دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ: «گېرمانىيەدىكى خىتايشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئېتىراپ قىلىدۇ»
2023.10.23

گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان راھىلە داۋۇت ۋە تۈرمە لاگېرلاردىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملارنى قوللاپ ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئوچۇق ئاشكارا تەنقىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باياناتىدا لاگېرلاردىكى «مىليون» ئۇيغۇرنى تىلغان ئالغان. گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.
باياناتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېتنوگراف ۋە مۇتەخەسسىس راھىلە داۋۇت دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. راھىلە داۋۇت ئېغىر جازا بېرىلگەن يۈزلىگەن تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ بىرى. بۇ ئۆتكەن ئالتە يىلدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى. نەتىجىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. »
بۇرۇن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا پىروفېسسور لويىتنېرنىڭ خىتاينى ياقلاپ گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە يېقىندا گېرمانىيەلىك ئىككى خىتايشۇناس مۇتەخەسسىس ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىن «زۇرىخ ۋاقتى» گېزىتىدە خىتاينى ياقىلاپ ماقالە ئېلان قىلغانىدى. ئۇلار ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «بىر ئۆتكۈنچى دەۋر» ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ۋەزىيىتىنىڭ «نورماللاشقانلىقى» نى تەكىتلىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى.
گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ «زۇرىخ ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلغان توماس ھېبېرېر ۋە ھېلۋىگ شمىد گلىنزېر ئىسىملىك بۇ ئىككى كىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ، بۇ ئىككى خىتايشۇناسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى «بىر ئۆتكۈنچى دەۋر» ئاتىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ «نورماللاشقانلىقى» پىكرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، «بۇ خىتايشۇناسلار يەرلىك خەلقنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دەردىنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. خىتايلار بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوستلۇقى بار. بۇلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىدۇ. » دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېرلىن ئىشخانىسى مۇدىرى غەييۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇ ئىككى خىتايشۇناسنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي مائارىپىنىڭ تەسىرىدە قالغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، «بۇ ئىككى خىتايشۇناسنىڭ كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتتى دەپ ئويلايمەن. لېكىن بۇلار گېرمانىيەدىكى بارلىق خىتايشۇناسلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. »
دوكتور رۇنى ستېنبېرگ گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باياناتى ۋە ئۇلارنىڭ مەيدانى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئىككى خىتايشۇناسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىسىنىڭ جەمئىيەتتە پەيدا قىلغان بەس مۇنازىرىلىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇ باياناتنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى چوڭ ئۆزگىرىش. ئۇ ئىككى خىتايشۇناسنى ۋاسىتىلىك تەنقىد قىلدى. ھازىر، گېرمانىيەدىكى خىتايشۇناسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالنى ياخشى چۈشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئەيىبلەيدۇ. »
غەييۇر قۇربان ئەپەندى ئاخىردا، گېرمانىيەدە يېقىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاخباراتلاردا ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا كۆپ مۇنازىرە قىلىنىپ گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى ئۈستىدە بىر بېسىم ھاسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتا پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ؛ «گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى، ئورنىنى ۋە رولىنى چىقىشى قىلىپ بۇ قارارنى ئالدى. ئۆزلىرىگە كېلىدىغان مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىپ ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان بۇ باياناتنى ئېلان قىلدى. تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. » دېدى.
لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە تونۇلغان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى دوكتور ئادرىيان زېنىز گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باياناتى ھەققىدە تىۋىتتېر، يەنى ھازىرقى x دا پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە-خىتاي تەتقىقات جەمئىيىتى راھىلە داۋۇتنى قوللاپ ۋە ھېسداشلىق قىلىپ بايانات بېرىپتۇ. بۇ باياناتتا، شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى پەردازلاشقا ۋە كۆز بوياشقا ئۇرۇنغان ئىككى گېرمانىيەلىك خىتايشۇناس ئىسمى ئاتالماي تەنقىدلىنىپتۇ. خىتايشۇناسلارنىڭ ئاممىۋى رولىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. » دېگەن.