27-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ خاننوۋېر شەھىرىدە «گېرمانىيە شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىننى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىلەردىن بىرى بولغان يېشىللار پارتىيەسى ئۇيۇشتۇرغان. مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشكىللەنگەن بۇ يىغىنغا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋە ياۋروپا ئىشلىرى باياناتچىسى دراگوس پانسېسكۇ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋىيولا فون كرامون قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلغان.
«گېرمانىيە شىركەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى» ناملىق بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان مارگارېتا باۋزېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم ئەربابلىرى قاتناشقاندىن سىرت، گېرمانىيەدىكى بەزى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بەزى سودا شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى ھەم سىياسىي ئاكتىپلارمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يىغىندا دوكلات تەقدىم قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان.
خاننوۋېر شەھىرىدىن بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە تارماق شىركىتى بولغان ۋولكس-ۋاگېن ماشىنا زاۋۇتى قاتارلىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە بىپەرۋا قاراۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى بۇ يىغىننىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان ھەمدە گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرىگە شېرىك بولماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋوكېس-ۋاگېن ماشىنا شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسئۇلى ئالدىنقى يىللىرى بېيجىڭدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «جازا لاگېرلىرىدىن خەۋىرىم يوق» دېگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر شىركەت ئېغىر بېسىم ئاستىدا قالغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ مەسىلىمۇ تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يىغىنغا قاتناشقان مەركىزى گېرمانىيەدىكى تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دېرىكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىلىرى، جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان خەلقلەر ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلار ۋە گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ بۇ زۇلۇملارغا كۆز يۇمۇش مەسىلىلىرى ئەتراپلىق تالاش-تارتىش قىلىنىپ ئۆتۈلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، جازا لاگېرلىرىدىكى مەجبۇرى ئاسسىمىلاتسىيە ۋە ئېغىر زۇلۇم، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە قۇربان قىلىنىش مەسىلىسى، گېرمانىيە سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا سۈكۈت قىلىشى ياكى كۆز يۇمىۋېلىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بىز يىغىندا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقاپ مىليونلىغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن قانداق بېسىملارنى ئىشلىتىش، نېمىلەرنى قىلىشىمىز لازىملىقى توغرىسىدىمۇ مۇھاكىمىلەر ئېلىپ باردۇق. جازا لاگېرلىرىدا مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقان، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن پاجىئەلىك خورلاشلارغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالدۇرراق ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردۇق.»
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، يىغىنغا قاتناشقان گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قىلغان سۆزلىرىدە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق خىتايغا ئۈنۈم بېرىدىغان شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى، گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىجارىي پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلەشكەن.
يىغىن خاتىمىسىدە مەتبۇئات يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. دولقۇن ئەيسا ۋە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى خادىملىرى ئاخبارات ساھەسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن. ۋولكېس-ۋاگېنغا ئوخشاش سودا شىركەتلەرىگە مەتبۇئات بېسىمى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكى بۇ يىغىندا تەكرارلانغان.