گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوكنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى ئالقىشقا ئېرىشتى
2023.04.15

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك ( Annalena Baerbock ) 12- ئاپرېل كۈنى خىتايدىكى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى دەل فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون خىتايدا زىيارەتتە زىيارەتتە بولغاندا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «ياۋروپا ئامېرىكاغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تەيۋەن تەيۋەن مەسىلىسىدىكى توقۇنۇشىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك» دېگەن سۆزنى قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈز بەرگەن بولغاچقا كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
ھالبۇكى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بائېربوك خانىم خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپلا قالماي، بەلكى ماكروننىڭ ئەكسىچە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ ھەتتا بىۋاسىتە ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالغان.
گېرمانىيە خەۋەرلىرى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاننالىنا خانىم خىتايدىكى زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە يەنى 14- ئاپرېل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدە سۆز ئاچقاندا كەسكىن قىلىپ: « خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ جەمئىيەتكە ئارىلىشىش دائىرىسى بارغانسېرى تارىيىۋاتىدۇ، كىشىلىك ھوقۇقى ئاجىزلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ دوكلاتىدا ئېقى ئاق، قارىسى قارا ھالدا ناھايىتى ئېنىق يېزىلغان» دېگەن.
ئاننالىنا خانىمنىڭ سۆزلىرىگە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ رەددىيە بەرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەسىلىسىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە «بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ۋەزىيەت مۇقىم، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقان بولۇپ، خەلق تىنچلىق ۋە بەخت ئىچىدە ياشايدۇ» دېگەن.
چېن گاڭ يەنە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆزگە بولسا، « ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەھۋالى، مەدەنىيەت ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىدە بىردەك ئۆلچەم يوقلىغىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بائېربوك بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ «ئورتاق ئۆلچىمى» بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇنىڭغا ب د ت نىزامنامىسى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى ئەسلىتىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئەھدىنامىلەرگە قول قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بائېربوكنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىشى بىزگە ئۈمىد بېرىدىغان ئەھۋال»، دېدى.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: « بائېربوكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى بىزنى ئۈمىدلەندۈردى. چۈنكى ئالدىنقى ھەپتىلا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون خىتايغا بېرىپ كىشىلىك مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلغان ھەمدە خىتايغا يالۋۇرغان پوزىتسىيەدە بولغانىدى. بۇ بىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم غول دۆلەت گېرمانىيە بولسا خىتايغا ئوچۇق ئىپادىدە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېمەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت قىممەت قاراشتا چىڭ تۇرغان دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا خىتايغا بېسىم قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى».
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا خانىم بېيجىڭغا مېڭىشتىن ئىلگىرىكى سۆزلىرىدىمۇ خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە قاتتىق سۆزلەرنى قىلغانىدى. بىراق شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ خىتاي تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان. ئۇ 14- ئاپرېل خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن ئەمەل جەھەتتە ئۆزىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خەن جىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. 15- ئاپرېل كۈنى شەنبە كۈنى ئۇ يەنە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارى، يەنى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن.
گېرمانىيە خەۋەرلەر تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئاننالىنا خانىمنىڭ بۇنىڭغا قارىماي خىتايغا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشتىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بولسا بۇنى ھازىرقى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىغان پروتوكولىغا سادىق بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن غەرب دېموكراتىيەسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە گېرمانىيەنىڭ بۇنداق پوزىتسىيەدە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پروتوكولىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنىمۇ مۇھىم كۈن تەرتىپلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن. مانا بۇ، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پروتوكولغا سادىق قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىدە يەنىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى چىقىرىشىنى، ئامېرىكاغا ئوخشاش بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشىنى تەلەپ قىلىمىز».
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا خانىم يەنە، تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ ماكروننىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن كەسكىن سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينى تەيۋەن ئارىلىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە گېرمانىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنىڭ بىردەكلىكىنى تەكىتلەپ: « تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنىڭ بىر تەرەپلىك بولۇپمۇ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزگەرتىلىشى بىز ياۋروپالىقلار ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇسىز» دېگەن ۋە بۇ رايوندا يۈز بەرگۈسى ھەرقانداق ئۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۈچۈن «ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋىتى» بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئاننالىنا خانىم خىتاينى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنى ئەيىبلەشكە ۋە ئۇنى بۇ ئۇرۇشنى توختىتىش رولى ئويناشقا دەۋەت قىلغان.
ئاننالىنا خانىمنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدىكى كەسكىن پوزىتسىيەلىرى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭ فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون بىلەن سېلىشتۇرما بولغانلىقىنى دېيىشمەكتە.
گېرمانىيەدىكى مېركارتىس خىتاي تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى باربارا پونگراتېزنىڭ بىزگە دېيىشىچە، گېرمانىيە ھازىر يېڭى دەۋردىكى خىتايغا يارىشا خىتاي سىياسىتى تۇرغۇزۇپ چىقىشقا تىرىشماقتىكەن. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن: « گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقماقچى. ئۇ سەل كېچىككەن بولسىمۇ ھازىرقى خىتاينىڭ يەر شارىدىكى يېڭى رولى ۋە ئۇنىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپاغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەتراپلىق باھالاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، گېرمانىيە مەيلى ئىقتىسادىي، تېخنىكا ياكى تەتقىقات ھەمكارلىقى بولسۇن ھەر جەھەتتە خىتاي سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. ياۋروپا كومىتېتى 2019-يىلى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ خىتايغا قاراتقان سىياسىتى ئۆزگەردى. ئۇلار خىتاينى تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق رىقابەتچى، دەپ ئاتىدى».
باربارا خانىم سۆزىدە يەنە، ھازىرچە گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ ئەمما ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپرەك تەنقىدىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى قەيت قىلغان.