خىتاينى «قانۇن دۆلىتى قۇرۇۋاتىدۇ» دېگەن گېرمان سىياسەتچىسى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى
2023.11.27
2023-يىلىغا كەلگەندە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گېرمانىيە بىلەن خىتاينىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ زور دەرىجىدە چېكىنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا «ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ئاخىرلاشقان بۇ مەزگىلدە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) شى جىنپىڭنى «مۇستەبىت» دەپ ئاتاپ زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دائىم تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇشى ۋە گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە خىتاينى ماختايدىغان ئىبارىلەر ياكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزلەر ھازىرقى گېرمانىيە جەمئىيىتىدە نازۇك بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD نىڭ 22-نويابىر ئېلان قىلغان «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى شارپىڭ تەنقىد ئىچىدە قالدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيەنىڭ «Report Mainz» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى يېقىندا گېرمانىيەدىكى داڭلىق سىياسىي شەخسلەردىن بىرى بولغان رۇدولف شارپىڭ (Rudolf Scharping) نىڭ بىر جۈملە سۆزىنى ئاخبارات سەھنىسىگە كۆتۈرۈپ چىققان. بۇندىن 20 يىللار ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى» (SPD) نىڭ رەئىسى بولغان، كېيىنچە گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە رايىنلاند فالىز (Rhineland-Palatinate) ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن رۇدولف شارپىڭ يېقىندا خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا، خىتاينىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزىمىزنىڭ مۇستەبىتلىك ھەققىدىكى ئەنئەنىۋى قاراشلىرىمىز بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىقىمىز كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغان.
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى» (DW) 23-نويابىر ئېلان قىلغان «گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى سابىق سىياسىي رەھبىرى تەنقىدكە ئۇچرىدى، شارپىڭ خىتاينىڭ زۇۋانىغا ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ » ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، رۇدولف شارپىڭنىڭ يۇقىرىقى بىر جۈملە سۆزى گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن. نوتتېنغام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سىياسەتشۇناس ئاندىرېياس فۇلدا بۇ ھەقتە توختىلىپ «شارپىڭنىڭ خىتايدا سودا مەنپەئەتى بار. ئەگەر شارپىڭ گېرمانىيە سىياسىي ساھەسىدىكى بىر رەھبەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقمىغان بولسا ئىدى، مەسىلە چوڭىيىپ كەتمىگەن بولاتتى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى مىخائېل بىراند بولسا «شارپىڭ ئۆزىنىڭ روھىنى سېتىپ، بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز ۋە ھاياتلىق ئادەتلىرىمىزگە زور تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تارىختىكى ئەڭ چوڭ بىر مۇستەبىتنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالدى» دېگەن.
بۇندىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى ئىككى نەپەر خىتايشۇناسمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىنى مەدھىيەلەپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چاپان يېپىپ قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىغان ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ خىتايدىن ئېرىشىۋاتقان مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە ياخشىچاق بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا شارپىڭنىڭ «خىتايدا قانۇن دۆلىتى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى داۋاملاشماقتا» دېگەن سۆزىنىڭ ئىنتايىن مەسخىرىلىك بىر سۆز بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنىنى ئۆزى خالىغانچە دەپسەندە قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شارپىڭ يۇقىرىقى سۆزنى قىلغاندىن كېيىن «Report Mainz» ناملىق تېلېۋىزىيە قانىلى ئۇنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما شارپىڭ بۇنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ساھەسى ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا كىرىشكەن. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە شارپىڭنىڭ 2002-يىلى سىياسىي سەھنىدىن چېكىنگەنلىكى، 2012-يىلى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا بىر مەسلىھەتچىلىك شىركىتى قۇرغانلىقى، بۇ شىركەتنىڭ «خىتاي مەركىزى كومىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى» گە بىۋاسىتە قارايدىغان «خىتاي ئىقتىسادىي ئالاقە مەركىزى» بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، «خىتاي ئىقتىسادىي ئالاقە مەركىزى» نىڭ بولسا خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قارىتا تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر ئورگان بولغانلىقى قاتارلىقلار ئىسپاتلانغان. گېرمانىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىمۇ ئىلگىرى گېرمانىيە شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى خىتاينىڭ بۇ ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولغاندا قاتتىق دىققەت قىلىش لازىملىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، شارپىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ گېرمانىيەدە ئەمدى بازار تاپالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رۇدولف شارپىڭنىڭ بىر جۈملە سۆزى كۈچلۈك نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغاندىن كېيىن، ھازىر گېرمانىيەدە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى» بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزلىرىنى ئاقلاشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلار باياناتىدا شارپىڭنىڭ بۇ پارتىيەدىن ئايرىلغىنىغا 25 يىل بولغانلىقىنى، شارپىڭنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ «سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى» گە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.