گېرمانىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ARD: «ئۇيغۇر خەلقى جىددىي قۇتقۇزۇشقا چاقىرماقتا»

0:00 / 0:00

22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىرىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جەم بولۇپ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە خىتاينى جازالاش قارارى ئېلان قىلىشى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. گېرمانىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD مۇ شۇ كۈنى بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇللام ئىمېروۋنى زىيارەت قىلىپ «ئۇيغۇر خەلقى جىددىي قۇتقۇزۇشقا چاقىرماقتا» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى.

ARD نىڭ: «بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارىتا جازا يۈرگۈزدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟» دېگەن تۇنجى سوئالىغا، ئابدۇللام ئىمېروۋ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: «بۇ بىزنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇردى. بۇ تېخى تۇنجى قەدەم. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن ئالاقىدار 4 خىتاي جازالاندى. بىز ئەلۋەتتە تېخىمۇ كونكىرېت جازالارنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز، خۇددى روسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازاغا ئوخشاش. ئالېكسىي ناۋالنىيدىن ئىبارەت بىر ئادەمنى زەھەرلىگەنلىكى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى روسىيەگە قارىتا شۇنچە كۆپ ئەمەلىي جازالارنى يولغا قويدى. ئەگەر سىز بۇنى بىزنىڭ خەلقىمىز بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز، بۇ يەردە مىليونلىغان ئىنساننىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىق مەسىلىس بار. بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغىمۇ روسىيەگە يۈرگۈزگەندەك جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى كۆرەلمىدۇق. ئۇيغۇرلار بىر شەخس ياكى بىر پارتىيە ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن خەلقتۇر.»

«ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ بىرەلەمسىز؟» دېگەن سوئالغا ئابدۇللام ئىمېروۋ ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ رەزىل ۋاستىلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، بىر پۈتۈن مىللەتكە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يەنە لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن لاگېرغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى، خىتاينىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىكى جىنايىتىنى پاش قىلىدۇ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپىئەتنى دەپ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا كۆز يۇمماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىسىدا مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

بۈگۈن بۇ ھەقتە بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللام ئىمېروۋ ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق جەمئىي 30 دۆلەتنىڭ خىتاينى جازالاپ ئېلان قىلغان قارارىدىن بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭمۇ كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن بۇنىڭدىنمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خىتاينى جازالىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي بىلەن ئەمەس، بەلكى قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش بولغان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇدىغانلىقىنى 22-مارتتىكى قارارى ئارقىلىق ئىپادە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە يەنە خىتايغا قارشى بەزى كونكىرېت جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

22-مارتتىكى 30 دۆلەتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىق قارارى ۋە خىتاينىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئىككى كۈندىن بۇيان، بولۇپمۇ گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق مەتبۇئاتلار، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە.