گېرمانىيە تاراتقۇلىرى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى: ئىنسانلار دىكتاتورنىڭ ئاخبارات قورالىغا ئايلاندۇرۇلماقتا»
2019.04.22
20-ئاپرېل «گېرمانىيە رادىئو مەدەنىيىتى» قانىلىدا «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى: ئىنسانلار دىكتاتورنىڭ ئاخبارات قورالىغا ئايلاندۇرۇلماقتا» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر قانالنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى ئاخېل دورلوفنىڭ بايان قىلىشىچە، دىجىتال دىكتاتورلۇق يولىغا ماڭغان خىتايدا بۇنىڭ تۇنجى قۇربانلىرىغا ئايلانغۇچىلار ئۇيغۇرلار بولغان.
«دىجىتال دىكتاتورلۇق يولىغا قەدەم باسقان خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە شەپقەتسىزلەرچە ھۇجۇم باشلىدى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلانغان بۇ خەۋەردە خىتاينىڭ يۇقىرى ئېلېكترونلۇق تېخنىكىلارنى مۇستەبىتلىكنىڭ قورالى سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ تۇنجى قۇربانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ ئۆلكىسىنى ساقچى، دىجىتال نازارەت ۋە جىنايى ئىشلار ئورگانلىرى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلمىغا ئۆزگەرتمەكتە،» دېيىلگەن. خەۋەردە قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى مىسالغا ئېلىنىپ «بۇ شەھەردىكى كۈندىلىك ھايات پەرىشانچىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك نازارەت بىلەن تولۇپ تاشقان،» دەپ بايان قىلىنغان.
خەۋەردە «ئەگەر كىم بۇ شەھەرگە كىرمەكچى بولسا، ساناقسىز تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ھەممە يەر بىخەتەرلىك نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان. شەھەرنىڭ ھەممىلا يەرلىرىگە چىراي تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتاللىرى قاچىلانغان نازارەت كامېرالىرى ئورنىتىلغان. مۇبادا تاكسى بىلەن ماڭماقچى بولسا تاكسىنىڭ ئالدى ۋە ئارقىغا كامېرالار بېكىتىلگەن، تاكسىنىڭ ئىچىگە بولسا ئۈنئالغۇ ئورنىتىلغان. بولۇنغان گەپ-سۆزلەرنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ،» دېيىلگەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل دىجىتال نازارەت يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىمۇ ئومۇملاشقان ئىكەن.
«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشى: ئىنسانلار دىكتاتورنىڭ ئاخبارات قورالىغا ئايلاندۇرۇلماقتا» ناملىق خەۋەرنىڭ «1 يېرىم مىليون ئىنسان جازا لاگېرلىرىدا» دېگەن بۆلىكىدە خىتايدىكى بۇ دىجىتال نازارەتنىڭ كوچا-كويلار بىلەنلا چەكلەنمىگەنلىكى، ھەتتا قولۇم-قوشنىلار بىر بىرىنىڭ ئۆيىگە كۆپرەك كىرسىمۇ ياكى كىشىلەر توپلىشىپ پاراڭ سېلىشسىمۇ ئاپتوماتىك ھالدا ساقچىغا سىگنال بېرىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلىدۇ.
«گېرمانىيە رادىئو مەدەنىيىتى» قانىلىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى ئاخېل دورلوفنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان يۇقىرى تېخنىكا شىركەتلىرى مۇشۇ دىجىتال نازارەت كەسپىگە تايىنىپ جان باقىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن. خىتاي ئىچىدە بۇ خىل نازارەت تېخنىكىلىرىغا نىسبەتەن تەنقىدلەش سادالىرى يوق دېيەرلىككەن. تەنقىد پەقەت سىرتتىن كېلىۋاتقان بولۇپ، غەرب ئەللىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ب د ت بۇ خىل نازارەتنى تەنقىدلىگەن. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلىتىدىغان ئالاھىدە ۋاسىتىچىلىرى يوق ئىكەن.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، چېكىدىن ئاشقان بۇ نازارەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىر بىرىگە سالاممۇ قىلالمايدىغان، بىر بىرى بىلەن مۇڭدىشالمايدىغان، بىر سورۇندا ئولتۇرالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان.
خىتاينىڭ دىجىتال نازارەت سىياسىتى خېلىدىن بۇيان خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن بىر تېما. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى بۇ خىلدىكى يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شېرىك بولماسلىقنى تەلەپ قىلىشقان.