يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مىنىستېر نامزاتى ئاننالېنا خانىم نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ۋە خىتاينى جازالاشنى تىلغا ئالدى.
16 يىلدىن بۇيان گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ھوقۇق تۇتۇپ كەلگەن خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيەنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئاخىرلىشاتتى. بىر ئايدىن بۇيان ئانجىلا مېركىلنىڭ ئورنىغا باش مىنىستېرلىك ۋەزىپىسىگە ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىدىغان بىرقانچە كىشى پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھىچبىرى 19-ئاپرىل توساتتىن ئۆزىنى باش مىنىستېرلىككە نامزات كۆرسىتىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئاننالېنا بايېربوك كەبى دىققەت قوزغىمىغان ئىدى.
«يېشىللارنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى» دەپ تەرىپلىنىۋاتقان يېشىللار پارتىيەسىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان 40 ياشلىق ئاننالېنا بايېربوك بىرقانچە كۈندىن بۇيان گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ چولپىنىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇنداق بولۇشىغا قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغا قەدەر يېشىللار پارتىيەسىدىن باش مىنىستېر نامزاتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ باقمىغانلىقى، ئاننالېنا بايېربوكنىڭ تۇنجى باش مىنىستېر نامزاتى بولغانلىقى سەۋەب بولغان ئىدى.
«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ 24-ئاپرىلدىكى «» ھەم دىئالوگ ھەم قاتتىق قوللۇق بىلەن» ناملىق ماقالىسىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاننالېنا بايېربوك باش مىنىستېر نامزاتى بولغاندىن بۇيانقى نۇتۇقلىرىدا ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە بولغان قاراشلىرىنى كەسكىن ئىپادە قىلىشقا باشلىغان. ناۋادا ئۇ باش مىنىستېر بولسا، خىتاي ۋە رۇسىيەگە قارىتا قاتتىق جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىدىن بىشارەتلەر بەرگەن.
ئاننالېنا بايېربوك «فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا گېرمانىيە ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنى «كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۈزۈلمە خاراكتېرلىق رىقابەت مۇناسىۋېتى» دەپ ئاتىغان. خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى «زور كۈچ كۆرسىتىش سىياسىتى» دېگەن. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالغان: «خىتاي مانا مۇشۇنداق يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان زور بىر ئىقتىسادىي گەۋدە. بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى تامامەن يىراق تۇتۇشقا چارىسىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيىتقاندا، بىزنىڭ ئەركىن، دېموكراتىك دۆلەتلىرىمىز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇقەدەر كۈچلۈك بولغان بولسا، ئۇنى كۈچلۈك قىلغان نەرسە قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىدۇر. بىز مۇشۇ ئاساستا ھەرىكەت قوللىنىشىمىز لازىم. مەسىلەن، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ‹ياۋروپا-خىتاي مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى› دا ياۋروپا تەرەپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر ئاز سانلىقلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئېتىبار بىرەلمىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن يارالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرمەسلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى لازىم».
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاننالېنا بايېربوك ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزىغا قارشى جازا يۈرگۈزۈشنى، خۇاۋېي قاتارلىق خىتاينىڭ دىگىتال تور ئېقىملىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەشنى، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتايدىن كېلىدىغان خەۋپلەرگە جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگرالىرىدا پەيدا قىلغان جىددىيچىلىكى ئۈچۈن رۇسىيەنىمۇ جازالاش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ مىنىستېر نامزاتى ئاننالېنا خانىم ئەگەر باش مىنىستېر بولۇپ سايلانسا، بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، گېرمانىيەدىكى يېشىللار پارتىيەسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيە ئىكەن. مەزكۇر پارتىيەنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى باياناتچىسى مارگېرىتا باۋزى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىناس دوستىغا ئايلىنىپ قالغان. ئوخشاشلا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋەكىلى، ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى رايىنھارد بۈتىكوفېرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك خىتاينى جازالاشنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇزۇندىن بۇيان قاتتىق تەلەپ قىلىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان. 22-مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازاسىغا قارشى خىتاي ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا ئېلان قىلغاندا. رايىنھارد بۈتىكوفېرنىمۇ جازالانغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ئىچىگە ئالغان.
د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىللەردىكى سايلاملىرىدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىياتىنىڭ بىر ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
25-ئاپرىل گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «سۈرەتلەر» گېزىتى ئېلىپ بارغان راي سىناشتىن مەلۇم بولىشىچە، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستېر نامزاتى ئاننالېنا بايېربوك نۆۋەتتە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال پارتىيەسىدىن ئىبارەت بىرلەشمە پارتىيەنىڭ باش مىنىستېر نامزاتى ئارمىن لاشىت ھەم سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىەسىنىڭ باش مىنىستېر نامزاتى ئولاف شولىزدىن ياخشىراق باھاغا ئېرىشكەن. بىرلەشمە پارتىيە نامزاتى ئارمىن لاشىت 27 پىرسەنت ئاۋازغا، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى ئولاف شولىز 13 پىرسەنت ئاۋازغا، يېشىللار پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستېر نامزاتى ئاننالېنا بايېربوك بولسا 28 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ «رېكورت ياراتقان». ئۇنىڭ باش مىنىستېر بولۇپ سايلىنىش ئېھتىماللىقى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن.