گېرمانىيەنىڭ داڭلىق خىمىيە سانائەت ماگناتلىرىدىن BASF شىركىتى 2016-يىلى 1-ئايدا كورلادىكى ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا خىتاينىڭ «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن شېرىكلىشىپ پول سىلىقلىغۇچ، سىر ۋە باشقا ئېرىتكۈچى مەھسۇلاتلارنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان خىمىيەلىك ماددا بۇتانېدىئول (BDO) زاۋۇتىنى ئاچقان. BASF شىركىتى شۇ يىلى 7-ئايدا «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن كورلا ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا يەنە سۈنئىي تالانىڭ مۇھىم خام ئەشياسى بولغان خىمىيەلىك ماددا (Poly THF) يەنى پولىتېترامېتىلېن ئېفىر گلىكول (Polytetramethylene Ether Glycol) ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرغانىدى. لېكىن گېرمانىيە سودا گېزىتى «Handelsblatt» نىڭ 5-نويابىر ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، BASF نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شېرىكى بولغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دۆلەت ھامىيلىقىدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. ب د ت نىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدىكى مەزكۇر پروگراممىسىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھەم ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە باقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
گېرمانىيە «Handelsblatt» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئەمەلىيەتتە BASF شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى شېرىكى بولغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» نىڭ بىر قىسىم ھەسسىدارلىق ھوقۇقى خىتاينىڭ «جوڭتەي گۇرۇھى» ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركىتى بولغان «جوڭتەي خىمىيە شىركىتى» نىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىكەن. گېرمانىيەدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئورگانلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇلار BASF نىڭ كورلادا زاۋۇت قۇرۇشىدىن ھەيران قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىغا ئەمەل قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
«گېرمانىيە ئەخلاقلىق پايچەكلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئانالىزچىسى تىلمان ماسسا 8-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىز بۇرۇن BASF نىڭ كورلادىكى بىرلەشمە زاۋۇتى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇزۇن يېڭى تەكشۈرۈشىمىزدىن مەلۇم بولغانلار ھەيران قالارلىق ئەمەس. لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن بىز BASF نىڭ بۇ ئىشنى قايتا كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز. ئەمما ئۇلار بۇنى (گېرمانىيەنىڭ) يېڭى تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، قانۇندا ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپىنىڭ ھەرقانداق شەپىسىنى تۇيغان ياكى خەۋەر تاپقان ھامان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك.»
تىلمان ماسسانىڭ قەيت قىلىشىچە، BASF شىركىتى كورلادىكى زاۋۇتىغا ئائىت مەسىلىلەردە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى كېرەك. ئۇ، شۇنداقتىلا بۇ شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىدىكى بەلگىلەرگە ئەمەل قىلغان قىلمىغانلىقىنى بېكىتەلەيدىكەن.
تىلمان ماسسا مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ BASF شىركىتىدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمىز، ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىدۇر. ‹Handelsblatt› گېزىتىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، ئۇلار بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئىچكى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھېچقانداق نەرسە بايقىمىغان. ئەمدى يەنە بىر قېتىم تاشقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش قىلىدىغان مۇپەتتىش شىركىتىنىڭ ئىسمىنى بەرمىگەن. بىز ئۇنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى ۋە ئېلىپ بارماقچى بولغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. شۇنىڭدىلا بىز ئۇلارنىڭ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى قارار قىلالايمىز.»
لېكىن BASF شىركىتى 8-نويابىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا «شىنجاڭ رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار» ئىكەنلىكىنى، «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» بىلەن شېرىكلىشىپ قۇرغان كورلادىكى زاۋۇتىغا قارىتا 2019 ۋە 2020-يىللىرى، شۇنداقلا بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھېچبىرىدە، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت دەلىللەرنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر شىركەت «كورلادىكى شېرىك كارخانىسىنىڭ مال تەمىنلىگۈچىلىرىگە قارىتا قانۇن يار بەرگەن دائىرىدە ئارقا كۆرۈنۈشىنى قەرەللىك تەكشۈرمەكتە، بۇنىڭغا پاراللېل رەۋىشتە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەدرىجىي ياخشىلاش ئۈچۈن تەدبىرلەرنى ئالماقتا» ئىكەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «جوڭتەي گورۇھىنىڭ ئامېرىكا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›دا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى، BASF شىركىتى ھازىرقى كورلادىكى شېرىك كارخانىسىنىڭ ئاز بىر قىسىم ھەسسىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتەك ۋەزىيەتتە، BASF نىڭ كورلادىكى بىرلەشمە كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ھېچقانداق قانۇنىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مەيلى قانۇنىي تەسىر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز شىنجاڭدىكى ئەھۋالغا قارىتا، قەرەللىك ھالدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرماقتىمىز. بۇ شېرىك كارخانا ۋە ئۇنىڭ پايچېكلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا».
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، جوڭتەي گۇرۇھى BASF شىركىتىنىڭ كورلادىكى كارخانىسىغا شېرىك بولغان «شىنجاڭ ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئاز بىر قىسمىغا ۋاسىتىلىك ھەسسىدار بولۇپ، شېرىك كارخانىنىڭ 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق پاي چېكى باشقا بىر قانچە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئىلىكىدە ئىكەن. باياناتتا: «بىز بىرلەشمە كارخانىمىزنىڭ شېرىكلىرىدىن ‹ماركور خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى›، جوڭتەي گۇرۇھى ۋە كورلا ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن قەرەللىك ئۇچرىشىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە ئوچۇق ئاشكارا بولۇشنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ مېڭىۋاتىمىز» دېيىلگەن.
لېكىن گېمرانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، BASF شىركىتى ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاشلا مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقتىكەن.
«گېرمانىيە تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ھاننو شېدلېر 8-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىققا جاۋاب بېرىشتىن قاچماقتا. ئۇلار پائالىيىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا. بىز شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن رايوننىڭ سودىسىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، يېقىنقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا 47 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى بىلدۇق. ئېنىقكى، شىنجاڭدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن سودا قىلىۋاتقان بۇ كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرايدۇ. BASF شىركىتىنىڭ ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاشلا ئۆزىنى ئاقلىشى مېنى ھەيران قالدۇرمىدى.»
ھاننو شەدلېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، BASF شىركىتى رايوندىكى شېرىك كارخانىسىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، رايوننىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتى ھەققىدە ھەقىقىي رەۋىشتىكى بىر تەكشۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.
ھاننو شەدلېر مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ھەقىقىي رەۋىشتىكى بىر تاشقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق. چۈنكى، بۇ رايوندا مۇستەقىل تەپتىش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت ئەمەس. بىز ۋولكىسۋاگېننىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلىمىز. مېنىڭچە بۇ شىركەتلەر شۇنى بىلىشى كېرەك، ئۇلار كىشىلەرنى جازا لاگېرلىرىنى قۇرغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقان، ئائىلىلەرنى پارچىلىغان ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە تۇتۇۋاتقان بىر سىستېما بىلەن ھەپىلىشىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ بۇ سىستېمىدىن قېچىش مۈمكىنچىلىكىڭىز يوق. بۇ سىستېمىدىن قېچىشنىڭ بىردىن-بىر يولى بۇ رايوندىن چىقىپ كېتىشتۇر.»
«ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» بۇ يىل ياز ئايلىرىدا «گېرمانىيە ئەخلاقلىق پايچېكلەر جەمئىيىتى» ۋە «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «بىلەن بىرلىشىپ، گېرمانىيەنىڭ مىرسىدېس-بېنز، BMW ۋە ۋولكىسۋاگېن شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلىگۈچىلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەرز قىلغان. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ئىقتىساد ۋە ئېكسپورت كونترول ئىدارىسى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلغانىدى. «ياۋروپا ئاساسى قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ ئادۋوكاتى Kloe Bailey كلوە باىلەي نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، رايوندىكى ھەرقانداق شىركەتنىڭ ئۇنىڭغا چېتىلىش خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.
كلويې بەلېي 8-نويابىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى شۇنچىلىك چوڭ، بۇ رايوندا مەشغۇلات قىلىدىغان ياكى بۇ رايونغا جايلاشقان زاۋۇتلاردىن تەمىنلىنىدىغان ھەرقانداق شىركەت، ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ شېرىك كارخانىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
كلويې بەيلېينىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر شىركەتلەر مۇۋاپىق تەدبىر ئالمىسا، گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىكەن. كلويې بەيلېي مۇنداق دەيدۇ: «شىركەتلەر خەۋپنى بايقاش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق تەدبىر قوللانمىسا، بىزنىڭ يېقىندا گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتىنى ئەرز قىلغىنىمىزغا ئوخشاش گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىش خەۋپىدە قالىدۇ.»
«گېرمانىيە ئەخلاقلىق پايچېكلەر جەمئىيىتى» دىكى تىلمان ماسسانىڭ قارىشىچە، BASF شىركىتىنىڭ كورلادىكى زاۋۇتىغا قارىتا «تاشقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىمىز» دېگىنى ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئەمەس ئىكەن. ئۇ يەنە گېرمانىيە تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى كارغا كەلمىدى، دېيىشكە بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، ئەمما بۇ قانۇننى ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا سېلىشتۇرغاندا بەزى ئاجىزلىقلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
تىلمان ماسسا: «بۇ مەسىلىدە تاشقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمىز دېگىنى ئاقمايدىغان يول. بۇ ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر ئەمەس. مەزكۇر رايوننىڭ مەۋجۇت شارائىتىدىن ئالغاندا شىركەتلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشى ئەڭ مەسئۇلىيەتچانلىق ھېسابلىنىدۇ. مەن گېرمانىيەنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى قانۇنىنى پۈتۈنلەي كارغا كەلمىدى، دېيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. لېكىن بىز ئۇنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز. چۈنكى، بۇ قانۇن ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو قانۇنىغا ئوخشاش بايقۇت قىلىش چەك-چېگرىسى بەك ئېنىق ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى تېخى يېقىندىلا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى 3 شىركەتنى ئۆزىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. بۇ شىركەتلەرنىڭ بىرى «شىنجاڭ جوڭتەي گۇرۇھى» بولۇپ، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن «جوڭتەي گۇرۇھى» ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىدىكى «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قاتناشقان» 27 شىركەتنىڭ بىرى بولغان.