانداق بايان قىلىنغانلىقى توغرىسىدا كونكىرېت مەلۇمات يوق.

ماقالىدە خىتاينى ياۋروپا ئەللىرىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش، ئەسكىرىي ۋە پۇقراۋىي ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئىككى خىل قوللىنىشچانلىققا ئىگە تاۋارلارنى خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتايغا سېتىشنى چەكلەش، خام ئەشيا ۋە ئېنىرگىيەدە خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىش، 300 مىليارد ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىلغان ياۋروپانىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاجىز دۆلەتلەرنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ غەربىي بالقان رايونلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى چەكلەپ، بۇ رايونلارنى مۇمكىن قەدەر تېزراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوينىغا ئېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىنى تازىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتا دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن زور بىر بۇرۇلۇشنىڭ سىگنالى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئەگەر بۇ ئىستراتېگىيە يولغا قويۇلسا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى تۈزۈمى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«بايېربوك خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كىشىلىك ھوقۇققا باغلىماقچى» ناملىق يەنە بىر ماقالىدە بايان قىلىشىچە، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىكى «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى»دە گېرمانىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق» ھالەتكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. يېڭى ئىستراتېگىيەدە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى باراۋەر ئورۇنغا قويۇش تەشەببۇس قىلىنغان.

گېرمانىيەدە «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى»نى تۈزۈش خىزمىتى 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۇنى ئېلان قىلىش ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى. خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ «يېڭى خىتاي ئىستراتېگىيەسى» باش مىنىستېرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى لازىمكەن. بۇ ئىستراتېگىيە كېلەر يىلىنىڭ باشلىرىدا فىدېرال ھۆكۈمەتنىڭ «دۆلەت خەۋىپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى» ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ ئىستراتېگىيە يولغا قويۇلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.